باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىمىزنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، ئالاھىدىلىكى ۋە ھازىرقى يۈزلىنىشى

 ئابدۇزاھىر تاھىر مۇراد

      ئىسىم قويۇش ھەممە مىللەتكە ئورتاق ئادەت. تارىخىي تەرەققىياتتىن قارىغاندا، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەر قايسى تارىخىي دەۋردە ئوخشاشمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان.

      1. ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى دەۋر. بۇ ئەجدادلىرىمىز پەيدا بولغاندىن تارتىپ تاكى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغىچە بولغان دەۋردۇر. بۇ دەۋرگە ئائىت يازما مەنبەلەر بىر قەدەر ئاز. ‹‹ئوغۇزنامە›› داستانىنىڭ 13 – ئەسىردە خاتىرىلەنگەن نۇسخىسىدا ئوغۇزخاننىڭ بالىلىرىغا ‹‹كۈن، ئاي، يۇلتۇز، كۆك، تاغ، دېڭىز›› دەپ ئىسىم قويغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز پەرزەنتلىرىگە كۆپىنچە ھاياتلىقنىڭ كاپالىتى ۋە مەنبەسى دەپ تېۋىنىلغان تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئىسىم قىلىپ تاللىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ‹‹ئوغۇزنامە››دىن كېيىنكى تارىخىي ئەسەرلەردە ‹‹ئارسلان، بۇقا، بۆرە، ئالتۇن، تۆمۈر›› دېگەندەك ھايۋانات ۋە باشقا ئەتىۋارلىق نەرسىلەرنىڭ ناملىرى كىشى ئىسمى قىلىنغانلىقىنى بىلىمىز. ئەجدادلىرىمىز ئىسىم قويۇشتا يەنە شۇ دەۋردىكى تۇرمۇش شارائىتىدا كۆپ ئۇچرىشىدىغان، ئۆزلىرى باتۇرلۇق ۋە كۈچلۈكلۈكنىڭ سىمۋولى دەپ چوقۇنغان ياكى توتېم قىلغان نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنىمۇ ئىسىم قىلىپ قوللانغان. كېيىنچە قەھرىمانلىقنى، باتۇرلۇقنى بىلدۈرىدىغان سۈپەتلەر ۋە تارىختا ئۆتكەن باتۇرلارنىڭ ئىسىملىرىنىمۇ كىشى ئىسمى قىلىپ ئىشلەتكەن. مەسىلەن، ‹‹ئالىپ، باتۇر، غالىب، قاراخان›› دېگەندەك.

      قەدىمكى ئىسىملاردىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك دىنىي ئاتالغۇلارنىڭ قەدىمدىنلا كىشى ئىسمى قىلىپ ئىشلىتىلگەنلىكىدۇر. مەسىلەن، تويۇن (بۇددانىڭ قۇلى)، سىلىگ (بۇددا دىنىدا مۇلايىم› مەنىسىدە) دېگەندەك. قەدىمكى كىشىلەرنىڭ نەسەب تەۋەلىكىمۇ ئىسىم تاللاشقا تەسىر كۆرسەتكەن. خان جەمەتىدىن بولغانلارغا كۆپىنچە ئەلنى باشقۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسىملار قويۇلغان. مەسىلەن، ‹‹ئېل قايا››، ‹‹ئېل ئالمىش›› دېگەندەك. بەزىدە ‹‹يابغۇ، تارخان، تۇتۇق›› دېگەنگە ئوخشاش ئەمەل – مەنسەپ ۋە مەمۇرىي ئۇنۋان ناملىرىمۇ ئىسىم قىلىپ قويۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەرنىڭ ئەمەل–ئۇنۋانى ئۆسكەندە شۇنىڭغا ماس يېڭى ئىسىم ياكى ھۆرمەت نامى بېرىلگەن. قەدىمكى ئىسىملىرىمىزنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى قەبىلە نامى كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئالدىغا قوشۇلغان. بۇ ئادەت سېرىق ئۇيغۇرلاردا يېقىنغىچە ساقلانغان. قۇمۇلنىڭ قىسمەن جايلىرىدىمۇ بۇ ئادەتنىڭ تەسىرى ساقلانغان بولۇپ، ‹‹قارلۇق سېتى، قارلۇق نىياز›› دېگەندەك ئىسىملاردىكى ‹‹قارلۇق›› سۆزى قەدىمكى قەبىلە نامىدۇر.

      2. ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى دەۋر (چۈشىنىشلىك بولۇش ئۈچۈن، بۇ دەۋرنى ئىلگىرىكى دەۋر ۋە يېقىنقى دەۋر دەپ ئايرىدىم). ئىلگىرىكى دەۋر 10 – ئەسىرنىڭ بېشىدىن 20 – ئەسىرنىڭ بېشىغىچە بولغان دەۋر. بۇ دەۋردە كىشى ئىسىملىرىمىزدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىسلام كىتابلىرىدىكى ياكى ئىسلام ئەقىدىسىگە ماس ئىسىملار ئاساس قىلىنغان. كىشى ئىسىملىرىدىكى ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەر زور دەرىجىدە ئازلاپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئەرەبچە–پارسچە سۆزلەر ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم ھايۋانات ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ناملىرىدىن ئېلىنغان كىشى ئىسىملىرىمۇ، تارىختا ئۆتكەن باتۇرلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە پېئىللاردىن ياسالغان ئىسىملارمۇ قوللىنىلغان. مەسىلەن، ‹‹ئاي، يۇلتۇز›› دېگەندەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۈپەت سۆزلەر، مەسىلەن، ‹‹تۇر››دىن ياسالغان ‹‹تۇردى، تۇرسۇن›› دېگەندەك. بەزىدە بۇلارنىڭ ئالدىغا ياكى كەينىگە ئەرەبچە ناملار قوشۇلۇپ، ‹‹تۇرسۇنمۇھەممەت، مۇھەممەتتۇرسۇن›› دەپمۇ قوللىنىلغان. 20 – ئەسىر كىرگەندىن بۇيان كىشى ئىسىملىرىمىزدىمۇ قىسمەن ئۆزگىرىشلەر بولدى. بەزىلەر پەرزەنتلىرىگە دەۋرگە ماس ئىسىملارنى قويىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، تەرەققىيات قەدىمىگە ئەگىشىپ، ئىلگىرى پەقەتلا ئىشلىتىپ باقمىغان غەلىتە ئىسىملارمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى. مەسىلەن، ‹‹ئاپرېل، ۋېنېرا، كىلارە›› دېگەندەك .

      3. كىشى ئىسىملىرىمىزنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى. ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان كۈچلۈك مىللىي ئورتاقلىقنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئادەتلەردە يۇرتلار ئارا ئانچە – مۇنچە پەرقلەر شەكىللەنگەن. جۈملىدىن كىشى ئىسىملىرىدىمۇ شۇنداق. ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىسلام دىنىغا خاس ئىسىملار شىمالىي ۋە شەرقىي شىنجاڭغا قارىغاندا كۆپرەك. گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك دەپ كۆرسىتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنى كىشى ئىسىملىرىمىزنىڭ ئەسلىي سۆز تومۇرى بىلەن ئىسىملارغا قوشۇلىدىغان سۈپەت قوشۇمچىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ.

      ئەسلىي سۆز تومۇرىدىن ئالساق، خوتەندە قوش ياكى كۆپ تەركىبلىك ئىسىملار، بولۇپمۇ ‹‹مۇھەممەد›› نىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى ‹‹مەت›› بىلەن باشلانغان قوشما ئىسىملار نىسبەتەن كۆپ. مەسىلەن، ‹‹مەتتوختىقۇربان، مەتتۇرسۇن، مەتسالى›› دېگەندەك. قەشقەرنى مەركەز قىلغان رايونلاردا ‹‹ئابدۇ›› (قۇل، بەندە مەنىسىدە) بىلەن كېلىدىغان ئىسىملار كۆپرەك. ئەمما، ئىسىملارنىڭ كەينىگە سۈپەتلىگۈچى قوشۇمچىلارنى قوشۇش ئومۇملاشقان. تۇرپان ۋە قۇمۇللاردا بەزى كىشى ئىسىملىرىدىكى‹‹ۋ›› ‹‹گ››غا ئالمىشىپ ئېيتىلىدىغان ئەھۋال نىسبەتەن گەۋدىلىك. مەسىلەن، ‹‹ۋاھىد، ۋاسىل››نى ‹‹گايىت، گاسىل››دېيىشتەك. ئىلىنى مەركەز قىلغان شىمالىي شىنجاڭدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش تۈركىي خەلقلەرنىڭ تەسىرى گەۋدىلىكرەك. ئۈرۈمچىنى ئالساق، ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملارمۇ، ئەرەبچە–پارسچە ئىسىملارمۇ، مەنىسى ۋە تىل تەۋەلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان، ئەمما ئۆزگىچە ئاڭلىنىدىغان ئىسىملارمۇ بار.

      ئىسىملارغا قوشۇلىدىغان سۈپەتلەش قوشۇمچىلىرىدىن ئالساق، ‹‹ئاخۇن، موللا، خان، خېنىم، گۈل›› قاتارلىق قوشۇمچىلار قەشقەرنى؛ ‹‹قارى›› كۇچانى؛ ‹‹مىر، زات، تاي›› ئىلىنى مەركەز قىلغان رايونلاردا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. قۇمۇل، تۇرپانلاردا ‹‹گاڭ››نى قوشۇپ ھۆرمەت ياكى ئىززەتنى بىلدۈرۈش ئادىتى بار.

      4. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشى. بىر مىللەتتىكى كىشى ئىسىملىرى شۇ مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۈگۈنكى كۈندە خەلقىمىزنىڭ ئاڭ – سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كىشى ئىسىملىرىمىزدىمۇ ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۆزگىرىش بولماقتا. بۇنى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچلاش مۇمكىن:

      1) قىسمەن يەرلىك پەرقلەر سۇسلاپ، كىشى ئىسىملىرىمىز ئوخشاشلىققا يۈزلەنمەكتە. ئىسىملارغا قوشۇلىدىغان سۈپەتلەش قوشۇمچىلىرى روشەن سۇسلاپ، ئەرلەرنىڭ ئىسمىغا ‹‹جان››نى، ئاياللارنىڭ ئىسمىغا ‹‹گۈل››نى قوشۇش نىسبەتەن ئومۇملىشىپ، باشقا قوشۇمچىلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ئازلاۋاتىدۇ.

      2) ئىسىم قويۇشتا مەنە ۋە شەكىل جەھەتتىكى گۈزەللىكىگە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىلمەكتە. بۇنى خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ئۆسكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ. كىشىلەر پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويۇشتا ئىسىمنىڭ مەنىلىك، شەكىل جەھەتتىن ئىخچام، جەزبىدار، ئېيتىشقا قولايلىق، ھەتتا باشقا مىللەت تىلىدا ئاتىغاندىمۇ يېقىملىق بولۇشىنى ئويلىشىدىغان بولدى. يەنە بىر ئالاھىدىلىك، ياشلار ئارىسىدا پەرزەنتلىرىگە قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى قويىدىغانلار، ھەتتا بەزىدە ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم ياساپ ، ياكى قېرىنداش تۈركىي تىللاردىكى ساپ تۈركىي ئىسىملارنى ئېلىپ قويىدىغانلارمۇ چىقىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ‹‹ئايتېكىن، ئوغۇزخان، ياشار، بىلىك›› دېگەندەك. يەنە ئۆزلىرى مەنىسىنى چۈشەنمىسىمۇ شەكلىگە قاراپلا چەت ئەلچە ئىسىملارنى قويىدىغانلارمۇ بار. يېڭى ئىسىملارنى ياساشقا كەلسەك، ئاساسەن مەنىلىك، شەكلى ئىخچام، يېقىملىق بولۇپ، بۇنىڭ كىشى ئىسىملىرى خەزىنىمىزنى بېيىتىشتىمۇ رولى چوڭ .

      3) خەلقىمىزنىڭ كىشى ئىسىملىرىغا بولغان تونۇشى ئۆسمەكتە. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن باشلاپ تىلشۇناسلىرىمىز كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە ئەھمىيەتلىك تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى خەلقىمىزنىڭ ئىسىم ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقىمىزنى ئىسىملارنىڭ مەنىسىنى بىلىش ۋە پەرزەنتلەرنىمۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بىزدە 80 – يىللاردىن باشلاپ يەنە فامىلە قوللىنىش ھەققىدىكى تەشەببۇسلار كۈچىيىپ، بۇ ھەقتە خېلى زور خىزمەتلەر ئىشلەنگەنىدى. بىر قىسىملار بۇنىڭغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، فامىلە تاللاپ قوللانغان ھەم قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە كۆپلىرىمىز ھازىرغىچە بۇنىڭغا سەل قاراۋاتىمىز. فامىلە قوللىنىش جەمەتنى جەمەتكە ئۇلايدىغان ياخشى ئادەت. شۇڭا، فامىلە قوللىنىشنى تەكىتلىشىمىز، فامىلە تاللاش ۋە قوللىنىش ھەققىدە ئويلىنىشىمىز ھەممىمىزگە ئورتاق مەجبۇرىيەتتۇر.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر