باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

سۇ كالىسىنىڭ غەلىبىسى

       بۇنىڭدىن 600 نەچچە يىل مۇقەددەم ياۋا جانلىقنىڭ قوشۇنلىرى ئامۇ ئارىلىغا كېلىپ، يولسىزلىق بىلەن ئۇ جايدىكى پۇقرالارغا: ياۋا جانلىقى پۈتۈن ھىندونېزىيەدىكى ئالتۇن ئاراللارنىڭ ھۆكۈمرانى بولىدۇ، دەپ جاكارلاپتۇ.

      چوڭ قوشۇن ۋۇجىباشۇبا تەۋەسىگە كەلگەندىن كېيىن، قوماندان ئالمۇ ئارىلىنىڭ قەبىلە باشلىقىغا:

      – ياۋا دۆلىتى تەڭدىشى يوق قۇدرەتلىك دۆلەت، سىلەر ئۈچۈن بىردىنبىر يول قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولۇش. ئۇنداق قىلمىساڭلار، دۆلىتىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، بىرمۇنچە پۇقرالىرىڭلارنىڭ جېنىنى ئالىمىز، – دەپتۇ.

      ئەقىللىق ئالمۇلىقلار ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ:

      – بىز نېمىشقا ئۆزئارا بىر – بىرىمىزنى قىرىدىكەنمىز؟ باشقا بىر ئامال تېپىپ، يېڭىش، يېڭىلىشنى شۇنىڭ بىلەن بەلگىلىسەك بولمامدۇ؟

      – سىلەرنىڭ نېمە ئامالىڭلار بار؟ – سوراپتۇ چوڭ قوشۇننىڭ قوماندانى.

      – ئىككى تەرەپ بىردىن سۇ كالىسىنى ئېلىپ كېلىپ سوقۇشتۇرايلى، سىلەر ئېلىپ كەلگەن سۇ كالىسى يېڭىپ چىقىدىغان بولسا، بىز ياۋا دۆلىتىگە قورال تاپشۇرۇپ، تەسلىم بولايلى، بىز تەرەپنىڭ سۇ كالىسى يېڭىپ چىقىدىغان بولسا، بىز داۋاملىق ئۆزىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ساقلاپ قالايلى.

      – بەللى، بەللى.

      بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قوماندان ئالمۇلىقلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ياۋا دۆلىتىگە ۋاكالىتەن سوقۇشىدىغان سۇ كالىسى تېپىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.

      ئۇلار ئېلىپ كەلگەن سۇ كاللىسى تەڭلەشتۈرۈشكە بولمىغۇدەك دەرىجىدە يوغان، چىرايىدىن ۋەھشىلىك چىقىپ تۇرىدىغان بىر كالا ئىكەن، بۇنى كۆرۈپ ئەقىللىق ئالمۇلىقلارمۇ ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپتۇ. ئۇلار ئەپچىل بىر چارە تېپىپتۇ: ئانىسىنى ئېمىۋاتقان موزايدىن بىرنى ئېلىپ كېلىپ، كىچىك – كىچىك ياپىلاق تۆمۈر پارچىلىرىنى ئۇنىڭ مۈڭگۈزىگە چىڭ باغلاپ، ساق بىر كېچە – كۈندۈز ئاچ قويۇپتۇ، ئانىسىنى ئەمگىلى قويماپتۇ. ئىش تەييار بولغاندىن كېيىن، چوڭ قوشۇننىڭ قوماندانىغا:

      – قوماندانىم بىزمۇ بىر سۇ كالىسى تېپىپ كەلدۇق، ئەمدى سوقۇشتۇرساق بولىدۇ، – دەپتۇ – دە، بۇ كىچىك سۇ كالىسىنى كالا سوقۇشتۇرۇش مەيدانىغا يېتىلەپ ئېلىپ كەپتۇ.

      ئاچلىق ۋە سۇسىزلىقنىڭ دەردىدىن بولالماي قالغان موزاي قويۇپ بېرىلىش بىلەن تەڭ ھېلىقى يوغان مەخلۇققا ئۆزىنى ئېيتىپتۇ. ئۇ بۇ كالىنى ئۆزىنىڭ ئانىسى دەپ ئويلاپ، ھە دەپ بېشىنى بۇ يوغان چىشى كالىنىڭ چاتارىغا تىقىپ ئېمىشقا تۇتۇش قىلغىلى تۇرۇپتۇ. بۇ چاغدا موزاينىڭ مۈڭگۈزىگە باغلانغان تۆمۈر پارچىلىرى چىشى كالىنىڭ قورسىقىغا سانجىلغىلى تۇرۇپتىكەن، بۇ سانجىشنىڭ ئازابىغا چىدىمىغان يوغان چىشى كالا بار كۈچى بىلەن موزاينى ئىتتىرىۋېتىپ، – ھۆركىرەپ قېچىپتۇ.

      ئالمۇلىقلار ھەممىسى بىردەك مىنەنكاباۋ! مىنەنكاباۋ (بىزنىڭ كالا يەڭدى) دەپ ۋارقىرىشىپتۇ.

      ياۋا دۆلىتىنىڭ ئەسكەرلىرى گەپ – سۆز قىلماي بۇ دۆلەتتىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىپتۇ.

     ئالمۇلىقلار شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەركىن ياشاپ كەپتۇ. كېيىن بۇ جاينىڭ ئىسمىنى ‹‹مىنەنكاباۋ›› دەپ ئۆزگەرتىپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل – پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەر تەھرىر: ئاينۇر