باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

ئاپا، ماڭا ئۇۋال قىلدىڭىز

     تاۋشى (باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى)

       مەن خۇشال – خۇرام يۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا چىرايىمدىن ھەمىشە كۈلكە كەتمەيدۇ. ئەمما، شۇ قېتىم مەن يىغلىدىم.

      ئۇ كۈنى ھاۋا ئۇچۇق بولۇپ، قۇياش ئەتراپقا نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىۋاتاتتى. مەكتەپتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېتىۋېتىپ ئەما بىر بوۋاينىڭ ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ ئاستا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ يوغان بىر تاشنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى، ئېھتىيات قىلمىسا پۇتلىشپ يىقىلىپ چۈشەتتى. مەن ئىختىيارسىز: ‹‹بوۋا، دىققەت قىلىڭ!›› دېگىنىمچە يۈگۈرۈپ بېرىپ، بوۋاينى قولتۇقلاپ تۇتۇۋالدىم. مەن ۋاقىتنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئۇنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويدۇم.

      ئۆيگە قايتقاندا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى. ئاپام مېنى كۆرۈپ خاپا بولغان ھالدا: ‹‹ئەمدى قايتىپ كەلدىڭمۇ، ھەقاچان ساۋاقداشلىرىڭ بىلەن ئويناپ كەلگەنسەن؟›› دېدى. مەن چۈشەندۈرەي دەپ ئېغىزىمنى ئېچىشىمغا ئاپام بىر كاچات سېلىپ: ‹‹كېلەر قېتىم يەنە كەچ قايتىپ كەلسەڭ تاماق يوق›› دېدى.

      ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلىقىمدىن كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش ئاقتى. ئاپا، مېنى چۈشەنمەيدىكەنسىز، مەن ئارىمىزدا ئۆزئارا چۈشىنىشنىڭ بولۇشىنى، ئىشنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئاندىن يەكۈن چىقىرىشىڭىزنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.

      شۇ قېتىم، مەن يىغلىدىم ھەم كۆڭلۈم يېرىم بولدى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر