باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

كىتاب ئوقۇيلى

زەينەپگۈل بارى

      ‹‹كىتاب ئۇ غەزىنە،

      زەرگە تولغان كان.

      ئاقىلغا زاھىردۇر،

      نادانغا پىنھان››.

      كىتاب توغرىسىدىكى بۇ بىر كوبلېت شېئىر پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ. كىتاب پۈتمەس – تۈگىمەس بايلىق كانى، بۇ كاندىكى بايلىقنى قازالىغان ئادەمنىڭ بىلىدىغانلىرى كۆپىيىدۇ، ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرەلەيدۇ.

      بىكارچىلىقتا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغىنىڭىزدا كىتاب ئوقۇپ قويۇڭ. بۇ كىتابتا بەلكىم تۇرمۇش ساۋاتلىرى، تارىخ، ئىقتىساد، پەلسەپە قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىشى مۇمكىن. ئەتىسى ياكى ئۆگۈنى بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچراپ چارىسىز قالغىنىڭىزدا ئوقۇغان كىتاب يادىڭىزغا كېلىدۇ – دە، كۆز ئالدىڭىز پاللىدە يورۇپ كېتىدۇ. شۇڭا، بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ قەدىرلەڭ، كىتاب كۆرۈپ بىلىم ئىگىلەڭ، نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىڭ، زېھنىڭىزنى ئۇرغۇتۇڭ، كىتاب ئوقۇشنى كۈندىلىك ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرۇڭ.

(ئاپتور تۇرپان شەھىرى يار يېزىسى چوڭكۆۋرۈك مەكتەپ 6 – يىللىقتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر