باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

ئاپا سىزگە ئېيتسام ...

ئىقبال نىغمەت

      سۆيۈملۈك ئاپا، سىزگە يۈزتۇرانە ئېيتالمىغان يۈرەك سۆزلىرىمنى سىرداش دوستۇم ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى ئارقىلىق ئېيتىپ ئۆتەي.

      ئاپا، سىز ماڭا كىيمىگەننى كىيگۈزۈپ، يېمىگەننى يېگۈزۈپ مىڭ بىر جاپادا چوڭ قىلدىڭىز. مەن ئۈچۈن بارلىقىڭىزنى بېغشلاشقا ھەرۋاقىت تەييار تۇردىڭىز. ھازىرغا قەدەر دادامنىڭ يوقلۇقىنى چاندۇرۇپ باقمىدىڭىز. مېنىڭ ئۆزۈم قىلالىغۇدەك ئىشلارنى قىلغۇم، سىز ئىشتىن كەلگۈچە تاماقلارنى ئېتىپ، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ھاردۇقىڭىزنى چىقارغۇم كېلىدۇ. لېكىن، سىز ماڭا زادىلا يول قويمايسىز. سىزنىڭچە مەن ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى بولساملا بولامدۇ؟ مېنىڭ ھەتتا پايپىقىمنى يۇيۇشۇمغا يول قويماي ئۆگىنىش قىلىشىمغا دەۋەت قىلىسىز. تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە شۇنچە ھېرىپ كەتكىنىڭىزگە قارىماي يېنىمدا ئولتۇرىسىز، بەزىدە سائەت 11دىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇيقۇسىزلىقتىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىڭىزگە قاراپ كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ. بەزى كۈنلىرى چۈشكۈنلىشىپ قالغىنىڭىزنى كۆرۈپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى، مەندىن يوشۇرۇپ نېمە دورا يەۋاتقانلىقىڭىزنى سورىغۇم كەلسىمۇ پېتىنالمايمەن. چۈنكى، سىزنىڭ ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشماڭ، دەپ كايىشىڭىزدىن قورقىمەن.

      ئاپا، مەن سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار. ئەمدى مېنىڭ كىرلىرىمنى يۇيماڭ، مېنى دەپ ئۆزىڭىزنى ئارتۇقچە چارچىتىۋېلىشىڭىزنى خالىمايمەن. ئۆزۈمنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزۈم قىلاي. چۈنكى، سىز ھاردىڭىز، جاپايىمنى كۆپ تارتتىڭىز. سىزگە ياردەملىشىپ يۈكىڭىزنى يېنىكلىتەي، قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ ئۆگىنەي. مەن چوقۇم ياخشى ياردەمچىڭىز بولالايمەن. ئاپا، ماڭا ئىشنىڭ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقىمەن. ئەجرىڭىزگە جاۋاب قايتۇرۇش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر