ئاپېلىسىن تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. لېكىن ئۇششاق ئاپېلىسىننى بەك كۆپ يېمەسلىك كېرەك. بىر كۈندە ئۈچ تالدىن بەش تالغىچە يېگەندە، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن تولۇقلىنىدۇ. تەبىئىتى ئىسسىق بولغاچقا، كۆپ يېسە ئىسسىقى ئېشىپ كېتىپ، گال قۇرۇيدۇ، قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇششاق ئاپېلىسىن تەركىبىدە چوڭ ئاپېلىسنىڭكىگە قارىغاندا قەنت مىقدارى كۆپ بولۇپ، دىيابېت كېسىلى بارلار يېمىگىنى ياخشى.