باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ ۋەتەننى مەدھىيلەيلى

      پائالىيەت مەقسىتى:

      ئوقۇغۇچىلارغا خەلقىمىزنىڭ جۇڭگوكوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە قانداق قىلىپ جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ تىرىشىپ ئىشلەپ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلىگەنلىكىنى، يەنە قانداق قىلىپ قاتمۇقات جاپا – مۇشەققەت ۋە تەبىئىي ئاپەت ئۈستىدىن غالىب كېلىپ كۈندىن – كۈنگە زورايغانلىقىنى تونۇتۇش؛ ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزۇن تارىخى، شانلىق مەدەنىيىتى، مول بايلىقلىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

      رىياسەتچى(ئوقۇغۇچى B، A)

      A: بۇ ئالتۇن كۈز پەسلىدە،

      B: بۇ باياشاد ئاي – كۈنلەردە،

      B، A بىرلىكتە: بىز قاتتىق ھاياجان ئىلكىدە قۇياش نۇرى پارلىغان ئۆكتەبىرگە قەدەم قويدۇق.

     A : قۇياش پارلىغان ئۆكتەبىر،

     B: مول – ھوسۇللۇق ئۆكتەبىر،

     A: سۇلار ئويناقشىپ ئاققان ئۆكتەبىر،

      B: مېۋە – چېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان، دەل – دەرەخلەر لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئۆكتەبىر.

      B، A بىرلىكتە: ئۆكتەبىرگە قەدەم قويساق بىز خۇددى ئېرىقتىكى سۇ ئويناقشىپ ئاققاندەك، بۇغداي، شاللار كەڭ ئاشلىق ئامبىرىغا تولغاندەك ھېس قىلىمىز.

      A: ئۆكتەبىر ئېيىغا قەدەم قويساق بىز خۇددى قەد كۆتۈرۈلگەن دەۋرگە قەدەم باسقاندەك ھېس قىلىمىز. 60 يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن تارىخ ئىزىنى قالدۇردى،

   B      :  60 يىللىق تارىخ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش، خەلقنى بېيىتىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىزىنى قالدۇردى،

A   :    60 يىل خۇددى 60 تال شامدەك جۇڭگو خەلقىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ھاللىق تۇرمۇش سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش قىزغىنلىقى ئوتىنى لاۋۇلداتتى.

      B: ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىر ئۆكتەبىردە دەۋر مارشىنى ياڭراتتى،

      A: قىپقىزىل دۆلەت بايرىقى ئۆكتەبىردە ئوت يۈرەك قەلبلەرنى ئۆرتەندۈردى،

      B: تەنتەنىلىك دۆلەت گېربى ئۆكتەبىردە بىر مىللەتنىڭ مۇقەددەس ۋە يۈكسەكلىكىنى نامايان قىلدى.

      A : ئۆكتەبىر،

      B: گۈللەپ ياشنىغان،

      A: ئۆكتەبىر،

      B، A بىرلىكتە: شادلىق ناخشىسى ياڭرىغان،

      A: ئۆكتەبىر،

      B، A بىرلىكتە: ھەممىلا يەر گۈزەل شېئىر – ماقالىلەر بىلەن تولغان ئاي بولدى.

      B، A بىرلىكتە: ساۋاقداشلار، بۇ ئالاھىدە كۈنلەردە، ئۆكتەبىر بايرىمىغا تەنتەنە قىلىۋاتقان بايرام كۈنلەردە ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىمىزنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىمىز بىلەن ئىپادىلەيلى!

      A: قېنى، ‹‹ۋەتەن مېنىڭ ئانام›› تېمىلىق ئۇسسۇلىمىزنى كۆرۈڭلار.

      B: ۋەتەن خۇددى مېھرىبان ئانىمىزغا ئوخشاش بىزگە يېقىملىق ۋە ئىللىق تۇيۇلىدۇ.

      A : دۆلىتىمىزنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، تارىخى ئۇزۇن. قېنى، ‹‹ۋەتىنىم›› ھەققىدىكى دېكلاماتسىيىنى ئاڭلاڭلار.

      B: تۆۋەندە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارىمىز.

      1) دۆلىتىمىزدە قايسى مىللەتلەر بار )ئۇلارنىڭ نامى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، شۇنىڭدەك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى دەپ بېرىڭ(

      2) مەشھۇر جايلارنى بىلەمسىز؟ ئۇ يەردە قانداق ئالاھىدە مەھسۇلاتلار بار؟

      3) مەملىكىتىمىزدە قايسى ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلار بار؟ ئۇلارنىڭ مەركىزى قايەرگە جايلاشقان؟

      4) سىچۇەن ئۆلكىسى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ قايسى تەرىپىگە جايلاشقان؟ ۋېنچۇەن، ميەنجۇ، كاڭدىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ قايسى تەرىپىگە جايلاشقان؟

      A: سىچۇەن ئۆلكىسى ئەسلىدە مەنزىرىسى گۈزەل، بايلىقى مول، گۈزەل مۇنبەت تۇپراق ئىدى،

      B: بىراق، بۇ يەردە دۇنيا مىقياسىدا ئاز كۆرۈلىدىغان سەككىز بال قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەردى،

      A: شۇ پەيتتە ئاسمان – زېمىن ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كەتتى، تاغ گۈمۈرۈلۈپ يەر يېرىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئېتىبار بەردى، دۆلەت رەھبەرلىرى ئاپەت رايونىغا بېرىپ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلدى.

      B: ۋېن جياباۋ زۇڭلى بوران – چاپقۇن ئىچىدە ئاپەت رايونىغا بېرىپ خەلق ئاممىسىغا مېھىر – مۇھەببىتىنى ئاتا قىلدى.

      A: بۇنىڭدىن پۈتۈن دۇنيا تەسىرلەندى، خەلقىمىز خاتىرجەم بولدى،

      B: بىر تەرەپ قىيىنچىلىق تارتسا ھەممە تەرەپ ياردەم قولىنى سۇنۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل ئەنئەنىسىدۇر،

      A: پۈتۈن خەلق يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. چۈنكى، بۇ ۋەتەننىڭ چاقىرىقى.

      B، A بىرلىكتە: پۈتۈن خەلق بىر نىيەت بولۇپ ئىرادىدىن سېپىل ياساپ، جاپا – مۇشەققەتنى تەڭ تارتىپ، ئورتاق مۆجىزە يارىتايلى!

      A: ‹‹بىز ۋەتەن قوينىدا خۇشال ياشايمىز›› ناملىق ئۇسسۇلىمىزنى كۆپچىلىككە تەقدىم قىلىمىز.

      B: ‹‹بىز ۋەتەن قوينىدا خۇشال ياشايمىز›› ئۇسسۇلىدا ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ بەختلىك، كۆڭۈللۈك تۇرمۇشى ئىپادىلەنگەن!

      A: بىز بار كۈچىمىز بىلەن ئاپەت رايونىدىكى كىچىك دوستلارغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ مەكتىپىنى، ئۆي – ماكانلىرىنى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز.

      B: بىز ئۇلارنىڭ خۇددى بىزدەك گۈزەل مەكتەپ قوينىدا خۇشال ئوقۇپ، ساغلام يېتىلىپ، كۆك ئاسماندىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ ئورتاق ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرەيلى. تۆۋەندە ‹‹ۋەتەنگە مەدھىيە›› دېگەن خورنى ئاڭلايلى.

      A : خاسىيەتلىك ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، پەن – تېخنىكىنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغانلىقىنى مەدھىيىلەيلى؛ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى مەدھىيىلەيلى.

      B: ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى مەدھىيىلەيلى.

      A: ئۆكتەبىر ئېيىدا تاغ – دەريالار يايرىدى، كەڭ جۇڭخۇا ئىقلىمىدا مەدھىيە ناخشىلىرى ئوقۇلدى.

      B : ئۆكتەبىردە مول – ھوسۇل شادلىقى ياڭرىدى، دەۋرنىڭ ئۈمىدى چاقنىدى.

      B،A بىرلىكتە: بىز قايناق ئۆكتەبىردە ئوتتەك ھېسسىياتىمىز ۋە پولاتتەك ئېتىقادىمىز بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ غايەت زور چاق پىلىكىنى ئالغا ئىتتىرىپ، دەۋر ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، شانلىق كېلەچەككە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتىمىز!

      A: ئۆكتەبىرگە قەدەم قويغانلىقىمىز ئۇلۇغ دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىمىزدۇر.

      B: ئۆكتەبىرگە قەدەم قويغانلىقىمىز يېڭى بىر مۆجىزىگە قەدەم باسقانلىقىمىزدۇر.

      B،A بىرلىكتە: ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرى ساڭا بەخت تىلەيدۇ! مەڭگۈ قەيسەر بولۇشىڭنى تىلەيمىز، مەڭگۈ گۈللەپ ياشنىشىڭنى تىلەيمىز!

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر