باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

نەتىجە مۇشۇنداق كەلگەن

ئەخمەتجان ھوشۇر

      كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ئايگۈل قېيۇم كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، كەسىپ ۋە ئىجادىيەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى يارىتىپ كېلىۋاتقان ئىجادچان باغۋەنلەرنىڭ بىرى.

      ئايگۈل مۇئەللىم 1998 – يىلى بايىنغولىن ئوبلاستلىق پىداگوگېكا مەكتىپىنىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىنى پۈتكۈرۈپ كورلا شەھىرى پۇخۇي يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە تەقسىم قىلىندى. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ نەزەرىيەۋى بىلىملىرىنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشكە، پېشقەدەم ۋە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە، كەسىپكە ئائىت قوشۇمچە ماتېرىياللارنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەردى. ئۇ 2006 – يىلى 3 – ئايدا تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يېڭىشەھەر يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلدى. ئۇ مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەل سەنئەت دەرسىگە ئانچە قىزىقمايدىغانلىقىنى، باشقا دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بۇ دەرس ۋاقتىنى ئىگىلىۋالدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ھەممىنى باشتىن باشلاش قارارىغا كەلدى. پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ۋە قوشنا مەكتەپتىكى ئۈلگىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلىدى. خەلق سەنئەتكارلىرىدىن تەلىم ئالدى. ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكى، قىزىقىشىنى تولۇق ئىگىلىدى. دەرسنى ۋاقتىدا، ئەستايىدىل ئۆتتى. ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەلىي مەشىقنى كۈچەيتىپ رەسىم سىزىشتا ئىقتىدارى بارلارنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ ئۇلارنى ئايرىم يېتەكلدى ۋە رىغبەتلەندۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەل سەنئەت دەرسىگە بولغان قىزىقىشى كۈچىيىپ دەم ئېلىش كۈنلىرى توپلىشىپ دالىلارغا چىقىپ رەسىم سىزىدىغان، سىزغانلىرىنى مۇئەللىمگە كۆرسىتىدىغان، گۈزەل سەنئەت كۇرۇژۇكىغا بەس – بەستە قاتنىشىدىغان ياخشى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. ئايگۈل مۇئەللىم ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى يىللىقلار ئارا كۆرگەزمە قىلدى، ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىجادىيەتلىرىنى ھەرقايسى جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇردى. 2006 –، 2007 – يىلى 30 ئوقۇغۇچىنىڭ ئەسىرى ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك گۈزەل سەنئەت مۇسابىقىلىرىدە ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس مېدالغا ئېرىشتى. بۇ يىل 50 ئوقۇغۇچىنىڭ ئەسىرى 41 – نۆۋەتلىك خەلقئارا بالىلار رەسىم كۆرگەزمىسىگە تاللىنىپ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئەسىرى ئالاھىدە ئالتۇن مېدالغا، بەش ئوقۇغۇچىنىڭ ئەسىرى ئالتۇن مېدالغا، سەككىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئەسىرى كۈمۈش مېدالغا، 25 ئوقۇغۇچىنىڭ ئەسىرى ‹‹مۇنەۋۋەر ئەسەر›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 11 ئوقۇغۇچىنىڭ ئەسىرى مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن قامۇسقا كىرگۈزۈلدى.

 
سۈرەتتە: ئايگۈل مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسىم سىزىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا

      ئايگۈل مۇئەللىم تىرىشىش ۋە ئىزدىنىش يولىدا نۇرغۇن نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇ بىر نەچچە قېتىم شەھەر، ئوبلاست بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››، ‹‹ئىلغار شەخش›› بولۇپ تەقدىرلەندى. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ گۈزەل سەنئەت ماقالىسىنى باھالاش مۇسابىقىسى، گۈزەل سەنئەت دەرس پىلانى تۈزۈش مۇسابىقىسى، جەمئىيەت پېنىدە سائەتلىك پىلان تۈزۈش مۇسابىقىسى ۋە ماقالە يېزىش مۇسابىقىىلىرىگە قاتنىشىپ كۆپ قېتىم بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر يېتەكچى›› بولۇپ باھالاندى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر