باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

يۇمۇرلار

ئەخمەقلىق

      بىر بالا گېزىتتىكى تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئوقۇپ ھەيران بولغان ھالدا دادىسىدىن سوراپتۇ:

      — دادا، بۇ ئۇلارنىڭ نېمە قىلغىنى؟

      — قانداق دەيسەن؟ بۇ تۇتۇش بۇيرۇقى، بۇ ئۇنىڭ سۈرىتى، نەرىنى چۈشىنەلمىدىڭ يەنە؟

      — ئەخمەقلەر، — دەپتۇ بالا، — نېمىشقا بۇ ئادەمنى سۈرەتكە تارتقاندىلا تۇتۇۋالمىغان بولغىيتتى؟

شامال

      تەبىئەت دەرسى ئۆتۈۋاتقان مۇئەللىم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسكە تازا دىققەت قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:

      — شامال قانداق پەيدا بولغان؟

      ھودۇقۇپ كەتكەن ئوقۇغۇچى دەرھال جاۋاب بېرىپتۇ:

      — دېرىزىنى ياخشى ئەتمەپتۇق ئەمەسمۇ!

ئۆزگەرتىش

      بىر ھەۋەسكار مۇھەررىرگە ھېكايىسىنى كۆرسىتىپ قانداق يېزىلغانلىقىنى سوراپتۇ. مۇھەررىر:

      — ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ، پەقەت بىرلا جايىنى ئۆزگەرتىۋەتسەك بولغۇدەك، — دەپتۇ.

      — نەرىنى؟ — دەپتۇ ھەۋەسكار ھاياجانلىنىپ.

      — ئىسمىڭىزنى بالزاكقا ئۆزگەرتىۋەتسەكلا بولىدۇ، — دەپتۇ مۇھەررىر.

مومام بار

      بىر بالا بوۋىسىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ:

      — بوۋا، مەن قىزىقارلىق بىر چۈش كۆرۈپتىمەن، ساڭا ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ — دەپتۇ.

      ئالدىراش ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان بوۋاي:

      — مەن ھازىر ئالدىراش قوزام، چۈشۈڭنى موماڭغا ئېيتىپ بەرگىن، — دەپتۇ.

      — بولدى، مومام چۈشۈمدە بار، ئۇ ھەممىنى كۆرگەن، — دەپتۇ بالا.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر