باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ساۋاق

ئاپتورى:زۆھرەگۈل ھامۇت

ساۋاق

(ھىكايە)

چۈشتىن كېيىنكى مۇزاكىرىدە دەرس تەكرار قىلىۋاتاتتىم،ئارقىدىكى پارتىدا ئولتۇرىدىغان ساۋاقدىشىم نادىرە مېنى نوقۇپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا:

-ھەي،گۈلسۈم،.ماڭا قارىغىنە-دىدى.

-نىمەئىش؟-دىدىم مەن قولۇمدىكى كىتابنى پارتا يۈزىگە قويغاچ ئۇنىڭغا قاراپ.

-مۇنداق ئىش،ئاچام ئۇزۇندىن بۇيان كىتاب يىغىۋاتقان دىگىنە،80-يىللاردا نەشىرقىلىنغان بىر ژورنالدىكى بۇ ھىكايىگە قاراپ باققىنە.ماڭا بەكلا ياقتى جۇمۇ-ئۇبارماقلىرىنى ئاغزىغا يېقىن ئەكىلىپ تېخىمۇ پەس ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى-بۇھىكايىنى«پەرۋاز»ژورنىلىغا ئەۋەتمەكچىمەن.ئەگەر بۇ ھىكايە ئېلان قىلىنىپ قالسا،مەكتەپتە بىر تونۇلۇۋالىمەن دىگىنە.سېنىڭ ئىملايىڭ بەك چىرايلىق بولغاندىن كېيىن كۆچۈرۈپ بەرگىنە.

-نادىرە،دىدىم مەن ئۇنىڭ بۇساددىلارچە قىلغان سۆزىدىن بىزارلىق ھېس قىلىپ-ژورنالدائېلان قىلدۇرغۇڭ بولسا،ئۆزۈڭ بىرەر يېڭى ھىكايە يېزىپ باق،بىراق،بۇنى ئەۋەتمە.

-يېزىشتىن قېچىۋاتىسەنغۇ دەيمەن-ھە؟بىرەرقېتىم ياردەم بېرىپ قويساڭ نىمە بولاتتى؟-دىدى نادىرە تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ.

مەن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنى نىيىتىدىن ياندۇرالمىدىم.ئاخىرى دىگىنىگە كۆنۈپ،ھىكايىنى كۆچۈرۈپ بەردىم.ئۇ ماڭا نەچچە رەت رەھمەت ئېيتىۋەتكەندىن كېيىن،ھىكايىنى شۇ كۈنىلا پوچتىغا سېلىۋەتتى.

ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە،«پەرۋاز» ژورنىلىنىڭ 4-سانىدا نادىرە«يازغان»ھىكايە راستلا ئېلان قىلىندى.

-ئەدەبىياتتىن تۈزۈكرەك بىرەر جۈملە قوراشتۇرۇپ يازالمايدىغان نادىرە شۇنچىۋالا ياخشى ھىكايە يازالىسا-ھە؟!-ساۋاقداشلار ئۆزلىرىنىڭ ھەيران قېلىۋاتقىنىنى يوشۇرالمايتتى...

شۇ ئىشلار بولۇپ ئۆتۈپ،ئۇزاق ئۆتمەيلا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى.بىر كۈنى كەچتەمۇئەللىم «پەرۋاز»ژورنىلىغا مۇشتەرى بولغان ساۋاقداشلارغا ژورنالنىڭ يېڭى سانىنى تارقىتىپ بېرىشنى تاپىلاپ،يىگىرمە نەچچە پارچە كىتابنى ماڭا تۇتقۇزدى. يولدا ماڭغاچ كىتابقا قىزىقسىنىپ ئىتتىك ۋاراقلاشقا باشلىدىم.ژورنال مۇندەرىجىسىدىكى «نۇمۇسسىز قىلىققا رەھىمسىز كاچات» ناملىق سەرلەۋھە مېنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالدى.مەن دەرھال ماقالە بېسىلغان بەتنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.كۆزۈم مۇنۇ قۇرلارغا چۈشكەندە تېنىم شۈركىنىپ،قوللىرىم تىترەپ كەتتى.ماقالىدە مۇنداق يېزىلغاندى:

«مەن ساۋاقداش نادىرەنىڭ«***»ناملىق ھىكايىسىنى كۆرۈپ چىقىپ،ئۇنىڭ نادانلارچە قىلغان ئىشىدىن ئۆكۈندۈم.بۇ ئەسەر قانداقتۇر نادىرە تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەر بولماستىن،بەلكى يازغۇچى***تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ،1982-يىلى «تارىم»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.نادىرە ھىكايىنى كۆچۈرگەندە بىرەر تال تىنىش بەلگىسىنىمۇ قالدۇرماي كۆچۈرگەن.ھىكاينىڭ ئېلان قىلىنغىنىغا ئۇزاق بولغانلىقى،تەھرىر يولداشلارنىڭ خىزمىتىنىڭ جىددىيلىكى تۈپەيلىدىن ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.مەن نادىرەگە ئوخشاش نوتىلارنىڭ ئۆزى ئىزدىنىپ،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نادىر ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشىنى،ھەرگىز باشقىلارنىڭ ئىجادىيەت مېۋىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماسلىقىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن».

بۇ سۆزلەر گويا ماڭا ئېيتىلىۋاتقاندەك بېشىم زىڭىلداپ،يۈزۈم گويا چۈمۈلە ئۆمۈلىگەندەك چىمىلداپ كەتتى.ئەتىسى كىتابلارنى ساۋاقداشلارغا تارقىتىپ بەردىم.كىتابنى كۆرۈپ چىققان ساۋاقداشلار ئۆز-ئارا كۇسۇرلىشاتتى،نادىرەگە مەسخىرىلىك نەزەردە تىكىلەتتى.نادىرە بولسا بېشىنى پارتا ئىچىگە تىقىپ ئۈنسىز يىغلايتتى...

ئىسمىم :زۆھرەگۈل ھامۇت

ئادرىسىم:شايار ناھىيە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى

ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرۇم:13565109440

كىملىكتىكى ئىسمىمنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى祖合热古力。阿木提

پوچتا نۇمۇرۇم:842200

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئاينۇر