باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

ئالما

 

      ئالما — ئالما، باشقا مېۋىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ياخشى ساقلىنىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، سىرتقى كۆرۈنۈشى كۆركەم، تەمى ياخشى بولۇپ، قىش پەسلى ۋە باش ئەتىيازدىكى ئېسىل مېۋە ھېسابلىنىدۇ. 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن ئىلگىرى ئالما ئىشلەپچىقىرىش رايونى ئاساسلىقى ئىلىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاساسلىق سورتلاردىن يازلىق لىمون ، كۈزلۈك لىمون ۋە ئاپورت ئالمىلىرى بار ئىدى . 50 – يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە گوگۇاڭ، خۇڭ يۈەنشۇي، چىڭشياڭجاۋ قاتارلىق سورتلار كىرگۈزۈلدى. ئىلىدىن باشقا تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ئېتىكىدە بىر قەدەر زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى. 80 – يىللارنىڭ بېشىدىلا ئەلا سۈپەتلىك خۇڭفۇشى ئالمىسى كىرگۈزۈلۈپ، ئالما ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى تېخىمۇ كېڭىيىپ، ئىلى ۋە ئاقسۇدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئالما ئىشلەپچىقىرىش رايونى شەكىللەندى. شىنجاڭنىڭ ئالمىسىنىڭ دانىسى چوڭ، ئېتى ياخشى، شىرنىسى كۆپ، تەمى تاتلىق، پۇراقلىق، قەنت تەركىبى ئادەتتە 17–15 پىرسەنت ھەمدە تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار. نۆۋەتتە، ئۆستۈرۈلىۋاتقان ئاساسلىق سورتلاردىن خۇڭفۇشى، چىڭشياڭجاۋ، گوگۇاڭ قاتارلىقلار بار. ئىلىدىكى ياۋا مېۋە سورتلىرى ئالما سورتلىرى يېتىشتۈرۈشتىكى سۈپەتلىك سورت بايلىقى ھېسابلىنىدۇ.

 

شاختىكى ئالمىلار

      ‹‹كۈندە بىر ئالما››كىشىلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ساغلاملىق شۇئارى بولىشى مۇمكىن. ھەقىقەتەن شۇنداق ، ئالمىنىڭ تەركىبىدە قەنت، ئورگانىك كىسلاتا، تالا ماددىسى، ۋىتامىن، مىنېرال ماددا قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ماددىلار بار، شۇنداقلا پولىفېنوللۇق ۋە فلاۋونلۇق ئوزۇقلۇق ماددا بار بولۇپ، ئالىملار تەرىپىدىن ‹‹تولۇق يۆنىلىشلىك ساغلاملىق يېمەكلىكى››دەپ ئاتالغان. بۇنداق ئاتىلىشنىڭ سەۋەبى :

      قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش: ياپونىيەلىك مېۋىلىك دەرەخ تەتقىقات ئورنىدىكى مەلۇم بولۇشىچە، ھەركۈنى ئىككى ئالما يەپ بەرسە قاندا ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

      قان بېسىمنى چۈشۈرۈش: ناترىينىڭ مىقداردىن ئېشىپ كېتىشى قان بېسىم يۇقىرى بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.چۈنكى ئالما تەركىبىدە، يېتەرلىك كالىي ماددىسى بار بولۇپ، ئۇ قان بېسىمنىڭ ئۆرلىشىنى، شامال دارىپ قېلىشنى كونتىرول قىلالايدىكەن. ئەنگلىيىلىك ئاتاقلىق ئوزۇقلۇقشۇناس سۇسان ئولىچ ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى بەزى ماددىلار مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، دېگەن.

      راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش: ياپونىيەدىكى مەلۇم ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا،ئالما تەركىبىدىكى پولىفېنول، راك ھۈجەيرىسىنىڭ كېڭىيىشىنى تىزگىنلەيدىكەن. لېكىن فىنلاندىيەدىكى بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئالما تەركىبىدىكى فلاۋونلۇق ماددا، بىر خىل يۇقىرى ئوكسىدلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ،ئەگەر كىشىلەر ئالمىنى كۆپ يىگەندە،ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 46 نىسبەت تۆۋەن بولىدۇ، باشقا تۈردىكى راك كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇشى20 نىسبەت تۆۋەن بولىدۇ. فىرانسىيە ساغلاملىق تىببى تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچىلار ئالما، ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر