باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

تىزىش تۈزۈش ۋە بايان قىلىش ماھارىتى

      بىز يۇقىرىدا باش تېمىنى تۇرغۇزۇش، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاش ۋە تاللاپ ئىشلىتىش، قۇرۇلمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ماھارەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتتۇق. ئەمدىكى گەپ قولغا قەلەم ئېلىپ يېزىشنى ئۆگىنىشىمىزدە قالدى. يېزىش جەريانى بىزنىڭ ماقالە يېزىش ماھارىتىمىزنى سىنايدىغان مۇھىم بىر باسقۇچ، بىزنىڭ سۆز ئىشلىتىش، ئىپادىلەش قابىلىيىتىمىز، تۇرمۇش بىلىملىرىمىز ۋە تەسىرات، چۈشەنچىلىرىمىز مانا مۇشۇ باسقۇچتا تولۇق ئاشكارلىنىدۇ.

      ئۇنداقتا بۇ باسقۇچنى زادى قانداق ئورۇنداش كېرەك؟

      تۆۋەندە بىرقانچە نۇقتىلارغا بۆلۈپ بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز.

     (1) پۇختا ئويلىنىش

      ماقالە ھەققىدىكى ئويلىنىش جەريانى ئادەتتە مەزمۇن ھەم قۇرۇلمىدىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىغا مەركەزلىشىدۇ. مەزمۇن جەھەتتە ئويلىنىش، ئادەتتە نېمىنى يېزىش كېرەكلىكىگە مەركەزلەشسە، قۇرۇلما جەھەتتىن ئويلىنىش بولسا يازماقچى بولغان مەزمۇنلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش يەنى، قايسىسىنى باشتا، قايسىسىنى ئاخىرىدا يېزىش كېرەكلىكى توغرىلىق بولىدۇ. مەزمۇن مەسىلىسىگە كەلسەك ئامالىي تۇرمۇش جەريانىدا ئۆزىمىز باشتىن كەچۈرگەن، كۆرگەن، ئاڭلىغان، بەلگىلىك تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئىش – ھەرىكەت، كۆرۈنۈش – مەنزىلىلەر، تەسىرات ھەم چۈشەنچىلەر، ھېس – تۇيغۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى قىلىپ تاللاشقا بولۇۋېرىدۇ.

      قۇرۇلما ماقالە يېزىقچىلىقىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ھەم قىيىن ھالقىلارنىڭ بىرى. خۇددى ئېسىل، قىممەت رەختلەر بولغان تەقدىردىمۇ، ئەمما ئۇ ياخشى تىكىش تاپمىسا، ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بىر جەندىگە ئايلىنىپ قالغانغا ئوخشاش، گەرچە ناھايىتى ياخشى ماتېرىياللارنى تاللىغان بولساقمۇ، ئۇنى جايى – جايىغا كەلتۈرۈپ، ئوندان تەشكىللەپ چقالمىساق، بىرمۇنچە ئاۋارە بولۇپ يازغانلىرىمىزمۇ ئاخىرقى ھېسابتا چۇۋالچاق، قالايمىقان ماتېرىياللار خاتىرىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ. شۇڭا ماقالىنىڭ بىر پۈتۈن مەزمۇن سىستېمىسى ۋە ماتېرىياللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش تەرتىپى ھەققىدە ھەم تەپسىلىي، ھەم ئىخچام يېزىلىدىغان تەرەپلەر توغرىلىق ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئېنىق بىر تېزىس (لايىھە) ھازىرلىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن يېزىشقا كىرىشىش كېرەك.

      مەسىلەن، ‹‹بىر قېتىملىق يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسى›› دېگەن ماقالىغا قارىتا تېزىس تەييارلاشقا بولىدۇ:

      (1) پائالىيەت ۋاقتى، ئورنى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

      (2) مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئومۇمىي مانزىرىسى تەسۋىرلىنىدۇ.

      (3) يىغىن ھەم ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ پاراتتىن ئۆتۈش ئەھۋالى يىغىنچاقلىنىپ، قىسقىچە يېزىلىدۇ.

      (4) ھەر خىل تۈردىكى مۇسابىقىلەرنىڭ باشلانغانلىقى ئىخچام يېزىلىدۇ.

      (5) مۇسابىقە (مەلۇم تۈردىكى) نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان بىرەر ساۋاقداشنىڭ مۇسابىقە داۋامىدىكى ھالىتى، جىددىي ئېلىشىشلىرى تەپسىلىي يېزىلىدۇ.

      (6)ئۆزىنىڭ تەسىرات، چۈشەنچىسى ھەم ئىلھاملىرىنى يېزىش بىلەن ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.

      مانا بۇ تېزىستا ماقالىنىڭ مەزمۇن سىستېمىسى ۋە رەت تەرتىپلىرى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. شۇڭا تېزىس تەييارلىۋېلىپ يېزىشقا كىرىشكەندە ماقالىنىڭ مەزمۇن جەھەتتە چېچىلاڭغۇ، قۇرۇلما جەھەتتە چۇۋالچاق بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

      بەزى ساۋاقداشلار يېزىشتىن ئىلگىرى ئەستايىدىل ئويلىنىپ تېزىس تۈزۈۋېلىشقا ئەھمىيەت بەرمەستىنلا يېزىشقا ئالدىراپ كەتكەچكە، ماقالىسىنىڭ بېشى بىلەن ئاخىرى زىددىيەتلىك بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، ساۋاقداشلارنىڭ تاپشۇرۇق ماقالىسىدىن ئېلىنغان مۇنۇ پارچىنى كۆرۈپ باقايلى:

      مەن ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتاتتىم. تۇيۇقسىزلا سىرتا غەربىي شىمال بورىنى چىقىپ كەتتى. توپ – توپ كۈلرەڭ بۇلۇتلار ئاسماندا لەيلەپ يۈرەتتى. ھاۋانىڭ گۈلدۈرلىشىگە ئەگىشىپ چاراس – چۇرۇس چاقماق چېقىلىپ ھاۋا بوشلۇقىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. بىردەمدىن كېيىن پۇرچاقتەك – پۇرچاقتەك يامغۇر تامچىلىرى تاراسلاپ چۈشۈشكە باشلىدى. ھايال ئۆتمەيلا ئەتراپنى بىر قەۋەت تۇمان قاپلاپ كەتتى.

      ساۋاقداش، بۇ كىچىك دوستنىڭ يازغانلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بوپتىمۇ؟ قېنى ئويلاپ بېقىڭچۇ؟ ئۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان تۇرۇقلۇق غەربىي شىمال بورىنى چىققىنىنى قانداق بىلىدۇ؟ بۇنىمۇ بىلسۇن دەيلى، توپ – توپ كۈلرەڭ بۇلۇتلارنىڭ لەيلەپ يۈرگەنلىكىنى قانداق كۆرەلەيدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بوران چىققاندا بۇلۇتنى قانداق كۆرگىلى بولىدۇ؟ ئۇ پۇرچاقتەك يامغۇر تامچىسىنى قانداق كۆردى؟ دېمەك، بۇ پارچىدا يېزىلغانلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان.

      مانا بۇ يېزىشتىن ئاۋۋال پۇختا ئويلانمىغانلىق، بىر پۈتۈن مەزمۇننى كاللىدا پىششۇرۇپ تېزىس تۈزۈۋالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

      (2) بايان قىلىش ماھارىتى

      ماقالە يېزىش بايان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى بايان ماقالىلەردە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساۋاقداشلار بايان خاراكتېرلىك ماقالىلەرنى كۆپرەك يازىدۇ. شۇڭا باياننى چۈشىنىش، ئىشلىتىشنى بىلىش ساۋاقداشلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر قابىلىيەت.

بايان ئىش – ھەرىكەت، ۋەقەلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۇنۇشتۇرۇش، تاپشۇرۇش ئاساسىدىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئاتا – ئانىلار، ئۇستازلار، ساۋاقداشلار ۋە باشقا كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ماقالە يازمەقچى بولساق مانا مۇشۇ باياندىن پايدىلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە ئىش – پائالىيەتلەر، نەتىجىلەر ۋە سەزگۈرەشتىلەر بايان ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلىدۇ ۋە تاپشۇرۇلىدۇ.

      بايان ئوڭ بايان، تەتۈر بايان، قىستۇرما بايان ۋە پارالېل بايان قاتارلىق شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

      ئوڭ بايان. بۇ كۆپ ئۇچرايدىغان بايان شەكىللىرىدىن بىرى. بۇنىڭدا ئىش، ۋەقەلەر ئۆزىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە ئاخىرلىشىش تەرتىپلىرى بويىچە بايان قىلىنىدۇ. بۇ خىل بايان شەكلىدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىدىكى ئىلگىرى – كېيىنلىك تەرتىپلىرى بۇزۇلمايدۇ. بايان رەتلىك ۋە ئېنىق بولۇپ، ئىەىلەشمۇ بىر قەدەر ئاسان. ئوڭ بايان ئۇسۇلىنى قوللانغان ۋاقىتتا ئەگەر ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى – كېيىنلىك تەرتىپى ناھايىتى روشەن بولسا (سەھەر، چۈش، كەچ ياكى بۈگۈن، ئەتە، ئۆگۈن دېگندەك) ۋاقىتنى يىپ ئۇچى قىلىپ بايان قىلىش كېرەك. ئىش – ھەرىكەتلەر گەرچە ۋاقىتقا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلسىمۇ ئەمما، ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى – كېيىنلىكىنى كۆرسىتىش زۆرۈر بولمىسا، ئىش – ھەرىكەتنى ئۆز تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن(پەيدا بولۇش، راۋاجلىنىش، ئاخىرلىشىش) قانات يايدۇرسىمۇ بولىدۇ.

      تەتۈر بايان. بۇ بايان شەكلى چېكىنمە بايان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل باياندا ئاۋۋال ئىش – ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى ياكى ئەڭ جىددىي، ئەڭ گەۋدىلىك كۆرۈنۈشلەر بايان قىلىنىپ، ئارقىدىن يەنە ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئىش – ھەرىكەتنىڭ پەيدا بولۇش، راۋاجلىنىش جەريانلىرى بايان قىلىنىدۇ. قىسقىسى، تەتۈر باياندا كېيىن پەيدا بولغان ناتىجىنى باشتا، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنى ئاخىرىدا يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. تەتۈر بايان ئاساسلىقى باشتىكى بىرەر ئابزاس ئالاھىدە گەۋدىلىنىدىغان باياندۇر.

      قىستۇرما بايان. بۇ ئاساسلىق ئىش – ھەرىكەتلەرنى بايان قىلىش جەريانىدا تولۇقلاش، ئىزاھلاش رولىنى ئوينايدىغان باشقا بىرەر ئىش ياكى كۆرۈنۈشنى قىستۇرۇپ بايان قىلىش ئۇسۇلى قىستۇرما بايان قىلىنىدۇ.

      قىستۇرما بايان ئۇسۇلىدا ئاساسىي ۋەقە لىنىيەى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلىدۇ. تولۇقلاش قىممىتىگە ئىگە بىرەر پارچە قىستۇرۇلۇپ يېزىلغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى ۋەقەلىك ئالدىدىكى جايغا ئۇلانغان ھالدا راۋاجلاندۇرىلىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ماقالىدە يېزىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئالدىدا بولۇپ ئۆتكەن بۇرۇنقى ئىشلار ئەسلىمە شەكلىدە قىستۇرۇلىدۇ. پارالېل (تۈز ياكى تەكشى) بايان. بۇ ئۇسۇلدا بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا بولۇپ ئۆتكەن ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ۋەقەنى بايان قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۇلارنى بىراقلا بايان قىلىش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن بىرىنى ئاۋۋال، بىرىنى كېيىن بايان قىلىش زۆرۈر بولىدۇ. مۇشۇ خىل بايان پارالېل بايان دېيىلىدۇ. بۇ باياندا ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ئوخشاش بولمىغان جايلاردا يۈز بەرگگن ۋەقەلەر بىر – بىرىگە ئۇلىنىپ بايان قىلىنىدۇ.

      (ئۆرنەك)

مەكتەپنىڭ ئەتىگەنلىكى

ئايزىننەت

      مەن بۈگۈن كۈندىكىگە ئوخشاش سەھەر تۇرۇپ، تەييارلىقىمنى پۈتتۈرۈپ مەكتەپكە قاراپ يول ئالدىم. ھاۋا ئانچە ئوچۇق بولمىسىمۇ، بىراق خېلىلا ئىللىپ قالغانىدى.

مەن مەكتەپكە يېتىپ كەلدىم. باشقا ساۋاقداشلارمۇ سومكىلىرىنى ئېسىپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار تولىمۇ روھلۇق كۆرۈنەتتى. مەكتەپ ئىچى ئاللىبۇرۇن تازىلىنىپ بولغان، كۈندىكىدىن پاكىز، چىرايلىق ۋە ئازادە كۆرۈنەتتى. مەكتەپ ھويلىسىغا ئوقۇغۇچىلار لىق تولغان، ئۇلار تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتاتتى. بەزىلەر تېكىسلەرنى ياغقا ئېلىۋاتاتتى؛ بەزىلەر خەنزۇچە سۆزلەرنى ئوقۇشنى مەشىق قىلىۋاتاتتى؛ يەنە بەزىلەر يادقا يېزىشنى ئۆگىنىۋاتاتتى؛ بىرقانچىسى بىر بۇلۇڭدا توپلىشىپ تۇرۇپ، نىمىلەرنىدۇ دېيىشىۋاتاتتى. مەكتەپ ئىچى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئەنە شۇنداق جانلىنىپ كېتەتتى. بۇ جانلىق كەيپىيات ھەرقانداق بىر ساۋاقداشنى تىرىشىشقا، بىلىم ئېلىشقا ئۈندەيتتى. مەنمۇ دەرھال سىنىپقا كىرىپ سومكامنى قويدۇم – دە، ‹‹خەنزۇ تىلى›› كىتابىمنى ئېلىپ مەيدانغا چىقىپ خام خەتلەرنى ئوقۇشقا باشلىدىم.

      تۇيۇقسىز دەرسكە كىرىش قوڭغىرىقى چېلىندى، ئوقۇغۇچىلار سىنىپلىرىغا كىرىپ كەتتى.

      (باھا)

      بۇ ماقالە ئومىمىي جەھەتتىن ئالغاندا ئوڭ بايان بىلەن يېزىلغان. ماقالىدىكى مەكتەپكە قاراپ يولغا چىقىش، مەكتەپكە كېلىش، مەكتەپتىكى جالىق كۆرۈنۈشلەرگە نەزەر سېلىش، خەنزۇچە ئۆگىنىش ۋە دەرسكە كىرىش قاتارلىق تەرتەپلەر ئوڭ يۆلىنىش بويىچە بىر – بىرىنىڭ كەينىدىن پەيدا بولغان ھەم بىر – بىرىگە تەبىئىي ھالدا ئۇلىنىپ ماڭغان. بۇ ماقالىدىكى ئىككىنچى ئابزاس (مەكتەپ ئىچىدىكى رەڭدار كۆرۈنۈشلەر) پارالېل بايان ئۇسۇلىدا يېزىلغان. چۈنكى بىرلا ۋاقىتتا، ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلاردا يۈز بەرگەن تېكىست يادلاش، خەنزۇچە ئۆگىنىش، يادقا يېزىشنى مەشىق قىلىش، ئۆزئارا سۆزلىشىش ... قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر بىر – بىرى بىلە پارالېل تورالايدۇ.

      3. كونكرېت يېزىشقا ئادەتلىنىش

      تۆۋەندە بىز ماقالىنى قانداق قىلغاندا كونكرېت يازغىلى بولىغانلىقى ھەققىدە توختىلىمىز.

      ماقالە يازغاندا مەيلى ئادەم، مەيلى ئىشلارنى يازايلى ھەممىسىدە بايان ئېنىق بولۇشى لازىم. ماقالىمىزنى باشقىلار ئوقۇغاندىن كېيىن يازغانلىرىمىز ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە ھاسىل قىلالىسا، بۇ باياننىڭ تولۇق بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ماقالىدىكى تاپشۇرۇش ۋاقىت، ئورۇن، پېرسوناژ، ۋەقەلىك، سەۋەب، جەريان ھەم نەتىجىدىن ئىبارەت يەتتە مۇھىم ئامىلنى چۈشىنىشلىك يېزىشنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ساۋاقداشلار ماقالە يازغاندا ھەمىشە كونكرېت يازماسلىقتەك سەۋەنلىكلەرنى سادىر قىلىپ قويىدۇ. بەزىلەر ھەرىكەت جەريانلىرىنى پەقەت ئومۇملاشتۇرۇپلا يېزىشقا ئادەتلىنىپ قالغان. شۇ سەۋەبلىك ماقالىسى ھەدىدىن زىيادە قىسقا، تومتاقلا بولۇپ قالىدۇ.

      ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ماقالىنى كونكرېت، ئېنىق يازغىلى بولىدۇ؟ بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ ماقالە يازغاندا بىر تەرەپتىن يېزىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ‹‹قانداقراق بولدى؟››، ‹‹نېمە ئۈچۈن؟›› دېگەندەك سوئاللارنى ئۆز – ئۆزدىن سوراپ مېڭىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە، ماقالىنىڭ كونكرېت بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۆز – ئۆزۈمدىن سورىلىدىغانسوئاللار جەزمەن ماقالىنىڭ مەزمۇن تەرەققىياتى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇشى لازىم. ئاساسەن ‹‹بۇ يازغانلىرىم ئېنىق، چۈشىنىشلىك بولدىمۇ – يوق؟ بۇ ئىش – ھەرىكەتلەرنى نېمە مەقسەتتە يېزىۋاتىمەن؟ يېزىشىم مۇۋاپىق بولدىمۇ – يوق؟›› دېگەندەك سوئاللارنى يېزىش داۋامىدىكى ياردەمچىگە ئايلادۇرۇشىمىز لازىم. ئەمدى ‹‹تەتىلدىكى ئەترەت پائالىيىتى›› دېگەن ماقالىنىڭ ئەمگەكنىڭ ئورنى قەيەر؟ ۋاقتىقاچان؟ مەزمۇنى نېمە؟ مەيدان قاندا؟ ھاۋانىڭ ئىسىقلىقى قانچىلىق؟ ‹‹مەن›› نېمىشقا دەرەخ سايىسىدا دەم ئالىدۇ ۋە كېيىن نېمە ئۈچۈن ئىشلەيدۇ؟ كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىشىشى قانداقراق؟ ‹‹مەن››نىڭ قەيىرى يارىلاندى؟ ئەمگەك نەتىجىسى قانداق بولدى؟ دېگەندەك سوئاللار ئاساسىدا تولۇقلانغان قىسمىنى كۆرۈپ باقايلى.

تەتىلدىكى ئەترەت پائالىيىتى

رەھمەتجان مۆمىن

      7– ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بىز 4 – يىللىق 1 – سىنىپتىكى بارلىق ساۋاقداشلار ئەسلىدىكى ئەترەت پىلانىمىز بويىچە يېڭى پۈتكۈن ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئەتراپىنى تازلاشقا كەلدۇق. گەرچە ھازىر تەتىل ۋاقتى بولسىمۇ ساۋاقداشلار دېگەن ۋاقىتتا تولۇق يىغىلىپ بولغانىدى. بىز بىنا ئالدىغا يېتىپ كېلىپ بىر – بىرىمىزگە قارىشىپلا قالدۇق. چۈنكى، بىنا ئەتراپى قۇرۇلۇشتىن ئاشقان خىش دۆۋىلىرى، سېمونت پارچىلىرى ھەم پارچە – پۇرات ياغاچ – تاشلار بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى.

سىنىپ باشلىقىمىز نۇرمۇھەممەد بىزنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، ئىش تەقسىملەپ بەردى. شۇ ھامان ئىشقا چۈشۈپ كەتتۇق. بىزىلەر خىش يىغسا، بەزىلەر خىش توشۇيتتى. بەزىلەر ياغاچ – تاشلارنى يۆتكەيتتى. يەنە بەزىلەر ئەخلەت – چاۋالارنى توشۇيتتى. تومۇزنىڭ كۈچلۈك ئاپتىپى يەر – جاھاننى خۇددى چوغدەك قىزدۇراتتى، دىمىقتىن نەپەسلەر سىقىلاتتى.

      مەن بىردەم ئىشلەپلا تەرگە چۆمۈپ كەتتىم. يۈز – كۆزلىرىم ئېچىشىشقا باشلىدى. قولۇمدىكى خىشنى قويدۇم – دە، قەددىمنى رۇسلاپ پىشانەمدىكى تەرلەرنى سۈرتتم. بىردەم ھاردۇق ئالغۇم كەلدى. سىدە سايىسىگە بېرىپ ئەمدىلا ئۇھ دەپ تۇراتتىم، نۇرمۇھەممەد يېنىمغا كەلدى.

      – بۇ ئىشىڭ بولمىدى، دېدى ئۇ ماڭا تىكىلىپ.

      – ھەممەيلەن ئىشلەۋاتسا بۇ يەرگە كېلىۋالغىنىڭ نېمىسى. سىنىپ ھەيئىتى ئىكەنلىكىڭنى ئۇنتۇپ قالما جۇمۇ.

      ھاۋا شۇنچە ئىسسىق تۇرسا بىردەم سەگىدىۋېلىپ ئىشلىسەم بولمامدىكەن، – دېدىم مەن بىپەرۋالىق بىلەن.

      قارا، دېى نۇرمۇھەممەد بېگىز قولى بىلەن كۆرسىتىپ.

      ئاۋۇ تۇرسۇننى كۆردۇڭمۇ، ئۇ سېنىڭ يېرىمىڭچىلىك كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ قارىغىنا ئۇ چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمۈپ تۇرۇپمۇ يەنە ئىشلەۋاتىدىغۇ، سەنزە ...

      ئىختىيارسىز ھالدا يۈزلىرىم چىمىلداشقا باشلىدى. نۇرمۇھەممەدكە قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم. ‹‹مەن نېمە دېگەن شەخسىيەتچى ھە؟!›› دەيتتىم ئۆز – ئۆزۈمگە پىچىرلاپ. مەن شۇ ھامان ساۋاقداشلار ئارىسىغا قوشۇلۇپ قايتىدىن كىرىشىپ كەتتىم. ھاۋا تىنجىق، ئازغىنە شامالمۇ يوق، ئەمما ساۋاقداشلارنىڭ غەيرىتى تولىمۇ ئۈستۈن، ھەممەيلەن باش كۆتۈرمەستىن ئىشلىمەكتە، ھېچكىم ‹‹ھاردىم››، ‹‹جاپا تارتىم›› دېمەيتتى.

      مەن ساۋاقداشلار يىغىپ ئەكەلگەن خىشلارنى رەتلەپ تىزىۋاتىمەن. بەللىرىم تېلىپ سىرقىراپ كەتكەن بولسىمۇ چىداشلىق بېرىپ ئىشلىمەكتىمەن. ھەش – پەش دېگۈچە تىزىلغان خىشلار بىلىمدىن ئاشتى. تۇيۇقىسىز ئۈچ، تۆت دانە خىش ئۈستىدىن غۇلاپ پۇتۇمغىلار چۈشتى. ‹‹ۋايجان!›› دېدىم – دە، پۇتۇمنى چاڭگاللىغان پېتىم ئولتۇرۇپلا قالدىم. ساۋاقداشلار ئەتراپىمغا ئۇلىشىپ مەندىن ئەھۋال سوراشتى. ‹‹ھېچقىسى يوق، ئازراق ئاغرىپ كەتتى، ھازىرلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ›› دېدىم مەن.

      ساۋاقداشلار مېنى ئارام ئېلىشقا بۇيرۇدى. ئەمما، مەن ئۇنىماي ئاغرىققا چىداپ ئىشلەۋەردىم.

      ساۋاقداشلارنىڭ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق كۈچەپ ئىشلىشى بىلەن بىنانىڭ تۆت ئەتراپى پاك – پاكىزە تۈسكە كىرگەنىدى. ساۋاقداشلارنىڭ پۈتكۈل ئەزايى خۇددى سۇغا چۆمۈلۈپ چىققاندەكلا ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. بىز بىر – بىرىمىزگە قارىشىپ قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق.

      (باھا)

      مانا بۇ ماقالىدە بىر قېتىملىق خالىسانە ئەمگەك ئەھۋالى كونكرېت ھەم جانلىق خاتىرىلەنگەن. بۇ ئالدىنقىسىغا قارىغاندا كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇزۇنراق يېزىشقا تېگىشلىك تەرەپلەرنى قىسقا يېزىشقا ئۇرۇنماسلىقىمىز لازىم. قىسقا يازىمەن دەپ مەسىلىنى ئېنىك چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىسەك ھەرگىز بولمايدۇ.

      ساۋاقداش، بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئىش – ھەرىكەتلەرنى كونكرېت يېزىشنى ئۆگىنىۋالدىڭىزمۇ؟ مۇشۇ چۈشەنچىڭىز ئاساسىدا بىر قېتىملىق ئەمگەك جەريانىنى كونكرېت يېزىپ چىقىڭ.

مەنبە: ‹‹ماقالە يېزىش يېتەكچىسى››دىن تەھرىر: ئاينۇر