بىرىنچى خىل ئۇسۇل: ئىككى قول بىلەن قۇلاقنى ئالدىغا سيپايمىز، شۇ چاغدا قۇلاقنىڭ تۈۋىدە ‹‹شىر – شىر›› ئاۋاز چىقىدۇ، بۇ ئۇسۇل بۆرەكنى ھەرىكەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، ئادەتتە 20 قېتىم ئىشلەپ بەرسەك بولىدۇ.
ئىككىنچى خىل ئۇسۇل: ئىككى قول بىلەن قۇلاقنى ئېتىپ، بېگىز بارماقنى ئوتتۇرا بارماقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، باشنىڭ كەينى قىسمىنى 20 قېتىم كۈچەپ چېكىمىز.