باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

ئۇلار بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز

ئايقىز ئابدۇقادىر

      1. پائالىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى

      ئوقۇغۇچىلارغا رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ، ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسنىڭ ماھىيىتىنى، خاراكتېرىنى چۈشەندۈرۈش ھەمدە بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتىنىمىزنى قوغداشنىڭ بارلىق پۇخرالارنىڭ مەسئۇليىتى ئىكەنلىكنى ئېنىق تونۇتۇش.

      2. پائالىيەت مەقسىتى

      ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرى، رەزىل مەقسىتى قاتارلىقلارنى تونۇتۇپ، ئۇلارغا رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ رەزىل مەقسىتىنى ئېچىپ بېرىش. ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلاردا كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى قوزغاپ، ۋەتەن دۈشمىنىنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى، ۋەتىنىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشىمىز لازىملىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە تىرىشىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش.

      3. پائالىيەت شەكلى: چوڭ ئەترەت پائالىيىتى مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

      4. پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار: بارلىق ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيىچىلىرى ۋە بارلىق پىيونېرلار تولۇق قاتنىشىدۇ.

      5. پائالىيەت تەييارلىقى: مەكتەپ سەنئەت كۇرۇژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلار ‹‹ۋەتىنىم جۇڭگو›› تېمىسىدا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز كۈيلەنگەن شېئىرلارنى تەييارلاپ دېكلاماتسىيە قىلىدۇ. ۋەتەننى سۆيۈش، ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ھەمكارلىشىپ رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ۋەتەن خائىنلىرىغا تەڭ تاقابىل تۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەش مەزمۇن قىلىنغان ئىتوت تەييارلايدۇ (بارلىق تەييارلىق تەربىيىچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولىدۇ).

      رىياسەتچى A(ئوغۇل): بۇنىڭدىن 60 نەچچە يىل بۇرۇن مەن دېمەتلىك بىر ئۆسمۈر كىيىملىرى جۇل – جۇل، يالاڭ ئاياغ، بىر قولىدا زاغرا، بىر قولىدا تاياغ كۆتۈرۈپ ئات ۋە كالىلارنى ھەيدەپ مۇڭلۇق كۆزىنى ئەتراپقا تىككىنىچە پادا باققىلى ماڭغانىدى.

      رىياسەتچى B(قىز): بۇنىڭدىن 60 نەچچە يىل بۇرۇن مەن دېمەتلىك بىر ئۆسمۈر ئېغىر تاغارنى يۈدۈپ، ئاچلىقتىن نۇرسىزلىنىپ ياشاڭغۇرىغان كۆزلىرىنى نامراتلىق قاپلىغان مەھەللىنىڭ يوللىرىغا تىككىنىچە تېزەك تېرىپ يۈرەتتى.

      رىياسەتچى A)ئوغۇل): بىچارە بالىلار ئاچلىقتىن زار قاخشىغان.

      رىياسەتچى B(قىز): ئاتا – ئانىسىمۇ ئامالسىز قېلىۋاتقان.

      رىياسەتچى A(ئوغۇل): ھەممىلا جاي سوغۇق، يېرىم يالىڭاچ ئادەملەر.

      رىياسەتچى B(قىز): يىغلامسىراپ تۇرۇپ بىلىم ئىگەللەشتىن مەھرۇم قالغان بىچارە ناتىۋانلار.

      رىياسەتچى A(ئوغۇل): (جەڭگىۋار ھالەتتە) ئايلار ئۆتتى!

      رىياسەتچى B(قىز): (ياڭراق ئاۋازدا) يىللارمۇ ئۆتتى!

      رىياسەتچى A(ئوغۇل): بىزنىڭ باتۇر، قورقماس ئەجداتلىرىمىز بۈگۈنكى بەختىيار كۈننى يارىتىپ بەردى.

      رىياسەتچى B(قىز): ئۇلار بىزگە بەختلىك، باراۋەر، ئىناق سوتسىيالىزم جەمئىيىتىنى قۇرۇپ بەردى.

      رىياسەتچى A(ئوغۇل): ۋەتىنىمىز ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ گۈللەندۈرۈشى نەتىجىسىدە ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى.

      رىياسەتچى B(قىز): بىزگە ئوخشاش گۈل – غۇنچىلارمۇ سوتسىيالىزمنىڭ پارلاق نۇرىدا بىلىم ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق.

      رىياسەتچى A(ئوغۇل): ۋەتىنىمىز تەرەققىي قىلىۋاتقان، ھەرمىللەت خەلقى ئىناق ياشاۋاتقان، ئىتتىپاقلىق ناخشىسىنى ياڭرىتىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە ئارىمىزدىن رابىيە قادىرغا ئوخشاش خائىنلار چىقىپ ۋەتىنىمىزنى پارچىلاشقا ئۇرۇندى.

      رىياسەتچى B(قىز): توغرا، ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىمۇ رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قان – قېرىنداش ئىتتىپاقلىقىغا، ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۆزى قىزىرىپ ئېلىپ بارغان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىدۇر.

      رىياسەتچى A(ئوغۇل): شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. بىراق، رابىيە قادىرغا ئوخشاش بۆلگۈنچىلەر شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ، بىزنى نامرات، نادانلىققا يۈزلەندۈرۈش مەقسىتىدە بولۇۋاتىدۇ.

      رىياسەتچى B(قىز): (ياڭراق ئاۋازدا) بىز ئۇلارنى رەزىل مەقسىتىگە يەتكۈزمەسلىكىمىز، ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىشىمىز لازىم. بۇ ھەقتە ئۇستازىمىزنىڭ قارىشىنى ئاڭلاپ باقايلى.

      ئەترەت تەربىيەچىسى: ساۋاقداشلار، ۋەتىنىمىزنىڭ بۈگۈنى ئاسان قولغا كەلمىگەن، بىزنىڭ پارلاق، غەمسىز، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ئەجداتلىرىمىز كۆپ بەدەللەرنى تۆلەش ئارقىلىق يارىتىپ بەرگەن. لېكىن، رابىيە قادىرغا ئوخشاش ۋەتەن خائىنلىرى ‹‹ۋەتەننى پارچىلاش››تىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھەر خىل جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇنلانماقتا. ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرى تا ھازىرغىچە توختاپ قالمىدى. ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىمۇ رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر مەقسەتلىك، پىلانلىق ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ئېغىر تېررورلۇق ھەرىكىتى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى يۇقىرىدا ساۋاقداشلار ئېيتقاندەك ۋەتەننى پارچىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ، ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يېتىش. ساۋاقداشلار، ئۇنداق بولسا بىز قانداق قىلىشىمىز لازىم؟

      پىيونېر A: ۋەتەن خائىنلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغدىشىمىز كىرەك.

      پىيونېر B: رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاتتىق زەربە بىرىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناقلىقىنى، ۋەتىنىمىزنىڭ بىر لىكىنى قوغدىشىمىز كىرەك.

      پىيونېر C: ھەممىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئىناق – ئىتتىپاق بولۇپ ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغدىشىمىز لازىم.

      پىيونېر D: ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز، ئۇلارنىڭ پىتنە – ئىغۋالىرىغا قەتئىي ئىشەنمەسلىكىمىز لازىم.

پىيونېر E: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىمىز، ئۆزئارا ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئىناق كەيپىيات يارىتىپ، ئىناقلىق ناخشا ساداسى ئاستىدا بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز لازىم.

      پىيونېر G: يۇرتىمىزنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچىمىزنىڭ بارىچە قوغدىشىمىز لازىم.

      پىيونېر H: مەن ۋەتىنىمگە بولغان ئوتتەك مۇھەببىتىمنى تۆۋەندىكى شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلەيمەن (‹‹ۋەتىنىم جۇڭگو›› دېگەن شېئىرنى ھېسسىياتلىق دېكلاماتسىيە قىلىدۇ).

      پىيونېر L: مەن ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىشىلەرگە قاتتىق نەپرەتلىنىمەن، ئۇلارنىڭ رەزىل ھەرىكىتى جەمئىيەتكە ۋە خەلققە ناھايىتى زور زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى.

      تەربىيەچى: ناھايىتى ياخشى! ساۋاقداشلارنىڭ ئېيتقىنى توغرا، ۋەتىنىمىز بىزنىڭ ئىللىق ئائىلىمىز، بىز ئەلۋەتتە ئۇنى سۆيىشىمىز، قوغدىشىمىز، ۋەتەن دۈشمەنلىرىنى ئۆز دۈشمىنىمىز دەپ تونۇشىمىز، بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئەكسىيەتچىل سەپسەتىلىرىگە قەتئىي ئىشەنمەي ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىمىز لازىم.

      رىياسەتچى B(قىز): تۆۋەندە مەكتىپىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت كۇرۇژۇكىدىكى ساۋاقداشلار تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلانغايسىلەر (سەنئەت نومۇرلىرى باشلىنىدۇ).

      رىياسەتچى A(ئوغۇل): ئىتوت ‹‹ئائىلەمگە دەخلى – تەرۈز قىلما›› (ھەممە مىللەتلەر بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئورتاق ھەمكارلىشىپ، رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ۋە ۋەتەن خائىنلىرىغا تەڭ تاقابىل تۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، بىرلىكتە ئالغا بىسىش ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ئىتوت ئورۇنلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەنئەت نومۇرلىرى تۈگىگەندىن كېيىن پائالىيەتتىن خۇلاسە چىقىرىلىدۇ).

      تەربىيەچى: ساۋاقداشلار بۈگۈنكى پائالىيەت ناھايىتى ياخشى بولدى. ۋەتىنىمىز گويا بىر ئائىلىگە ئوخشايدۇ، بىز ھەر مىللەت خەلقى بۇ ئائىلىنىڭ ئايرىلماس ئەزالىرى، ئائىلىمىز ئىناق – ئىتتىپاق، ئىللىق بولسىلا بىز خۇشال – خۇرام تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز. ئىشىنىمەنكى ساۋاقداشلار دېگەنلىرىنى چوقۇم ئەمەليەتتە كۆرسىتەلەيدۇ. ھەممەيلەن تىرىشىپ يۇرتىمىزنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، تىنچ – ئامان سىنىپ، تېنچ – ئامان مەكتەپ قۇرۇپ چىقىپ ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشايلى!

(ئاپتور گۇما ناھىيىسى سانجۇ يېزىلىق 1 – باشلانغۇچ مەكتەپتىن)

 

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر