باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

بالىلار بايرىمىنى رەڭدار ئۆتكۈزەيلى

       خەلقئارا ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ساۋاقداشلار، سىلەر بايرامنى ئەھمىيەتلىك، مەنىلىك ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا پىلان تۈزدۈڭلارمۇ؟ ئەگەر بايرامنى رەڭ بىلەن تەسۋىرلەش توغرا كەلسە قايسى رەڭنى تاللايسىلەر؟

      قىزىل رەڭلىك بايرام ئۆتكۈزەيلى. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىق خاتىرىسى. بىز بۇ يىلقى ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمىدا بىرنەچچە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 يىل ئىلگىرى قانداق شارائىتتا قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى؛ يېڭى دەۋردىكى بىرنەچچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسىدىن خىزمەت ئورنىدا ئاۋانگارتلىق، باشلامچىلىق رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى. بايرامدا ئەترەت بايرىقى بىلەن پارتىيە بايرىقى تەڭ جەۋلان قىلسۇن.

      يېشىل رەڭلىك بايرام ئۆتكۈزەيلى. بالىلار بايرىمىدا ھەممىمىز مۇھىت ئاسراش ئاۋانگارتلىرىنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ، قولىمىزغا سۈپۈرگە، دەسمال ئېلىپ، مەھەللىدە تازىلىق قىلىپ ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن مۇھىت ئاسراشقا كۈچ چىقىرايلى.

      ئالتۇن رەڭلىك بايرام ئۆتكۈزەيلى. ئىيۇن پارلاق قۇياش نۇرىغا ئىللىق دوستلۇق مېھرىگە چۆمگەن ئاي. بايرامدا بىز يىراقتىكى دوستلىرىمىزغا خەت يېزىپ ئۇلاردىن ئەھۋال سورايلى؛ ئەتراپىمىزدىكى قىيىنچىلىقى بار دوستلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىللە ھەل قىلىپ ئۇلارغا كوللېكتىپنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزەيلى؛ ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان مەكتەپكە كېلىپ بالىلار بىلەن بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارغا بالىلىقنىڭ خۇشاللىقىنى، ئالتۇن قۇياش نۇرىنىڭ ھەممە بالىلارنىڭ قەلبىنى تەڭ ئىللىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرايلى.

      بالىلار بايرىمى يىلدا بىر قېتىم كېلىدۇ، بايرام ئۆتكۈزۈشنىڭ شەكلى ھەر خىل بولىدۇ. ساۋاقداشلار، بايرىمىمىزنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ھەم رەڭدار ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئەقىل – پاراسىتىمىزنى ئىشقا سالايلى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر