باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

پادىشاھ بىلەن مالاي

       فىلىپپىندە ئاشىن ئىسىملىك ئەقىللىق بىر ئادەم بولۇپ، پادىشاھنىڭ مالايلىقىنى قىلىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئۆيىدىكى باشقا مالايلارغا تازا پو ئېتىپ بەرگىلى تۇرۇپتۇ:

      – ئوردقىدا مەندىن ئەقىللىق ئادەم يوق.

      قېرىشقاندەك بۇ گەپنى پادىشاھ ئاڭلاپ قېلىپ قاتتىق ئاچچىقى كەپتۇ – دە، ئاشىننى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا:

      – سەن ئۆزۈڭنى ئوردا بويىچە ھەممىدىن ئەقىللىق دېدىڭ، ئەمدى سېنى سىناپ كۆرەيلى. سەن بېلىق تۇتىدىغان تورنى ئېلىپ بېرىپ، دېڭىزدىكى دولقۇننى تۇتۇپ كەل.

      – ھەي، پادىشاھى ئالەم، بۇ ئىش دېگەن بەك ئاسان، – دەپتۇ ئاشىن، – ماڭا پەقەت قۇمدىن ئېشىلگەن ئارغامچىلا كېرەك، ماڭا مۇشۇنداق ئارغامچىنى تېپىپ بېرەلىسىڭىز، مەن دېڭىز دولقۇنىنى تۇتۇپ كېلىمەن.

     – يوقال ئوردىدىن، – دەپتۇ قانداق جاۋاب بېرىشىنى بىلەلمەي قالغان پادىشاھ قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، – ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما، مېنىڭ زېمىنىمغا دەسسسىمە.

      – ناھايىتى ياخشى، – دەپتۇ ئاشىن، دەرھال ئوردىدىن چىقىپ كېتىپتۇ.

      ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، پادىشاھ ئاشىننىڭ ئوردا ئالدىدا كالا ھارۋىسىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ.

      – مەن سېنى دەرھال بۇ يەردىن كەت دېمىدىممۇ؟ – دەپتۇ پادىشاھ ۋارقىراپ، – يەنە بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن؟ كالاڭدىن ئايرىلغىڭ كەلدىمۇ؟

      – سىز مېنىڭ ئۆز يېرىمدە تۇرغىنىمنى كۆرمىدىڭىز؟ – دەپتۇ ئاشىن كۈلۈمسىرەپ ۋە ھارۋىدىكى ئەت توپىنى كۆرسىتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ، – مەن توپىنى ئۆزۈمنىڭ يېرىدىن قېزىپ كەلدىم.

      – بولدى، بولدى، – دەپتۇ پادىشاھ، – بۇ قېتىممۇ سەن يەڭدىڭ، بىراق مەن ساڭا باشقا ئىش تاپشۇرىمەن. سەن بۇ كاۋىنى مۇشۇ چىنە ئىدىشنىڭ ئىچىگە سال، بىراق، ئىدىشمۇ سۇنۇپ كەتمىسۇن، كاۋىمۇ پارچىلىنىپ كەتمىسۇن. – پادىشاھ گېپىنى تۈگىتىپلا بىر كاۋا بىلەن بىر چىنە ئىدىشىنى اشىنغا بېرىپتۇ. بۇ كاۋا بەك يوغان بولۇپ، ئاغزى كىچىك بۇ چىنە ئىدىشقا ھەرگىز پاتمايدىكەن.

      ئاشىن چىنە ئىدىشتىن كاۋىنىڭ يوغان تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ قېتىم ھەقىقەتەن قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ھېس قىپتۇ.

      ئۇ ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، بۇ قىيىن مەسىلە ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىپتۇ. ئۇ بىردىنلا ئۆزىنىڭ كۆكتاتلىقىدا كاۋا، پۇرچاق ۋە باشقا كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. قارىسا كىچىك بىر كاۋا تۇرغان، كىچىك بولغاندا ھېلىقى چىنە ئىدىشنىڭ ئاغزىدىن پاتقىدەك ئىكەن. ئۇ ھېلىقى كاۋىنى پىلىكى بىلەن قوشۇپ چىنە ئىدىشنىڭ ئىچىگە سېلىپ، ئۇنى شۇ يەردە ئۆستۈرۈپتۇ. ئارىدىن بىرنەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ھېلىقى كاۋا چىنە ئىدىشنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ يوغىناپتۇ. ئاشىن كاۋا بىلەن كاۋا سېلىنغان ئىدىشنى ئېلىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.

      پادىشاھ چىنە ئىدىشنىڭ ئىچىگە سېلىنغان كاۋىنى كۆرۈپتۇ، قارىسا ئىدىشمۇ سۇنمىغان، كاۋىمۇ ساق تۇرغان. بۇنىڭغا قاراپ ئىلاجىسىز ئاشىننىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىپتۇ:

      – ئاشىن، سەن ھەقىقەتەن ھەممىدىن ئەقىللىق ئىكەنسەن، – دەپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل – پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەر تەھرىر: ئاينۇر