باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

دادا، بىزنى ئوقۇغىلى قويۇڭ

 قەيسەرجان ھەبىبۇللا

 

      قەدىرلىك دادا، كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى يۈزتۇرانە دېيەلمەي چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سىزگە خەت يېزىۋاتىمەن.

      دادا، تۈنۈگۈن ئاچام ئىنتايىن خۇشال ھالدا ئۆزىنىڭ ناھىيەدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئوقتۇرۇشنى كۆتۈرۈپ كىرگەندە سىز: «بولدى، ئەمدى ئوقۇمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۆيدە ئاپىڭىزغا ياردەملىشىڭ، دېھقاننىڭ بالىسى ھەرقانچە ئوقۇسىمۇ يەنىلا دېھقان بولىدۇ» دېدىڭىز. ئاچام سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ ھېچنەرسە دېيەلمەستىن يىغلىغىنىچە ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. دادا، ئاچام ئىزچىل ئەلاچىلىقنى قولدىن بەرمەي ئوقۇپ كەلدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىدە نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ سىز ئالىي مەكتەپ ئەمەس، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ ئوقۇشىغا قارشى تۇرسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بەلكىم قوشنىلىرىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن بالىلىرىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ بىزنىڭمۇ كەلگۈسىدە خىزمەت تاپالماسلىقىمىزدىن ئەنسىرەۋاتقانسىز. سىز قىسمەن ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ بىزنى ئوقۇشتىن توسماڭ. ياخشى ئوقۇساقلا كەلگۈسىدە ئۆزىمىزگە تېگىشلىك ئورۇن تاپالىشىمىزغا ئىشەنچىمىز بار.

      دادا، نادانلىقتىن ئارتۇق ئاپەت يوق. يۈرەك پارىلىرىڭىز بىلىمسىز بولۇپ قالمىسۇن. بىزنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىرادىمىزغا سوغۇق سۇ سەپمىگەيسىز.

 (ئاپتور پىچان ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 1 – يىللىق 3 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر