باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

مەكتەپ مۇدىرى ۋە خىزمەت تەقسىماتى

 يەن ۋېيلىڭ

 

      خىزمەت تەقسىماتى مەكتەپ خىزمىتىدىكى ئەڭ سەزگۈر تېما بولۇپ، تەقسىمات مۇۋاپىق بولسا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغاتقىلى ۋە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، تەقسىمات مۇۋاپىق بولمىسا زىددىيەتنى كۈچەيتىپ ئۇلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. تەقسىماتنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئاساسىي ماھارەتلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. شۇڭا، مەكتەپ مۇدىرى خىزمەت تەقسىماتىنى ياخشى ئىشلىشى زۆرۈر.

 

      ئوقۇتقۇچىلارغا باراۋەر قاراش

      مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مېھىر – مۇھەببىتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ۋە ھېمايىسىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۈچ مەركەزلىشىپ، مەكتەپنىڭ ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئاممىنىڭ كۆزى ئۆتكۈر، ھەربىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قەلبىدە تەڭپۇڭلۇق بولىدۇ. ناۋادا مەكتەپ مۇدىرى ئادىل بولمىسا ياكى قاتتىق قول بولسا ئوقۇتقۇچىلارغا زور زەربە بولۇپ، مۇستەھكەم ئاممىۋى ئاساستىن مەھرۇم قېلىپ، مەكتەپ باشقۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنى ھېسسىياتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئائىلە شارائىتى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۆزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىن – يىراقلىقى، تۆھپىسىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى قاتارلىق ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىمەي، مېھىر – مۇھەببىتىنى ھەربىر ئوقۇتقۇچىغا ئادىل تەقسىملەپ ھەربىر ئوقۇتقۇچىغا چەكسىز مېھىر – مۇھەببەت ئاتا قىلىپ ۋە ياردەم بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ مۇقەددەس، كۆڭۈللۈك، بەختلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشى لازىم.

      مەكتەپ مۇدىرى ‹‹ئالاھىدە مېھىر – مۇھەببىتىنى ئالاھىدە ئادەملەرگە بېرىش››تىن، ئەتراپىدىكىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، باشقا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن كارى بولماسلىقتىن ساقلىنىشى لازىم؛ مەكتەپ مۇدىرى مېھىر – مۇھەببىتىنى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارغىلا بېرىپ ئۇلارنىلا ئەتىۋارلاپ، ئۈن – تۈنسىز ئىشلەۋاتقان باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى لازىم. ئەمەلىيەتتە بارلىق ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردەم بېرىشىگە تېخىمۇ موھتاج. شۇڭا، مەكتەپ مۇدىرى ئۇلارنى كەلسە – كەلمەس ئەيىبلىمەسلىكى، يىراقلاشماسلىقى ۋە چەتكە قاقماسلىقى لازىم. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ ئېيتقان بىر جۈملە سۆزى، ھال سوراپ قويۇشى، كۈلۈمسىرىشى، بىر قېتىم ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى بېرىشىنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ساقلىنىپ خىزمەتتە ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولىدۇ. بولۇپمۇ بۇ ئوقۇتقۇچىلار خىزمەتتە ئوڭۇشسىزلىققا، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا مەكتەپ مۇدىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قولىنى سۇنۇپ سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مېھىر – مۇھەببىتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپنى، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى سۆيۈشىگە، ئۇلارنىڭ خىزمەتنى ۋە كەسپىنى ياخشى ئىشلىشىگە ئىلھام بېرىپ، مەكتەپ تەرەققىياتىغا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

     

ئىشلىگەنگە قاراپ ھەق بېرىش

      ‹‹كۆپ ئىشلىگەن كۆپ ئالىدۇ، ئاز ئىشلىگەن ئاز ئالىدۇ›› دېگەن گەپ بار. مەكتەپتە ئەمگەك مېۋىسىنى تەقسىم قىلغاندا ‹‹ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش›› پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئادىل تەقسىم قىلىش لازىم. مەكتەپ مۇدىرى ئەمگەك مېۋىسىنى تەقسىم قىلغاندا ‹‹تەڭ تەقسىمات››، ‹‹چوڭ قازان تامىقى››، ياخشى ئىشلىگەن بىلەن ياخشى ئىشلىمىگەن، ئىشلىگەن بىلەن ئىشلىمىگەنلەرنى ئايرىماسلىقتىن ساقلىنىشى لازىم. مەكتەپ مۇدىرى باش چۆكۈرۈپ خىزمەت قىلىدىغان، راستچىل، سەمىمىي ئوقۇتقۇچىلارنى زىيان تارتقۇزماسلىقى لازىم، ئۇنداق بولمايدىكەن ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ قارىماققا مەكتەپتە ‹‹ھېچ ئىش بولمىغان››دەك كۆرۈنسىمۇ چوڭ خەۋپ يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇ خىزمەتنى تىرىشىپ ئىشلەيدىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىغا، مەكتەپنىڭ ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

      ئەلۋەتتە، ‹‹ئىشلىگىنىگە قاراپ تەقسىم قىلىش›› پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە ئادىمىيلىكنى ئاساس قىلىپ باشقۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم. تەڭ تەقسىمات قىلمىغان بىلەن كىرىم جەھەتتىكى پەرقنى مۇۋاپىق چەكلەپ، كىرىمنى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار قوبۇل قىلالايدىغان ئاساستا تەقسىم قىلىش لازىم. مەكتەپ مۇدىرى باراۋەر، ئادىل بولۇش پىرىنسىپىنى ساقلاپ، بىر جەھەتتىن بىر قىسىم پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تارىخ سەۋەبىدىن قېلىپ قالغان رىقابەتتە مەغلۇپ بولۇش(كۆپ ۋاسىتىلىق ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى) ئەھۋالىغا توغرا قاراش بىلەن بىرگە، يەنە بىر جەھەتتىن ئەلالارنى مۇكاپاتلاش بىلەن ناچارلارنى جازالاش، ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىغا، ئىجادچانلىقىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا ئۇلارغا ئېتىبار بېرىپ ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش ئارقىلىق كەسىپداشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىشىشتەك ئىناق ۋەزىيەتنى بەرپا قىلىش لازىم. بۇنداق بولغاندا ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپكە تۆھپە قوشۇدىغان، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پاراۋانلىقىنى ياخشىلايدىغان ئىناق مۇھىت ياراتقىلى بولىدۇ.

     

 ئېھتىياجغا قاراپ تەقسىم قىلىش

      ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىدە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، ‹‹ئوقۇتقۇچى قانچىلىك يۇقىرىغا ئۆرلىمەكچى بولسا، مەكتەپ مۇدىرى شۇنچىلىك ئېگىز پەشتاق ھازىرلاپ بېرىشى لازىم››. مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلگىرىلەش ۋە كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە بولغان ئارزۇسىغا قارىتا شارائىت يار بەرگەن ئاساستا قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى لازىم. مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارغا ‹‹سوغۇق سۇ›› سەپمەسلىكى، ‹‹پۇتلىماسلىقى›› ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىغا زەربە بەرمەسلىكى لازىم. مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپنىڭ خىراجىتى قىيىن ئەھۋالدىمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ داۋاملىق تەربىيەلىنىش، سىرتتىن ئوقۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە ئېھتىياجلىق خىراجەتنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئاجرىتىپ بېرىشى لازىم، بۇنداق بولغاندا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى مۇقىملىشىپ، ھەممىسى بىر نىيەتتە ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرالايدۇ.

     

 قابىلىيىتىگە قاراپ ئىشقا قويۇش

      مەكتەپ مۇدىرى مەمۇرىي كادىرلارنى، سىنىپ مەسئۇلىنى، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى خىزمەت ئورنىغا قويغاندا ‹‹قابىلىيىتىگە قاراپ تەقسىم قىلىش›› پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغاندىلا ئۇلارنىڭ قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

      ۋۇ مۇئەللىم مەلۇم داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا بىرنەچچە قېتىم ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. مەكتەپ ئۇنىڭ ماتېماتىكا جەھەتتىكى ئالاھىدە تالانتىنى كۆزدە تۇتۇپ تولۇقسىز 3 – يىللىقتىكى ئارقىدا قالغان 30 نەچچە ئوقۇغۇچىنى يېتەكلەش ۋەزىپىسىنى بېرىدۇ. كىم بىلسۇن، بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىلگىرىلىمەكتە يوق، ئەكسىچە بەزىلىرى تېخى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدۇ. بۇ ئىشتىن ۋۇ مۇئەللىم ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

      ئىككىنچى يىلى يېڭى تەيىنلەنگەن مەكتەپ مۇدىرى ۋۇ مۇئەللىمنىڭ خىزمەت ئورنىنى تەڭشەپ ماتېماتىكىدا ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە 30 ئوقۇغۇچىنى يېتەكلەش ۋەزىپىسىنى بېرىدۇ. نەتىجىدە شۇ يىلى ئېلىپ بېرىلغان ماتېماتىكا مۇسابىقىلىرىدە بۇ 30 ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپ قىسمى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ، بۇ مەكتەپنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا ئۆلكە دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكتەك ۋەزىيىتىنى تۈگىتىپ مەكتەپكە شەرەپ كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تالانت ئىگىسىنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئۇلارنى مۇۋاپىق خىزمەت ئورنىغا قويۇپ ئەتىۋالاپ ئىشلىتىشى زۆرۈرلۈكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارنى چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇلارنىڭ قايسى تىپتىكى ئوقۇتقۇچى، يەنى ئوقۇتۇشقا ماھىر تىپتىكىمۇ، باشقۇرۇش تىپتىكىمۇ ياكى ھەر ئىككىسىگە ماھىر تىپتىكى ئوقۇتقۇچىمۇ دېگەنلەرگە قاراش لازىم. يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاپ، ناچارلىرىنى قالدۇرۇپ قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى لازىم.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر