باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

باھار شادلىقى

 

نۇربىيە ئۆمەر

 

      كائىناتقا ئاق لىباستىن تون كىيدۈرگەن قەھرىتان قىش قۇيرۇقىنى قىسقاندەكلا كېتىپ، پەسىللەرنىڭ رەناسى بولغان باھار ئانا تەبىئەتكە يېشىل مەخمەلدىن تون كىيدۈرۈش ئۈچۈن ئاستا – ئاستا قەدەم باستى.

      باھار قەدىمى يېتىپ كېلىشى بىلەن ئانا تەبىئەت شېرىن ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى. قۇياشنىڭ سېخىي نۇرىدا ئېرىگەن ئەگىز سۇلىرى باھار شادلىقىغا شادلىق قوشماقچى بولغاندەك ئويناقشىپ ئېقىشقا، دەل – دەرەخلەر ئانا تەبىئەتكە يېشىل يوپۇق يېپىش ئۈچۈن ئالدىراپ بىخ چىقىرىپ كۆكىرىشكە، يىراق – يىراقتىن نورۇز ھىدى دىماغلارغا ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. باغلاردىكى كاككۇكلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى كىشىلەرگە ئەمگەك ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن بېشارەت بەردى. ئانا مېھرىدەك ئىللىق باھار يېتىپ كەلدى. خۇش تەبەسسۇملۇق باھار جىمى مەۋجۇداتقا شادلىق ئېلىپ كەلدى.

      ئەنە، ئىللىق باھار شامىلى قۇندۇزدەك قارا چاچلارنى سىيپاپ ئۆتمەكتە، يۇمران يۈزلەرنى سۆيمەكتە. باھار شادلىقىغا جور بولۇشقا ئالدىراشقان پەسىل قۇشلىرى كۆپكۆك ئاسماندا ئۇچۇشماقتا. كەڭ كەتكەن ئېتىزلىقلاردىكى مايسىلار، گۈللۈكلەردىكى گۈل – گىياھلار قۇياشنىڭ گۈزەل رۇخسارىنى كۆرۈش ئۈچۈن مامۇقتەك يۇمشاق تۇپراق قوينىدىن باش كۆتۈرمەكتە. قۇرت – قوڭغۇزلار باھار سالىمىنى كۆرۈپ قىشلىق ئۈچەكلىرىدىن چىقماقتا. چېھرىدىن سەبىيلىكى كەتمىگەن بالىلار تايچاقلاردەك سەكرىشىپ، لەگلەكلىرىنى باھار ناخشىسىغا جور قىلىشىپ كۆك قەھرىدە بولۇشىغا ئۇچۇرماقتا. بىلىم تەشنالىقىغا قانمىغان ئىلىم خۇمار ياش غۇنچىلار باھارنىڭ چىللىشى بىلەن سومكىلىرىنى ئېسىشىپ مەكتەپلىرىگە يول ئالماقتا.

      باغلاردىكى ھەرخىل مېۋىلەرنىڭ چېچەكلىرى باغ ھۆسنىگە ھۆسن، تەبىئەت گۈزەللىكىگە گۈزەللىك قوشماقتا، ئۇچار قاناتلار ئانا تەبىئەتنىڭ كەڭرى قوينىدا باھارنى كۈيلەپ ناخشا – ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە. ئەمدىلا باش كۆتۈرگەن بېدىلەرنى دوستلار بىر – بىرىگە يېڭىلىق سۈپىتىدە تۇتۇشماقتا. يېڭىلا بىخ چىقىرىشقان تال چىۋىقلارنى غۇنچىدەك قىزلار بېشىغا گۈلچەمبىرەك قىلماقتا.

      ئەنە، ئاۋۇ تەرەپتىن دېھقان تاغىلارنىڭ ناخشىسى ئاڭلىنىۋاتىدۇ. ئاڭلاڭ دوستۇم، ئۇلار باھارنى مەدھىيەلەۋاتىدۇ، كۈيلەۋاتىدۇ. ھەممە مەۋجۇداتنى خۇشاللىققا چۆمدۈرگەن، شادلىققا ئېرىشتۈرگەن باھار ئۇلارنىڭ ناخشىسىغا قېتىلىپ يىراق – يىراقلارغا تارقىلىۋاتىدۇ.

 (ئاپتور قاراقاش ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2 – يىللىق 2 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر