باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

ئەڭ ئېگىز بىنا

 

      دۇنيادا ئەڭ ئېگىز بىنا جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى 101 قەۋەتلىك پۇل مۇئامىلە بىناسى بولۇپ ‹‹تەيبېي 101›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئېگىزلىكى 508 مېتىر. ئۇنىڭ شەكلى كۆككە تاقاشقان بامبۇك نوتىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ بىنانىڭ قۇرۇلمىسىنى لايىھەلەشتە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق سەنئىتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ھەر سەككىز قەۋەت بىرلىك قىلىنىپ بامبۇك بوغۇمىدەك چەمبىرەك چىقىرىلغان، بىنانىڭ تاشقى تېمىغا تىنچلىق ۋە بەختنى بىلدۈرىدىغان ‹‹كۆڭۈل›› دېگەن خەت نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن. بۇ بىناغا دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز سۈرئەتلىك لېفىت ئورنىتىلغان بولۇپ 1 – قەۋەتتىن 89 – قەۋىتىگە چىقىشقا 39 سېكۇنتلا ۋاقىت كېتىدۇ.

      بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بىنا دېگەن شەرەپكە مالايسىيا پايتەختى كۇئالالومپۇردىكى قوش مۇنار شەكىللىك نېفىت بىناسى نائىل بولۇپ كەلگەنىدى. بۇ بىنا 88 قەۋەتلىك ئىككى بىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ئېگىزلىكى 456 مېتىر.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر