باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

تەربىيەچىنىڭ ساپاسى توغرىسدا

مېھىرنىساخان نىياز، ئابدۇلئېزىز ئىسمايىل (كەلپىن ناھىيەسى گەزلىك ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

      ئەترەت باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش – ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان مۇھىم تەشكىلىي ئاپپاراتلارنىڭ بىرى. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات رىتىمى تىزلەشكەنسېرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەترەت خىزمىتى يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى. كۆپىنچە مەكتەپلەر غوللۇق، تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەچىلىككە قويۇپ، ئەترەت خىزمىتىدە ئاكتىۋال ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن، بىرقىسىم مەكتەپلەردە ئەترەت خىزمىتىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈنمىگەنلىكى، ئەترەت خىزمىتى ئۇنىۋېرسال ساپاسى بىرقەدەر تۆۋەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن پىيونېرلارنىڭ ئەترەت قوينىدا ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە توسالغۇ پەيدا بولۇۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەكتەپ مەمۇرىيىتى باش تەربىيەچىلىككە ئىقتىدارلىق خادىملارنى قويۇشى، ئەترەت خىزمىتىگە مەسئۇل خادىم يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى، بىلىم، ئەخلاق، باشقۇرۇش ۋە يېتەكلەش ساپاسىنى كۈنسايىن ئۆستۈرۈشى كېرەك. تەربىيەچى تۆۋەندىكىدەك ساپالارنى ھازىرلىشى كېرەك.

      1. ئۇنىۋېرسال بىلىم ساپاسىغا ئىگە بولۇش

      كىشىلەرنىڭ ماددىي، مەنىۋى تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۈنسايىن ئېشىشى، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ بالىلارنىڭ جەمئىيەت، تەبىئەت، كىشىلىك تۇرمۇش قاتارلىقلار ھەققىدىكى تونۇشى، چۈشەنچىسى زور دەرىجىدە ئۆستى. ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش، يېڭى شەيئى، يېڭى ھادىسىلەرگە قىزىقىش، بىلىمگە ئىنتىلىش ھەۋىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئەترەت تەربىيەچىلىرىدىن ئەتراپلىق، چوڭقۇر بىلىم، يۇقىرى ئىقتىدار ساپاسىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، تەربىيەچىلەر تىنىمسىز ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال بىلىم ساپاسى يېتىلدۈرمىسە پىيونېرلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە ئىستېتىكا جەھەتلەردىن ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.

      2. يۈكسەك دەرىجىدە كەسپىي ئەخلاق ساپاسىنى ھازىرلاش

      كۆپ ساندىكى تەربىيەچىلەر كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسىغا، بىباھا ئەخلاق – پەزىلەتكە ئىگە، خالىسانە تۆھپە قوشۇش روھىغا باي. لېكىن، بىرقىسىم تەربىيەچىلەر ئەترەت خىزمىتىنى ئارتۇقچە يۈك، مەجبۇرىيەت دەپ قاراپ مەسئۇلىيىتىگە ئىرەنسىز پوزىتسىيە تۇتىدۇ. پىيونېرلارنى گۈزەل ئەخلاق – پەزىلىتى بىلەن تەسىرلەندۈرۈش، ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. نەتىجىدە بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز، ساپاسىز تەربىيەچىلەرنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن پىيونېرلارنىڭ غۇبارسىز قەلبى بۇلغىنىپ، ئارزۇ – ئىستەكلىرى كۆپۈككە ئايلىنىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا، تەربىيەچىلەر ئۆزىدە مۇكەممەل كوممۇنىستىك ئېتىقاد، مىننەتسىز تۆھپە قوشۇشتەك گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتنى ھازىرلىشى كېرەك.

      3. يۈكسەك سىياسىي ئاڭ، سىياسىي سەزگۈرلۈككە ئىگە بولۇش

      ئەترەت پىيونېرلارنى سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى نىشان قىلغان ئىنقىلابىي تەشكىلات. پىيونېرلاردا كىچىكىدىن توغرا سىياسىي ئاڭ يېتىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان مۇستەھكەم ئېتىقاد تىكلەش ئىنتايىن زۆرۈر. بۇ نىشاننى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تەربىيەچىلەر يۈكسەك سىياسىي ساپانى ھازىرلىشى، كۆپلەپ گېزىت – ژۇرنال كۆرۈپ سىياسىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

      4. ئىجادچانلىققا، ئۆزگىچە تەشكىللەش، يېتەكلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش

      پىيونېرلارنى ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپىگە ماس ئەتراپلىق بىلىم، ئىدىيە – ئەخلاق ساپاسىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تەربىيەچىلەر ئەترەت پائالىيىتىنى كۆپ خىللىققا، يېڭىلىققا، ئىجادىي كەيپىياتقا ئىگە قىلىشى كېرەك. تەربىيەدە ئىجادىي روھ، يېڭىچە تەشكىللەش، يېتەكلەش ئىقتىدارى بولمىسا پىيونېرلاردا ئەترەت تەشكىلىدىن بىزار بولۇشتەك ناچار كەيپىيات شەكىللىنىدۇ – دە ئوقۇتۇش، تەلىم –تەربىيە خىزمىتىدە ئەترەتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولماي قالىدۇ.

      قىسقىسى، تەربىيەچى مەكتەپ ئومۇمىي خىزمىتىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان يادرولۇق كۈچ. شۇڭا، تەربىيەچى ھەر تەرەپلىمە بىلىم، ئىقتىدارغا، تەربىيەلەش، يېتەكلەش سەنئىتىگە، دۇرۇس ئەخلاقىي ساپا ۋە سىياسىي ئاڭ سەۋىيەگە ئىگە بولۇشى لازىم.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر