باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

مۇقام دىيارىدىكى مۇنەۋۋەر تەربىيەچى

مۇساجان ياسىن

      ‹‹بىز ئايشەمگۈل مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى بەك ياخشى كۆرىمىز››. بۇ يەكەن ناھىيەسى يەكەن بازىرى كوناشەھەر مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسى، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئايشەمگۈل ئابدۇرېشىتقا بەرگەن باھاسى.

      ئايشەمگۈل ئابدۇرېشىت مۇئەللىم 1989 – يىلى يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ مۇزىكا كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ناھىيە مەركىزىدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغارچى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىندى. ئۇ مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن يېزىدىكى خەلق سەنئەتچىلىرىنى ئۇستاز تۇتتى. مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرسىنى قايتا – قايتا ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىدىن ئۆرنەك ئالدى. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتا ئەدەبىيات – سەنئەت كۇرۇژۇكى قۇرۇپ 2 – دەرسخانا پائالىيىتىنى جانلاندۇردى.

      ئايشەمگۈل مۇئەللىم 1992 – يىلى رەھبەرلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گۈلباغ يېزىسى ھەزىرتىپېر باشلانغۇچ مەكتىپىگە يۆتكىلىپ كېلىپ چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسى ۋە مۇزىكا دەرس بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئايشەمگۈل مۇئەللىم بۇ يېڭى ئورۇندا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەترەت پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بېرىلىپ خىزمەت قىلدى. ئايدا بىر قېتىم چوڭ ئەترەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ھەپتىدە بىر قېتىم ئوتتۇرا ئەترەتلەر ئارا كىتاب ئوقۇش، تاپشۇرۇق كۆرگەزمىسى، تەسىرات سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇردى.

 
سۈرەتتە: ئايشەمگۈل مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىمەكتە

      2003 – يىلى گۈلباغ يېزىسىدىكى ھەزىرتىپېر، قۇمدۆڭ، تېرەكباغ قاتارلىق بەش كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى بىرلەشكەندىن كېيىن رەھبەرلىك ئۇزۇن يىل چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىك ۋەزىپىسىنى ئىشلىگەن بۇ تۆھپىكار باغۋەننى مەكتەپنىڭ چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىك خىزمىتىگە قويدى. ئايشەمگۈل مۇئەللىم ئالدى بىلەن ئەترەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ 3000 غا يېقىن پىيونېرنى يېتەكلەشنى مۇھىم خىزمەت دەپ بىلدى. پىيونېرلار ئارىسىدا ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار رادىيو تەشۋىقات ئەترىتى›› قۇرۇپ مەكتەپتىكى ئۈلگىلىك ئوقۇغۇچىلارنى تەشۋىق قىلدى. قەرەللىك ھالدا ئائىلە سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرۇپ ئەخلاق تەربىيەسىدە جەمئىيەت، ئائىلە، مەكتەپنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. چوڭ ئەترەتلەر ئارا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ‹‹بەشنى سۆيۈش›› تەربىيەسى، قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسى توغرىسىدا لېكسىيە ئۇيۇشتۇردى. ناھىيەلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ (خەنزۇ) بىلەن دوستلۇق ئورناتتى. پىيونېرلار ئارىسىدا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ئۇلارنى لېي فېڭدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى. ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، جانلىق، تىرىشچان پىيونېرلارنى ئەترەت خىزمىتىگە قويۇپ پىيونېرلارنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

      ئايشەمگۈل مۇئەللىم كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ناھىيە، ۋىلايەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تەربىيەچىلەر كۇرسىغا ئاكتىپ قاتناشتى. ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ھەر 15 كۈندە بىر قېتىم ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرىگە ئۆگەنگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بېرى كۆپ قېتىم مەكتەپ، ناھىيە، ۋىلايەت بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››، ‹‹‹8 – مارت› قىزىل بايراقدارى››، ‹‹يۈز كۈنلۈك ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتىدىكى ئىلغار شەخس››، ‹‹مۇنەۋۋەر تەربىيەچى››، ‹‹ئون مۇنەۋۋەر تەربىيەچىنىڭ بىرى››، ‹‹ئۈلگىلىك مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى›› بولۇپ تەقدىرلەندى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر