باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

ئەجىردىن كۈلگەن 28 يىل

راشىدىن شەرىپى

      يېقىندا غۇلجا ناھىيەسىدە مۇخبىرلىق قىلىۋېتىپ تەربىيەچىلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ قالدىم. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ بىرقىسىم رەھبەرلىرى ۋە ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىدىن كەلگەن خادىملار ئەترەت خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە تەربىيەچىلەردە ساقلىنىۋاتقان بىرقىسىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەرقايسى يېزا – بازار مەكتەپلىرىنىڭ تەربىيەچىلىرى خىزمەت تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى. بۇ جەرياندا غۇلجا ناھىيەسى بايتوقاي يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ پىيونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ تەربىيەچىسى پاتىمە ئابدۇراخماننىڭ ‹‹28 يىل چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسى بولدۇم، يېشىممۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى، يېشىمنى كىچىكلىتىشكە مۇمكىن بولسا يەنە 20 يىل تەربىيەچى بولسام دەيمەن. تەربىيەچىلىك خىزمىتى ھەقىقەتەن شەرەپلىك خىزمەت ئىكەن...›› دېگەن سۆزى دىققىتىمنى تارتتى. 28 يىل تەربىيەچى بولۇش جەريانىدا ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ يېتەرلىك كەسپىي ئىقتىدار يېتىلدۈرگەن، مەكتەپنىڭ ئوقۇش – ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقان بۇ باغۋەننى زىيارەت قىلدىم.

      – پاتىمە مۇئەللىم، ياخشىمۇسىز؟ تەربىيەچىلىك خىزمىتىڭىز ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

      – بولىدۇ، مەن 1983 – يىلى غۇلجا ئوبلاستلىق بالىلار مائارىپى (ھازىرقى 2 – پېداگوگىكا) مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ غۇلجا ناھىيەسى بايتوقاي يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە تەقسىم قىلىندىم، – دەپ سۆز باشلىدى پاتىمە مۇئەللىم، – ئەينى چاغدا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى قالاق، يېتەرسىز، ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن كەمچىل بولۇپ بىر ئوقۇتقۇچى بىرنەچچە سىنىپقا نەچچە خىل دەرس ئۆتمىسە بولمايتتى. مەكتەپ مۇدىرى ماڭا پىيونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ تەربىيەچىلىك ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەندە مەكتەپتە ئەترەت ئۆيىمۇ يوق ئىدى. لېكىن، مەن ئەترەت خىزمىتىنى ياخشى كۆرەتتىم. ئەترەت ھەيئەتلىرىنى تەشكىللەپ ئىسكىلاتنىڭ بىر تەرىپىنى تازىلاپ پائالىيەت ئۆيى قىلىپ ئەترەت خىزمىتىنى باشلىدىم.

      – ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى قىيىن شارائىتتا تەربىيەچى بوپسىز، جاپاغا يولۇققان چاغلىرىڭىزدا ۋايسىغان، تەربىيەچى بولۇشتىن ۋاز كەچكەن چاغلىرىڭىز بولغانمۇ؟ – دەپ سورىدىم مەن. پاتىمە مۇئەللىم بىرئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

      – ئەينى چاغدا سىنىپ مەسئۇلى، مەكتەپ پىيونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ تەربىيەچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدىم. رەھبەرلىك قايسى دەرسنى ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرسا قىلچە ۋايسىماي شۇ دەرسنى ئۆتتۈم، ھەپتىدە 20 نەچچە سائەت دەرس ئۆتەتتىم. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك ئەترەت ۋە ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيەتلىرىگە تەشكىللىدىم. بەزىدە پائالىيەت قىلسام پايدىلىنىدىغان ماتېرىيال يوق، ئەترەت خىزمىتى توغرىسىدىكى تەجرىبەممۇ كەمچىل بولغاچقا نېمە قىلىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان، ھېرىپ – چارچاپ ھالىمدىن كەتكەن چاغلىرىممۇ بولدى. بۇنداق چاغلاردا سەبىيلەرنىڭ ئەترەت پائالىيەتلىرى ۋە ئەترەت بىلىملىرىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ يۇقىرىلىقى، جۈپ – جۈپ قارا كۆزلەرنىڭ ماڭا تەلپۈنۈشلىرىنى كۆرسەم ھېرىش – چارچاشنى ئۇنتۇپ خىزمىتىمنى قىلىش ئىرادەم ھەسسىلەپ ئاشاتتى. ئۆزۈممۇ پائالىيەتچان بولغاچقا بارا – بارا خىزمىتىمنى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ۋە ئازادە ھېس قىلىدىغان بولدۇم. ھازىر ئويلىسام پىيونېرلار ئارىسىدىكى 28 يىلىم ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتكەندەك بىلىنىدۇ.

      – مەكتەپتە مۇئاۋىن شۇجى، سىنىپ مەسئۇلى، پىيونېرلار چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسى بولۇپ ئىشلەۋېتىپسىز، مۇشۇ جەھەتتە ھېس قىلغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز.

      – ئوقۇغۇچىلارنى چىن قەلبىدىن سۆيگەندە، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولغاندىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلب دەرۋازىسىنى چېكىپ ئۇلارغا مەنىۋى ئوزۇق بەرگىلى بولىدۇ. سىنىپ مەسئۇلىلىق، ئەترەت تەربىيەچىلىك، ئەخلاق مۇدىرىلىق خىزمەتلىرى بىر – بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ. مەن يۇقىرىقى خىزمەتلەرنى ئىشلەش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال تەربىيەلىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردىم. بىزنىڭ مەركىزىي مەكتەپكە بىۋاسىتە قاراشلىق 11 شۆبە مەكتەپ بار. بۇ شۆبە مەكتەپلەرنىڭ تەربىيەچىلىرى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان. مەن ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم شۆبە مەكتەپ تەربىيەچىلىرىگە ئەترەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇردۇم. پىيونېرلارنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارا دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ ئۆزئارا چۈشىنىش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردۈم. قەرەللىك ھالدا زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جاى قىلدۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بەردىم. ئوقۇغۇچىلار پائالىيەتچان، قىزغىن بولسا ئوقۇتۇش خىزمىتىگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا، مەن ئامال بار پائالىيەتلەرنى كۆپرەك تەشكىللەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇردۇم. يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ 50 قېتىمدىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك ئەترەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردۇم. بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹بۈركۈت مېدالى ۋە مەن››، ‹‹ھاياتلىقنى قەدىرلەپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلەيلى››، ‹‹بىر تامچە سۇنىمۇ ئىسراپ قىلمايلى››، ‹‹ئىتتىپاقلىق – كۈچ›› قاتارلىق تېمىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئىجابىي تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولدى. مەن يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆيۈمچان ئۇستازى، مېھرىبان ئانىسى. ئون يىلدىن بۇيان سىنىپىمدىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلاردىن ئابلاجان، بۈئايشەم قاتارلىقلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققانغا قەدەر تۇرمۇشى، ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا ماددىي، مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىغا ئېرىشتۈردۈم.

      ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا پاتىمە ئابدۇراخماندەك نەچچە خىل خىزمەتنى تەڭ ئىشلەپ 28 يىلغىچە نەتىجىلىك ئېلىپ بارالايدىغانلار قانچىلىكتۇ؟ ئۇ ئالتۇندەك ياشلىق باھارىنى ئەترەت خىزمىتىگە، سىنىپ خىزمىتىگە، ئەخلاق خىزمىتىگە بېغىشلاپتۇ. كىشىنى قايىل قىلىدىغىنى ھازىرمۇ ئۇ 28 يىل بۇرۇنقىدەك شوخ – تېتىكلىكى، پائالىيەتچانلىقى بىلەن ياشلارغا ئۈلگە بولۇپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇ ئۇنىۋېرسال ساپاغا ئىگە ئاددىي ئوقۇتقۇچى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئىزدەنگۈچى ئىكەن. ناھىيە، ئوبلاست بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا كۆپ قېتىم قاتنىشىپ دادىللىق بىلەن ئىلغار پىكىرلەرنى بېرىپتۇ، مەيلى ساپا مائارىپىدا بولسۇن ياكى ‹‹قوش تىل››لىق ئوقۇتۇشتا بولسۇن ساقلانغان مەسىلىلەرنى يۇقىرىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ رەھبەرلىكنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپتۇ. كۆپ قېتىم ناھىيە، ئوبلاست بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تىل – ئەدەبىيات، ئىدىيە – ئەخلاق، مۇزىكا پەنلىرىدىن دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ‹‹دەرس ئۆتۈش ماھىرى›› بولۇپ باھالىنىپتۇ. بۇ يىل 5 – ئايدا ئۇنىڭ ‹‹يېڭى دەرس ئىسلاھاتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم›› ناملىق ئىلمىي ماقالىسى ‹‹ئىلى مائارىپى›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپتۇ. ئۇ ھەر يىلى مەكتەپ بويىچە ‹‹ئىلغار ئوقۇتقۇچى›› بولغاندىن سىرت يېزا، ناھىيە، ئوبلاست بويىچە 20 قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر تەربىيەچى››، ‹‹ئىلغار كومپارتىيە ئەزاسى››، ‹‹ئىلغار سىنىپ مەسئۇلى››، ‹‹يېتەكچى ئوقۇتقۇچى›› بولۇپ باھالىنىپتۇ. ئەترەتمۇ ئوبلاست، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرنەچچە قېتىم ‹‹قىزىل بايراقدار ئەترەت›› بولۇپ تەقدىرلىنىپتۇ. ئۇنىڭ ئون نەپەر ئوقۇغۇچىسى ناھىيە، ئوبلاست بويىچە ‹‹ئون مۇنەۋۋەر ئۆسمۈر››، ‹‹ئىتتىپاقلىق ئۈلگىسى›› بولۇپ باھالىنىپتۇ.

      پاتىمە ئابدۇراخمان ئەجرىدىن كەلگەن شەرەپ گۇۋاھنامىلىرىغا قاراپ يېقىملىق كۈلۈمسىرىدى. ئۇنىڭ تەبەسسۇمى 28 يىللىق جاپالىق ئەمگىكىنىڭ شاھىدىدەك قىلاتتى.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر