باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

ياخشى تەربىيەچى بولايلى

      ئەترەت خىزمىتىدە ئىلغارلىقنى تالىشىش پائالىيىتىنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇشتا ئەڭ مۇھىم ھالقا ئېتىقادى مۇستەھكەم، ساپاسى يۇقىرى تەربىيەچىلەر قوشۇنىبەرپا قىلىپ، تەربىيەچىلەرنى بەس – بەستە ياخشى تەربىيەچى بولۇشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەت. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ياخشى تەربىيەچى بولغىلى بولىدۇ؟ مېنىڭچە بۇنى تۆۋەندىكى ئالتە جەھەتتىن ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.

تەربىيە ئېڭىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش

      تەربىيەلەش بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە، تەربىيە ھادىسىسى تەشكىلىي ھادىسە بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىشى، دېموكراتىيەلىشىشى ئېلىپ كەلگەن مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىش ۋە دېمۇكراتىيەلىشىشىنىڭ مەھسۇلى. تەربىيەلەش تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ئورنى ۋە رولى بىلەن تەربىيەچىنىڭ ئورنى ۋە رولىنىڭ بىردەكلىكىدىن ئىبارەت. دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلغاندا ئەترەت تەربىيەچىلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ئۇقۇمنى مۇنداق شەرھلەشكە بولىدۇ: تەربىيەچىلىك پىيونېرلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ئەترەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان، ئەترەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتى ۋە كەڭ پىيونېرلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىشتۇر.

      تەربىيە ئوبيېكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئاساس پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ تەربىيەلەش ئوبيېكتى كوللېكتىپ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەترەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، يەنى چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك ئەترەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئەترەت ئىچىدىكى ھەرخىل قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك كۇرۇژۇك تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ تەربىيەلەش ئوبيېكتى يەككە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا پىيونېرلاردۇر، يەنى ئۇ ئەترەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرىنى، بارلىق پىيونېرلارنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا يەنە يەككە پىيونېرلارغا ئايرىم مەسلىھەت بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

      پىيونېرلار ئەترىتى تەربىيەسى ئەڭ مۇھىمى تەشكىلگە بولغان تەربىيەلەشنى بولۇپمۇ تەشكىلىي پائالىيەت، تەشكىلىي قۇرۇلۇشقا بولغان تەربىيەلەشنى كۆرسىتىدۇ، تەشكىل ئىچىدە ئۆسمۇر – بالىلارنىڭ خاراكتېرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىلگىرى سۇرۇش، ئۇنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ دەل ئەترەت تەربىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆزگىچىلىكى ھېسابلىنىدۇ.

تەربىيەچىلىك ئورنىنى توغرا بېكىتىش مۇھىم ھالقا

‹جۇڭگو پىيونېرلار ئاۋانگارت ئەترىتىنىڭ نىزامنامىسى›دا تەربىيەچىلەرنىڭ قوش قاتلاملىققا ئىگە ئورنى مۇنداق بەلگىلەنگەن: ‹‹ئۇلار پىيونېرلارنىڭ يېقىن دوستى ۋە يېتەكچىسى››، شۇڭا ئەترەت تەربىيەسى تەربىيەچىنىڭ پىيونېرلار بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ، دوستانە ياردەم شەكلى بىلەن پىيونېرلار ۋە ئۇلار تۇرغان تەشكىلاتنى تەربىيەلەش جەھەتتە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەترەت تەشكىلاتىدا پىيونېرلار بىردىنبىر ئاساسىي گەۋدە، ئەمما بۇ ئاساسىي گەۋدە قانداقلا بولمىسۇن قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار بولۇپ، چوڭلارنىڭ تەربىيەسىگە ۋە ياردىمىگە موھتاج. تەربىيەچىنىڭ ئۆزى مائارىپچىدۇر، ئۇ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىكىگە، مەكتەپنىڭ ئەترەت خىزمىتىگە ياردەم بېرىشكە كەلگەن كونكرېت ئىش بېجىرگۈچى. شۇڭا، تەربىيەچىلەر پىيونېرلارغا قارىتا يېتەكچىلىك رولىنى ئوينايدۇ ۋە جارى قىلدۇرىدۇ . بۇ خىل يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە تەربىيەلەش كوممۇنىسىتىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەترەتكە رەھبەرلىك قىلىشىدىكى ئالاھىدە بىرخىل شەكلى بولۇپ، بۇنى تەربىيەلەش ۋە رەھبەرلىك قىلىشتەك ئىككى خىل رولغا ئىگە تەربىيەلەش دېيىشكە بولىدۇ.

ئەترەت تەربىيەچىسىنىڭ رولى ۋە ئورنى كۆپ قاتلاملىققا ئىگە

      1. تەربىيەچىلەر ئەترەت كوللېكتىپىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ يېتەكچى، نەمۇنىچى بولۇشى، ئارقىدا قالماسلىقى، ئۆز ئىختىيارى بويىچە ئىش تۇتماسلىقى لازىم.

      2. تەربىيەچىلەر ئەترەت كوللېكتىپىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ مەسلىھەتچى ياردەمچى بولۇشى، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى، ئورنىنى ئىگىلىۋالماسلىقى لازىم.

      3. تەربىيەچىلەر ئەترەت كوللېكتىپىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئۆزئارا ئالاقىنى، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ھېچ ئىش بىلەن كارى بولماي تۇرۇۋالماسلىقى لازىم.

      4. تەربىيەچىلەر ئەترەت كوللېكتىپىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى، بۇيرۇقۋازلىق قىلماسلىقى لازىم.

تەربىيەچىلەرنىڭ رولى ۋە ئورنىنى تەڭشىشى چوقۇم جايىدا، ۋاقتىدا بولۇشى لازىم. قانداق ۋاقىتتا ئالدىدا، قانداق ۋاقىتتا يېنىدا، قانداق ۋاقىتتا ئىچىدە، قانداق ۋاقىتتا ئۈستىدە تۇرۇش قاتارلىقلار تەربىيەچىلەرنىڭ ھەرىكەت شەكلى ۋە سەنئىتىدۇر.

تەربىيە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش

      1. چوڭلارنىڭ ئىنچىكە، مۇۋاپىق تەربىيەسى بىلەن پىيونېرلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىجاد قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۇرۇش.

چوڭلارنىڭ تەربىيەسى بىلەن پىيونېرلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىجاد قىلىشى ئەترەت خىزمىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت، شۇنداقلا ئەترەت ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. تەربىيە جەريانى پىيونېرلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق جەريانىدۇر، يەنى ‹‹تەشەببۇسكارلىقنى بىلمەسلىك – ئازراق تەشەببۇسكار بولۇش – يېرىم تەشەببۇسكار بولۇش – ئاساسەن تەشەببۇسكار بولۇش – پۈتۈنلەي تەشەببۇسكار بولۇش››تىن ئىبارەت. بىز ھەمىشە ‹‹تەربىيە بېرىش تەربىيە قىلماسلىق ئۈچۈن›› دەيمىز، بۇ دېگەنلىك تەربىيە ئارقىلىق پىيونېرلارنىڭ ئەترەت تەشكىلاتى ئىچىدە چوڭلارنىڭ ياردىمىسىز تەشەببۇسكارلىقنى ئۆگىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. تەشەببۇسكارلىق قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئىجادچانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇش تەربىيەنىڭ روھىدۇر.

      2. پىيونېرلارنى تەربىيەلەش بىلەن ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش.

      ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئەترەت تەشكىلاتىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئەترەت تەربىيەسىنىڭ مۇھىم تەرىپى. مۇبادا ئەترەت تەشكىلاتى پىيونېرلارنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قانائەتلەندۈرەلىسە ئەترەت بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەشكىلاتىغا ئايلىنالايدۇ. ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئەترەتكە بولغان ئېھتىياجى تولىمۇ كۆپ، يەنى ئويناش، ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇش، ئۆز – ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، دوستلۇق، بىلىم ئېلىش، ئۆزىنى ئىپادىلەش، قوغدىنىش ئېھتىياجى قاتارلىقلار. تەربىيەچىلەر چوقۇم ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ پىيونېرلارنىڭ بىرقاتار ئاساسىي ئېھتىياجلىرىنى تولۇق قانائەتلەندۈرۈشى لازىم.

      3. ئومۇمىيلىق بىلەن قاتلاملىق، يەككىلىكنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش. تەربىيە بارلىق پىيونېرلارغا ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھەر بىر ئۆسمۈرنىڭ تەشەببۇسكارلىقى، ئاكتىپچانلىقى، ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇشى بولۇپ بۇ تەربىيەنىڭ باراۋەرلىكىدۇر؛ تەربىيە پىيونېرلارنىڭ ياش چەكلىمىسى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يىللىقلار بويىچە تەربىيەلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ ھەم پەرقلىق ھەم بىر تۇتاش بولغان تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر، مانا بۇ تەربىيەنىڭ تەرەققىياتى؛ تەربىيەدە يەنە پىيونېرلارنىڭ خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئادەمگە قاراپ تەربىيە ئېلىپ بېرىش لازىم، بۇ تەربىيەنىڭ ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.

      4. ئىلمىيلىك بىلەن بەدىئىيلىكنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش.

      ئەترەتنىڭ تەربىيە ئوبيېكتى بولغان پىيونېرلار تەپەككۇر، تىل، ھېسسىيات، خاراكتېر، قىزىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭلاردىن پەرقلىنىدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، شۇنداقلا ئۇلار خىلمۇخىل روھى دۇنياغا ئىگە. شۇڭا، تەربىيە ئېلىپ بېرىشتا ھەم ئىلمىيلىككە ھەم تەربىيە سەنئىتىگە دىققەت قىلىش لازىم. تەربىيەچىلەر تەربىيە سەزگۈرلۈكىنى بايقاشقا دىققەت قىلىپ، تەربىيە ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ تەربىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى تاماملىشى لازىم.

      5. ئەترەت تەربىيەسىنى مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەتنىڭ تەربىيە كۈچى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش.

      ئەترەت تەشكىلاتى مەكتەپتە قۇرۇلىدۇ، تەربىيەچىلەر مەكتەپكە تايىنىپ مەكتەپكە ماسلىشىپ، مەكتەپنى بازا قىلىپ ئەترەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. شۇنداقلا پىيونېرلار ئائىلىدە، جەمئىيەتتە ياشىغاچقا ئەترەت خىزمىتىدە چوقۇم ئائىلە باشلىقلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى زاتلارنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىگە موھتاج. شۇڭا، ئەترەت تەشكىلاتىنىڭ رولى چوقۇم ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە كېڭىيىپ سىڭىپ كىرىشى لازىم.

بالىلارغا خاس خۇشال قەلب يارىتىش

      خىزمەت جەريانىدا مەن مۇنداق تەربىيەچىلەرنى ئۇچراتقان: بالىلار پائالىيەتچان، لېكىن ئۇ جىمغۇر؛ بالىلار ھەممىنى سىناشقا ئامراق، لېكىن ئۇ بالىلارنى چەكلەيدۇ؛ بالىلار قاتتىق ھاياجانلانغاندا ئۇ ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك قۇلىقىنى يوپۇرىۋالىدۇ. بۇنداق تەربىيەچىلەر پىيونېرلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئاساسلىقى ئۇنىڭ بالىلارنىڭ يولىدا ماڭمىغانلىقىدا، بالىلارغا خاس ‹‹خۇشال بالىلىق قەلب›› يارىتالمىغانلىقىدا.

‹‹خۇشال بالىلىق قەلب›› تىكلەشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

      1. بالىلارنى چۈشىنىش. بۇ دېگەنلىك بالىلارنىڭ سەبىي قەلبىنى چۈشىنىش دېگەنلىك بولۇپ، چوڭلارنىڭ تەپەككۇرىدىن ھالقىپ بالىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئۇلار ئويلىغاننى، ئۇلار قىلغاننى چۈشىنىش، ئۇلارنىڭ سۆز – ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىشنى كۆرسىتىدۇ. بالىلارنى چۈشەنمىگەندە تەربىيە توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى، ئىقتىدارى، ئىجادچانلىقى يوقايدۇ.

      2. بالىلارنى ماختاش. ئىنسان روھىنىڭ ماھىيەتلىك تۈپ ئېھتىياجى ماختاشقا ئېرىشىشتىن ئىبارەت، ماختاش بولمىسا ئېسىل تەربىيە بولمايدۇ. ماختاش تەربىيەسىنىڭ سىرى دەل بالىلارغا ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقىنى ئويغاتقاندا ئۇلارنى ھېچقانداق كۈچنىڭ توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. بىز ماختاش ئارقىلىق ھەربىر بالىنىڭ قەلبىنى يورۇتىشىمىز لازىم.

      3. بالىلاردىن ئۆگىنىش. تاۋ شىڭجى ئەپەندى بۇرۇن پەلسەپىۋىيلىككە ئىگە مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىلغانىدى: ‹‹ھەممەيلەن بالىلارنى كىچىك دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن قەلبى دېڭىزدەك چوڭقۇر؛ كىم بالىلارغا سەل قارىسا ئۇ بالىدىنمۇ كىچىكتۇر››، بالىلارنىڭ قەلبى بالىلىق دۇنياغا تولغان بولۇپ، ئېچىشنى كۈتۈپ تۇرغان چەكسىز ‹‹ئالتۇن كانى››. بالىلاردىن ئۆگەنمىسە قانداقمۇ ئۇلار بىلەن قەلبداش بولغىلى بولسۇن؟

      4. بالىلارنى يېتەكلەش. بالىلارنىڭ جاھىللىقى، شوخلۇقىغا قارىتا تەربىيەچىلەر ئاچچىقلانماستىن مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللىنىپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ ياخشى ئامال تېپىشى؛ بالىلار چۈشىنىدىغان، ئاڭلاشنى خالايدىغان سۆزلەرنى قىلىش؛ بالىلار قىلىشقا قىزىقىدىغان، قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىش؛ بالىلار ئىشىنىدىغان، قايىل بولىدىغان ئادەم بولۇش لازىم. تەربىيەچىلەر يەنە بالىلار بىلەن ئوينىيالايدىغان قابىلىيەتنى ئىگىلەپ بالىلارنى ئويناش داۋامىدا بىلىمگە ئىگە قىلىش، ئىرادىسىنى تاۋلاش لازىم.

      5. بالىلارنى ئازاد قىلىش. بۇ دېگەنلىك بالىلارنىڭ مېڭىسىنى ئازاد قىلىپ، تەپەككۇر قىلغۇزۇش؛ بىر جۈپ قولىنى ئازاد قىلىپ ئۇلارنى ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدىغان قىلىش؛ كۆزىنى ئازاد قىلىپ ئۇلارنى ھەممىنى كۆرىدىغان قىلىش؛ ئېغىزىنى ئازاد قىلىپ، ئۇلارنى سۆزلىتىش؛ ۋاقتىنى ئازاد قىلىپ، ئوينايدىغانغا تولۇق ۋاقىت بېرىش؛ ئۆز بوشلۇقىنى ئازاد قىلىپ، ئۇلارنى تەبىئەت قوينىغا، جەمئىيەتكە بېرىپ ھەممە نەرسە بىلەن ئالاقە قىلىشقا شارائىت يارىتىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

      بالىلىق قەلب ئىنسانلاردىكى ئەڭ غۇبارسىز قەلب بولۇپ ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر يوشۇرۇنغان قىممەتلىك بايلىق. بالىلىق قەلبنى ساقلاپ قېلىشتا تەربىيەچىلەر زامانىۋى بالىلار قارىشىنى تۇرغۇزۇشى لازىم، بۇ تولىمۇ مۇقەددەس مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا ئېسىل ئەخلاق ھېسابلىنىدۇ.

      ھەممەيلەننىڭ ياخشى تەربىيەچى بولۇپ، پىيونېرلارنىڭ ئەترەت كوللېكتىپىدا خۇشال – خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر