باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

جاپالىق ئەجىرنىڭ شېرىن مېۋىسى

     ئايشەمگۈل جاپپار (مۇخبىرىمىز)

 ‹‹مەن ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى كۆرىمەن، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن، بىلىمگە ئىنتىزار ھەربىر غۇنچىنىڭ قەلبىگە ئىلىم ئۇرۇقى چېچىپ ئۇلارنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقسام دەيمەن››. مانا بۇ قۇمۇل شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئايەتگۈل قادىرنىڭ يۈرەك سۆزى.

      ئايەتگۈل مۇئەللىم 1994 – يىلى قۇمۇل شەھەرلىك پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ قۇمۇل شەھىرى ئاستانە يېزىلىق 1 – باشلانغۇچ مەكتەپكە تەقسىم قىلىندى. بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولغاچقا رەھبەرلىك ئۇنىڭغا تۆت خىل دەرسنى بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. ئايەتگۈل مۇئەللىم رەھبەرلىك تاپشۇرغان ۋەزىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ مۇنبەرگە چىققان بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ قېتىرقىنىپ ئىزدەندى. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئۇلارنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆردى. ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلىشكە ماھىر بولۇپ ئۇلارنىڭ قىزىقىشى، ياش ئالاھىدىلىكى ۋە بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ھەربىر سائەتلىك دەرسنى ئەستايىدىل ۋە پۇختا تەييارلىدى. ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ جەلپ قىلىش ئۈچۈن دەرسخانىدا يېڭىچە ۋە ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.

      ئايەتگۈل مۇئەللىم رەھبەرلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە 1998 – يىلى قۇمۇل شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلدى. ئۇ بۇ مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن سىنىپ مەسئۇلىلىق ۋە يۇقىرى يىللىقنىڭ ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئايەتگۈل مۇئەللىم ئالدى بىلەن كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ پېشقەدەم ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن پىكىرلەشتى، ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنىڭ دەرسىنى ئاڭلىدى، گېزىت – ژۇرنال، توردىن قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكىغا قىزىقتۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ماقالىلەرنى ئوقۇپ توپلىدى، ساۋاقداشلار بىلەن پىكىرلەشتى. ئۇ ماتېماتىكا دەرسىنى قىزىقارلىق چۆچەك، مەسەللەر بىلەن بىرلەشتۈردى. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ ئۇلارنى جانلىق تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلىدى. نەتىجىدە ئۇ دەرس بەرگەن سىنىپلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتى 99 پىرسەنتكە يەتتى.

    سۈرەتتە: ئايەتگۈل مۇئەللىم ئوقوغۇچىلارنى يېتەكلىمەكتە

      ئايەتگۈل مۇئەللىم سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتىنى ئىشلەش جەريانىدا ‹‹كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش›› ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ئايرىم ئارخىپ تۇرغۇزدى. ساۋاقداشلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا، ئادىل ھەل قىلدى، دەرستە يېتىشەلمىگەن ئوقوغۇچىلارنى دەرستە ياخشى ئوقوغۇچىلارغا چېتىپ قويۇش ئارقىلىق ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلىشىنى قولغا كەلتۈردى. ئوتتۇرا ئەترەتتە ھەپتىدە بىر قېتىم ‹‹جىددىي پەيتتە ئەقىل تاپالايدىغان پىيونېرلاردىن بولايلى››، ‹‹ئەترەت بىلىملىرىنى چۈشىنەمسىز›› دېگەن تېمىلاردا پائالىيەت ئۆتكۈزدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئۇلارنى قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قاتارلىق جايلارغا ئاپاردى.

      جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق ئايەتگۈل مۇئەللىم ‹‹قوش تىل››دا دەرس ئۆتۈش، ماتېماتىكا دەرسى ئۆتۈش، سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتىنى ئىشلەشتە رەھبەرلەر ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 17 يىلدىن بۇيان مەكتەپ بويىچە 17 قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىسى››، ‹‹تايانچ ئوقوتقۇچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى››، ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ مەسئۇلى››، ‹‹ئىلىم – پەن باشلامچىسى›› دېگەندەك ناملار بىلەن تەقدىرلەندى؛ قۇمۇل شەھىرى بويىچە ‹‹ئون مۇنەۋۋەر تەربىيەچى››نىڭ بىرى، ‹‹مۇنەۋۋەر تەربىيەچى››، ‹‹›قوش تىل›› ئوقۇتۇش ماھىرى›› دېگەن ناملار بىلەن سەككىز قېتىم مۇكاپاتلاندى؛ شەھەر، ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دەرسخانا لايىھەسى تۈزۈش، نۇتۇق سۆزلەش، نەق مەيدان ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىلىرىدە ئون قېتىم بىرىنچى ۋە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر