باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى

      ئاپتونوم رايونلۇق 2011 – يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 25 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

      بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە تۆت كۈن داۋاملىشىدۇ، مۇسابىقىگە 30 كوماندا قاتنىشىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسىنىڭ بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسىنىڭ يەتتە كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

      ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، مائارىپ نازارىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە مەكتەپ پۇتبول پائالىيىتى بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى باشلانغان بولۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا تەييارلىق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. جەنۇبىي شىنجاڭ تارماق رايونىدىكى مۇسابىقە 2 – ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى مۇسابىقە 8 – ئاينىڭ ئاخىرى جىڭ ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مۇسابىقىگە 4000 دىن كۆپرەك پۇتبول ھەۋەسكارلىرى قاتناشتى.

 

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر