باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدە باكتېرىيە كۆپ پەيدا بولىدىغان ئورۇنلار

 

      توڭلاتقۇ: توڭلاتقۇغا سېلىنغان يېمەكلىكلەر ھەر خىل باكتېرىيىلەرنى بىللە ئېلىپ كىرىدۇ. بىرقىسىم باكتېرىيىلەر تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ياشىيالايدۇ. توڭلاتقۇنى دائىم ئېچىپ – ياپقاندىمۇ ئىچىدىكى تېمپېراتۇرىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. بولۇپمۇ توڭلاتقۇ ئىشىكىگە يېقىن ئورۇنلاردا تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى چوڭراق بولىدۇ. بۇ باكتېرىيىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە پايدىلىق بولغاچقا يېمەكلىكلەرنىڭ ساقلىنىش ئۈنۈمىگە تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى توڭلاتقۇنى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تازىلاش كېرەك. ئادەتتە يېمەكلىكلەرنىڭ خام – پىششىقلىقىنى ئايرىپ قويۇش، ئىمكانقەدەر يېڭى پېتى ساقلاش خالتىلىرىغا سېلىپ ئاغزىنى ھىم ئېتىپ ساقلاش كېرەك.

      توك چايدان: توك چايداننى ئايدا بىر قېتىم دېزىنفىكسىيىلەش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇپ تازىلاش كېرەك. سۇ چىقىرىش تۇرۇبىلىرى، ئىسسىق – سوغۇق سۇ چۈشۈش ئېغىزلىرىنى ئىسپىرتقا چىلانغان پاختا بىلەن سۈرتۈپ تازىلىسا بولىدۇ.

      كىرئالغۇ: كىرئالغۇنى ئىشلىىتپ بولغاندىن كېيىن ئاغزىنى ئېچىپ شامالدىتىپ باكتېرىيىلەرنىڭ كۆپىيىش پۇرسىتىنى ئازايتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا بالىنىڭ كىيىملىرىنى ئايرىم يۇيۇش، ئىچ كىيىم بىلەن باشقا كىيىملەرنى ئايرىپ يۇيۇش، ئاغرىقنىڭ كىيىملىرىنى ئايرىپ يۇيۇش كېرەك. بولمىسا گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

      دەسمال: دەسمالنى ھەپتىدە بىر قېتىم سودا قوشۇلغان سۇدا ئون مىنۇت قاينىتىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا دەسمالدا ئۆي جاھازلىرىنى سۈرتمەسلىك كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر