باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

جاپاكەش ئۇستاز

ئابدۇغوپۇر ئۆمەر

      مەرىپەت بۇلىقى ئانا مەكتىپىم،

      سۇ ئىچتى ئۇنىڭدىن چاڭقىغان دىلىم.

      ئانامدەك تەلەپچان، مېھرىبان ئۇستاز،

      بارىنى بىز ئۈچۈن قىلماقتا تەقدىم.

 

      مەكتىپىم چىرايلىق باغچىدۇر گويا،

      زەپ ياڭراق ئۇنىڭدا بۇلبۇلنىڭ كۈيى.

      ئۇستازلار ئۆگىتەر ھارماستىن بىلىم،

      تۆكۈلەر ئاغزىدىن ئۈنچىدەك سۆزى.

 

      ئۇستازلار ئەجرىدە چىقتى بۇ تىلىم،

      ئۇستازلار بولغاچقا نۇرلاندى دىلىم.

      ئۇستازلار، ئۆمرۈڭلار زىيادە بولغاي،

      ھەممە ياق نۇر بولسۇن، گۈللىسۇن ئېلىم!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر