باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار

گۈلباھار ئەھەت (يۇپۇرغا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

      تېمىلىق تەربىيە پائالىيەتلىرى مەكتەپ تەلىم – تەربىيەسى جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان مەزمۇنغا ئاساسەن بېكىتىلىدىغان، مەلۇم ۋاقىتتا بەلگىلىك تەربىيە ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنىدىغان، مەكتەپ ياكى سىنىپنى بىرلىك قىلىپ قانات يايدۇرۇلىدىغان، پائالىيەت تېمىسى، مەزمۇنى، ۋاقتى ئېنىق، قاتنىشىدىغان ئادەم سانى كۆپ بولغان مۇھىم ئەخلاق تەربىيەسى پائالىيىتى. تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن مەكتەپ تەلىم – تەربىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى مول مەزمۇنلۇق ئەمەلىي پائالىيەت سورۇنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپ تەلىم – تەربىيەسىگە پايدىلىق بولغان ئومۇمىي كەيپىيات شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا، مەكتەپلەر تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، پائالىيەتنى پىلانلاش ۋە ئۆتكۈزۈشكە ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ تەربىيە ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەل قارىماسلىقى كېرەك. تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

      1. تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنىڭ پىلانى بولۇش.

      تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنىڭ تېمىسى مەكتەپ، سىنىپنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتىدە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، مەلۇم ۋاقىتتا بەلگىلىك تەربىيە مەقسىتىگە يېتىش تەلەپ قىلىنىدىغان تەربىيە مەزمۇنلىرىغا ئاساسەن بېكىتىلىدىغان بولغاچقا، ئۇ مەيلى سىنىپنى ياكى مەكتەپنى بىرلىك قىلسۇن چوقۇم پائالىيەت پىلانى بولۇشى كېرەك. پائالىيەت پىلانىدا شۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسەت، پائالىيەتنىڭ قەدەم – باسقۇچلىرى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە – پىرىنسىپلار، پائالىيەتنى خۇلاسىلەشكە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئۇسۇل – چارىلەر ئەتراپلىق كۆرسىتىلىشى كېرەك.

      2. تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنى بولۇش.

      ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈش، تەربىيە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىدىن بۇرۇن سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلىشى لازىم. يىغىندا شۇ قېتىمقى تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنىڭ پىلانى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان ھەربىر سىنىپ ياكى ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيەت جەريانىدا نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكى ئېنىق ئۇقتۇرۇلۇشى، پائالىيەت جەريانىدا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەر، پائالىيەتنى خۇلاسىلەشكە مۇناسىۋەتلىك چارە – تەدبىرلەر تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا شۇ قېتىملىق تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىگە قارىتا ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلاردا ئېنىق چۈشەنچە ھاسىل بولۇپ پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق، جانلىق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

      3. تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىگە مەسئۇل كونكرېت ئادەم بولۇش.

      تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىگە مەسئۇل ئادەم كونكرېت بېكىتىلگەندە پائالىيەت جەريانىدىكى باشقۇرۇش تەرتىپلىك بولۇپ ۋە نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا پائالىيەتنىڭ قائىدىلىك، تەرتىپلىك، پىلانلىق، سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىشىغا ۋە ئۈنۈملۈك تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

      4. تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنىڭ خۇلاسىسى بولۇش.

      تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شۇ قېتىملىق پائالىيەتتىن ئەستايىدىل خۇلاسە چىقىرىلىشى لازىم. تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۈنۈم، ھەرقايسى سىنىپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەت جەريانىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبە – ساۋاقلىرى، پائالىيەت جەريانىدا ساقلانغان تۈرلۈك مەسىلىلەر، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان شەخس ۋە كوللېكتىپلار قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئەستايىدىل خۇلاسە چىقىرىلىشى ۋە خۇلاسە يىغىنى ئېچىلىشى لازىم. بۇنداق بولغاندا تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېيىنكى قېتىمدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىغىلى بولىدۇ.

 

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر