باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

خىلمۇخىل ئېنېرگىيە

       تەبىئەت دۇنياسىدىكى نۇرغۇن ماددىلارنىڭ تەركىبىدە ھىدروگېن بولىدۇ. ھىدروگېن بىرخىل يېقىلغۇ، ھاسىل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى كۆپ بولۇپلا قالماي كۆيگەندە مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ، شۇڭا ئۇ كەلگۈسىدىكى ئەڭ ياخشى ئېنېرگىيە مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

ھېدروگېن ئېنېرگىيەسى

      ھېدروگېن پاكىز يېقىلغۇ. پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كەلگۈسىدە ئائىلىلەردە ھېدروگېن ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە تەبىئىي گازنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ قاتارلىق ھەر خىل ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلىنىپ ئۇ ئارقىلىق تاماق ئەتكىلى ۋە ئىسسىنغىلى بولىدۇ. ئالىملار يەنە ھېدروگېننى يېقىلغۇ قىلىدىغان ئايروپىلان ۋە ئاپتوموبىلنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. بۇخىل ئاپتوموبىل ۋە ئايروپىلاننىڭ كەينىدىن چىققان گاز مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ. كەلگۈسىدە دۇنيادا كۆپ ساندىكى ئاپتوموبىللار ھېدروگېن يېقىلغۇ قىلىنىدىغان باتارېيە بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ خىل ئاپتوموبىل ھېدروگېن يېقىلغۇ قىلىنىدىغان باتارېيەلىك ئاپتوموبىل دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرى بۇ خىل ئاپتوموبىلنى تەتقىق قىلىپ چىقتى.

دېڭىز – ئوكيان ئېنېرگىيەسى

      دېڭىز – ئوكيانلاردا غايەت زور ئېنېرگىيە مەنبەلىرى يوشۇرۇنۇپ ياتماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىز كۆرەلەيدىغان دولقۇن ئېنېرگىيەسى ۋە دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش – پەسىيىش ئېنېرگىيەسىدىن باشقا يەنە بىر كۆرەلمەيدىغان دېڭىز ئېقىمى ئېنېرگىيەسىمۇ بار. دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تۇزنىڭ قويۇقلۇق پەرقىمۇ بىر خىل ئېنېرگىيە مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر