باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

ئاپا، مېنى كەچۈرۈڭ

گۈلمىرە قۇربان

      ھەر قېتىم بۇ ئىشنى ئويلىغىنىمدا قاتتىق ئازابلىنىپ، ئاپامنىڭ ئالدىدا كەچۈرگۈسىز گۇناھ  ئۆتكۈزگەندەك ھېس قىلىمەن.

      ھەر كۈنى بالىلارنىڭ پۇل خەجلەپ ئۇششاق – چۈششەك نەرسىلەرنى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە مېنىڭمۇ پۇل خەجلىگۈم كېلەتتى. بىراق مەندە پۇل يوق ئىدى. بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ، ئاپامنىڭ يانچۇقىدىن ئىككى يۈەننى ئالدىم – دە، ماگىزىنغا قاراپ يۈگۈردۈم. ئۇششاق – چۈششەك نەرسىلەرنى سېتىۋىلىپ ئۆيگە كەچ كىردىم. ئاپا: ‹‹قەيەرگە باردىڭىز قىزىم، ئەجەپ كەچ قالدىڭىزغۇ؟›› دېدى. مەن: ‹‹ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە باردىم›› دېدىم.

      بىر قېتىملىق ئەخلاق دەرىسىدە مۇئەللىم تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇش، يالغان سۆزلىمەسلىك توغرىسىدا ھېكايە سۆزلەپ بەردى. مەن ھېكايىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنىڭ خاتا قىلغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئەمما، بۇ ئىشنى ئاپامغا ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. ئەمدى مەن گېزىت يۈزىدە بولسىمۇ ئاپامدىن كەچۈرۈم سورايمەن. ئاپا مېنى كەچۈرۈڭ!

    (ئاپتۇر – ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈنئاتۇش يېزىسى قاراغۇل مەكتەپ ‹‹چاقماق غۇنچىلىرى›› يېزىقچىلىق كۇرۇژۇكىدا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر