باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

ئىككى ئاي بولغاندا قەرز قايتۇرۇش

       بىر كۈنى، شىتېنوسەي باي بىر ئايالدىن بەش جىڭ ئالتۇن قەرز ئېلىپ، ئۇنىڭغا:

      – ئىككى ئاي بولغاندا، پايدىسى بىلەن قوشۇپ قايتۇرىمەن، – دەپتۇ.

      ئىككى ئاي بوپتۇ، باي ئايال شىتېنوسەيگە قەرزنى قايتۇرۇشنى ئېيتىپتۇ. شىتېنوسەي ئۇنىڭغا:

      ئىككى ئاي بولسۇن، جېنىم خېنىم، ھازىر تېخى ئىككى ئاي بولمىدى، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

      باي ئايل ھەر قېتىم شىتېنوسەيگە قەرزنى قايتۇرۇشنى ئېيتسا، ئۇ ھامان تېخى ئىككى ئاي بولمىدى دەپ قايتۇرۇۋېتىدىكەن. ئاي ئۆتۈپتۇ، يىل ئۆتۈپتۇ، شىتېنوسەي قەرزنى قايتۇرماپتۇ. باي ئايال ئاخىرى تاقەت قىلىپ تۇرالماي، شاھ ئالىيلىرىغا ئەرز قىلىپ، شاھنىڭ ئۆزىگە ئاتىدارچىلىق قىلىپ قويۇشىنى ئۆتۈنۈپتۇ.

      پادىشاھ يېڭىدىن ۋەزىپىگە قويۇلغان نەيۋېننىڭ شىتېنوسەيگە قارىغاندا تېخىمۇ بەك ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئاپتۇ. بىر قېتىم، شىتېنوسەي بىر تاۋۇزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نەيۋېندىن سوراپتۇ:

      – بۇ تاۋۇزنى ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىمەن، ئېيتىپ بېقىڭا، ئىچى ئاقمۇ، قارىمۇ؟

      – ئاق، – جاۋاب بېرىپتۇ نەيۋېن.

      شىتېنوسەي تاۋۇزنى ئوتتۇرىدىن ئىككى قىپتۇ – دە، تاۋۇزنىڭ ئۇرۇقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

      – قاراڭ، قارا چىقتىمۇ؟ – دەپتۇ.

      بىراق تاۋۇزنىڭ ئېتى ئاق، – دەپتۇ نەيۋېن.

      – تاۋۇز ئېتىنىڭ ئاق بولۇشىنىڭ كارايىتى چاغلىق، مۇھىمى ئەتنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇقى، ئۇنىڭ ئۇرۇقى قارا، مەن بايا سىزندىن تاۋۇزنىڭ ئىچىدىكى نەرسىنىڭ قانداق رەڭدە ئىكەنلىكىنى سورىغان، شۇڭا سورالغان نەرسە ئۇرۇقى بولۇشى كېەك، چۈنكى ئەڭ ئىچىدىكى نەرسە ئۇرۇق، – دەپتۇ شىتېنوسەي.

      – تاۋۇزنىڭ ئۇرۇقى ئۇنىڭ ئەڭ ئىچىدىكى نەرسىسى ئەمەس، – دەپتۇ نەيۋېن شىتېنوسەيگە قاراپ، – تاۋۇز ئۇرۇقىنىڭ ئىچىدىمۇ يەنە باشقا نەرسە بار، – دەپتۇ – دە، بىر تال تاۋۇز ئۇرۇقىنى چىشى بىلەن چېقىپ، ئۇنىڭ مېغىزىنىچىقىرىپ، شىتېنوسەينىڭ ئالدىغا قويۇپ:

      – تاۋۇز ئۇرۇقىنىڭ ئىچىدىكى نەرسە راست ئاقمىكىن، ئەمدى ماڭا ئۇتتۇرىپ قويدىڭىزغۇ دەيمەن، – دەپتۇ.

      يۇقىرىدىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، شىتېنوسەينىڭ ئەدىبىنى پەقەت نەيۋېنلا بېرەلەيدىكەن.

      شىتېنوسەي بىلەن باي ئايال كۆل بويىغا راسلانغان سوتنىڭ ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن، نەيۋېن ھەر ئىككى تەرەپتىن بولغان ئىشنىڭ ئۆتمۈشىنى سوراپتۇ. شىتېنوسەي، ۋەدەمدىن يانغىنىم يوق، ئىككى ئاي بولغاندا بېرىمەن دېدىم، بېرىمەن. دەپ تۇرۇۋاپتۇ.

      ئاخىرى نەيۋېن بۇ ئىككەيلەنگە، بۇ ئەنزە بەك مۇرەككەپ ئەنزە ئىكەن، بەزى ئىشلار تېخى يېشىلمىدى، داۋاملىق سوراق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ھازىر كۈن ئولتۇراي دەپ قالدى، ئازراق دەم ئېلىۋالايلى، ھەممىڭلار قايتىپ تاماق يەڭلار – دە، چىراغ يېقىلغاندا يىغىلىڭلار، دەپتۇ.

      سوت ئورنى مەشئەل بىلەن يوپيورۇق يورۇتۇلغاندا، جاۋابكەر بىلەن دەۋاگەر بىردەك يېتىپ كەپتۇ. نەيۋېن شىتېنوسەينى قايتىدىن سوراق قىپتۇ:

     – سىز شەرت قىلغان ئاي بىر يىل ئىچىدىكى ‹‹ئاي››مۇ ياكى ئايماندىكى ‹‹ئاي››مۇ؟

      – ئاسماندىكى ‹‹ئاي››، – جاۋاب بېرىپتۇ شىتېنوسەي.

      نەيۋېن كۆلگە چۈشكەن تولۇق ئاينىڭ شولىسىنى كۆرسىتىپ:

      – كۆلدىكى سۇس نۇر چاقنىتىپ تۇرغان يومۇلاق نەرسە نېمە؟ – دەپ سوراپتۇ.

      – ئاي، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ شىتېنوسەي.

      – ئاۋۇ نېمە؟ – سوراپتۇ نەيۋېن شىتېنوسەيدىن ئاسماندىكى ئاينى كۆرسىتىپ.

     –  ئاي، – دەپتۇ شىتېنوسەي.

      نەيۋېن ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

      – كۆلدە بىر ئاي، ئاسماندا بىر ئاي، ئىككىسى قوشۇلۇپ ئىككى ئاي بولغان دېگەن شۇ، شۇڭا بۈگۈنلا پايدىسىنى قوشۇپ قەرزنى تۆلىۋېتىڭ، – دەپتۇ.

      شىتېنوسەينى تەر بېسىپ، ئاغزى گەپكە كەلمەي قاپتۇ، خەلقى ئالەم ئالدىدا يۈزى چۈشۈپتۇ.

 

     

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل – پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەر تەھرىر: ئاينۇر