باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

دورا يېيىشتىكى خاتالىقلار

      دورا يەپلا ھەرىكەت قىلىش: دورا يەپ بولغاندىن كېيىن ئاشقازان، ئۈچەينىڭ دورىنى قوبۇل قىلىشىغا 30 مىنۇتتىن 60 مىنۇتقىچە ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ ئارىلىقتا يېتەرلىك قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشىغا توغرا كېلىدۇ. دورا يەپلا ھەرىكەت قىلغاندا ئاشقازان، ئۈچەي قاتارلىق ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ تەمىنلىشى يېتەرلىك بولماي دورىنىڭ قوبۇل قىلىنىش ئۈنۈمى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

      سۇنى بەك كۆپ ئىچىۋېتىش: قاتتىق دورىلارنى ئىچكەندە كىچىك بىر ئىستاكان سۇ بولسىلا بولىدۇ. يۆتەل توختىتىش مەلھىمىگە ئوخشاش ئالاھىدە دورىلار ياللۇغلانغان كېكىردەك شىللىق پەردىسى يۈزىدە قوغداش پەردىسى شەكىللەندۈرىدۇ. شىللىق پەردىنىڭ ياللۇغلىنىش تەسىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن مەلھەمنى ئىچىپ بەش مىنۇتقىچە سۇ ئىچمەسلىك كېرەك.

      دورىنى ئېزىپ ئىچىش: دورىنى ئېزىپ ئىچكەندە دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىپ قالماستىن يەنە ناچار تەسىر كۆرسىتىپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن: ئۈچەيدە ئېرىيدىغان ئاسپىرىن تابلېتكىسىنى ئېزىپ يېگەندە ئۈچەيدە ئېرىتكۈچى يېپىنچىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلمەي ئۈچەي يولىغا بىخەتەر بارالمايدۇ. ئاشقازاندا ئېرىپ كېتىپ دورا ئۈنۈمىنىڭ رولى يوقاپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

      دورىنى قۇرۇق يۇتۇش: دورىنى قۇرۇق يۇتقاندا بىر تەرەپتىن ھەزىم قىلىش يولى زەخىملەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن يېتەرلىك سۇنىڭ ياردىمى بولمىغانلىقتىن دورىنى ئېرىتەلمەيدۇ. بەزى دورىلار بەدەندە قېتىۋالىدۇ.

      كۆپ خىل دورىنى تەڭلا ئىچىش: كۆپ خىل دورىنى تەڭلا يېگەندە دورىلار ئاساسەن بىر – بىرى بىلەن تەسىرلىشىپ، بەزى ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر