باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

بەلگىلەپ بېرىلگەن ماۋزۇغا ماس ماتېرىياللارنى تاللاش ماھارىتى (2)

       ساۋاقداش، سىز ماۋزۇ بەلگىلەپ بېرىلگەن ماقالىلەرنى يېزىپ باقتىڭىزمۇ؟ بەلگىلەپ بېرىلگەن ماۋزۇلار ئاساسىدا ماقالە يېزىش كۆپ ئۇچرايدىغان يېزىقچىلىق شەكىللىرىنىڭ بىرى. بۇ خىل ماقالىلەرنى يازغاندا بەلگىلەنگەن ماۋزۇغا ماس كېلىدىغان ماتېرىياللارنى تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما، بەزى ساۋاقداشلار بەلگىلەپ بېرىلگەن ماۋزۇنى بىرلا كۆرىدۇ – دە، تۈزۈكرەك ئويلانماستىنلا يېزىشقا چۈشۈپ كېتىدۇ. بىر تەرەپتىن ئويلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن يېزىپ ماڭىدۇ. بىر پۈتۈن مەزمۇن لايىھەسىنى ئالدىن تۇرغۇزۇۋالمايدۇ. يەنە بەزى ساۋاقداشلار بەلگىلەپ بېرىلگەن ماۋزۇنىڭ تەلىپىنى ئېنىق بىلمەيدۇ ياكى ئۇنى خاتا چۈشىنىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارغانسېرى تەلەپتىن شۇنچە يىراقلىشىپ كېتىدۇ. بىز بۇ خىل ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بەلگىلەپ بېرىلگەن ماۋزۇ ئۈستىدە ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ، ئۇنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى ئېنىق چۈشىنىۋېلىپ، ئاندىن يېزىشقا كىرىشىشىمىز لازىم.

      ماۋزۇنى ئادەتتە مۇنداق ئۈچ باسقۇچ بويىچە تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.

      1. ماۋزۇغا يانداشقان باش تېمىنى تەكشۈرۈش

      ماقالە ماۋزۇسىدا مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ بىرى، بەزى ماقالىلەرنىڭ ماۋزۇسى بىلەن بىرگە باش تېمىسىمۇ بىۋاسىتە بەلگىلەنگەن بولىدۇ. بۇ خىل ماۋزۇلارنىڭ ئۆزىدىلا ئۇنىڭدا قانداق بىر باش تېمىنى ئىپادىلەش كېرەكلىكىنى، قايسى خىلدىكى ماتېرىياللارنى تاللاش زۆرۈرلۈكىنى ئاسانلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

     مەسىلەن، ‹‹كوللېكتىپنىڭ مال – مۈلىكىنى ئاسرايدىغان ئوقۇغۇچى››، ‹‹تىرىشچان پىيونېر›› دېگەندەك ماۋزۇلاردا ماتېرىيال تاللاش دائىرىسى كۆرسىتىلىش بىلەن بىرگە، باش تېمىسىمۇ مۇقىملاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالدىنقىسىدا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاممىنىڭ مال – مۈلىكىنى ئاسراشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلىتىنىنى مەدھىيىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. كېيىنكىسىدە بولسا مەلۇم بىر ساۋاقداشنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشىگە دائىر ماتېرىياللار يېزىلىدۇ. يەنە بىر خىل ئەھۋالدا ماۋزۇ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ ئەمما، باش تېمىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن مەلۇم تەرەپتىكى باش تېمىنى مۇقىملاشتۇرۇشمۇ قېيىنغا توختايدۇ.

     2. ماۋزۇ دائىرىسىنى تەكشۈرۈش دۆلەتلەرنىڭ چېگرىسى، مەكتەپلەرنىڭ قورۇ تېمى، ئېتىزلارنىڭ قىرى بولغىنىغا ئوخشاش ماقالە ماۋزۇسىنىڭمۇ بەلگىلىك دائىرىسى بولىدۇ. شۇڭا ماۋزۇلارنىڭ دائىرىسىنى ئېنىق بەلگىلىۋالغاندا، ئاندىن ماۋزۇغا ماس ماتېرىياللارنى تاللاپ يازغىلى بولىدۇ.

      ماۋزۇ دائىرىسى ئادەتتە مۇنداق بىرقانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

      (1) ۋاقىت. بەزى ماۋزۇلاردا ئېنىق ۋاقىت دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇنداق ماۋزۇلارنى يېزىشتا شۇ ۋاقىت دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ. ۋاقىتنى چەك قىلغان ھالدا ماتېرىيال تاللىنىدۇ. مەسىلەن، ‹‹ياز ئاخشىمى›› دېيىلسە، بۇ ماۋزۇدىكى چوڭراق ۋاقىت دائىرىسى ياز، كىچىكرەك ۋاقىت دائىرىسى ئاخشام بولىدۇ. شۇڭا بۇ ماۋزۇدا ماقالە يېزىش ئۈچۈن چوقۇم ياز ئاخشىمىدىن ئىبارەت مۇشۇ ۋاقىت دائىرىسى ئىچىدىن ماتېرىيال ئېلىش زۆرۈر.

      (2) سان. بەزى ماۋزۇلاردا بەلگىلىك سان چېكى بولىدۇ. بۇ خىل ماۋزۇلارنىڭ ماتېرىيال تاللاش دائىرىسى ئادەتتە سان ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ.

      مەسىلەن، ‹‹ئەھمىيەتلىك بىر كۈن››، ‹‹ئۇنتۇلماس بىر ۋەقە›› دېيىلسە، بۇلارنىڭ سان چېكى پەقەت بىردىن ئىبارەت. شۇڭا، بىز ئەمەلىيەتتە ئاز بولمىغان ئەھمىيەتلىك كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن بولساقمۇ، بىرقانچىلىغان ئۇنتۇلماس ۋەقە ھەم ئىشلارنى بىلسەكمۇ، ماۋزۇدا سان چەكلىمىسى بولغاچقا شۇلار ئىچىدىن پەقەت ئالاھىدىرەك بىرنىلا تاللاپ يېزىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەكسىچە كۆپ يېزىش قەتئىي چەكلىنىدۇ. يەنە بەزى ماۋزۇلاردىن سان دائىرىسى بىۋاسىتە بىلىنمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى ۋاستىلىك ھالدا بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

      (3) ئورۇن. بەزى ماۋزۇلاردا ئورۇن دائىرىسى بولىدۇ. بۇ خىل ماۋزۇلار ماقالە يازغاندا پەقەت شۇ ئورۇن دائىرىسى ئىچىدىكى ماتېرىياللارنى تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇكى، ھەرگىز ئورۇن سىرتىغا چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ.

      مەسىلەن، ‹‹پۇتبول مەيدانىدا›› دېيىلسە، بۇنىڭدا بەلگىلەنگەن ئورۇن پەقەت پۇتبول مەيدانىدىنلا ئىبارەت. شۇڭا ئۇنىڭ ماتېرىيالىنى پۇتبول مەيدانىدىنلا تاللاشقا بولىدۇكى، بۇ دائىرىدىن چىقىپ كېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. ئەگەر ئائىلىدىكى، سىنىپتىكى ئىشلارنى ماتېرىيال قىلىۋالساق، ماقالىمىز ماۋزۇنىڭ تەلىپىدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ.

      (4) مۇناسىۋەت. بەزى ماۋزۇلار مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن قويۇلغان بولۇپ، ئۇلاردا ئېنىق مۇناسىۋەت دائىرىسى بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ماۋزۇلاردىن قانداق مۇناسىۋەتلەرنى چىقىش قىلىپ ماتېرىيال تاللاش كېرەكلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

      مەسىلەن، ‹‹گۈلزار ۋە ئۇنىڭ دادىسى›› دېيىلسە، بۇ ماۋزۇدىكى مۇناسىۋەت دائىرىسى گۈلزار ۋە دادىسىدىن ئىبارەت. شۇڭا، ماتېرىيال تاللىغاندا مۇشۇ دائىرىدىن چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ. بۇ ماۋزۇ ئۈچۈن ئادەتتە گۈلزارنىڭ دادىسىنىڭ گۈلزارنى قانداق تەربىيەلەپ ئۆستۈرگەنلىكى، دادىسىنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ قانداق ئالغا باسقانلىقى، قانداق ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى تاللاشقا بولىدۇ. ئەگەر گۈلزار بىلەن ئۇنىڭ ئانىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ماتېرىيال قىلىنىپ قالسا، ماتېرىيال ماۋزۇدا كۆرسىتىلگەن مۇناسىۋەت تەلىپىگە ماس كەلمەيدۇ. يەنە ‹‹مۇئەللىم ۋە مەن›› دېيىلسە ساۋاقداشلار ئارا ئىشلارنى يازساق بولمايدۇ.

      (5) مەزمۇن. بەزى ماۋزۇلاردىن ئۇنىڭدا قانداق مەزمۇنلارنى يېزىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل ماۋزۇلاردا نېمىنى ئاساس قىلىپ يېزىش كېرەكلىكى ئېنىقلا بىلىنىدۇ. ئادەملەرنى يېزىش تەلەپ قىلىنغان بەزى ماۋزۇلاردا يەنە قانداق ئادەملەرنى يېزىش كېرەكلىكىمۇ بەلگىلەنگەن بولىدۇ. مەسىلەن، ‹‹مېنىڭ ئۇستازىم›› دېيىلسە، بۇنىڭدا يېزىش تەلەپ قىلىنغىنى بىر ئۇستازنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىدىن ئىبارەت. ئىشلارنى يېزىش تەلەپ قىلىنغان بەزى ماۋزۇلاردىنمۇ ئۇنىڭدا قانداق ئىشلارنى يېزىش كېرەكلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ‹‹مەن ئالغا باستىم›› دېيىلسە، بۇنىڭدا ‹‹مەن››نىڭ قانداق ئالغا باسقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ماتېرىياللارنى تاللاپ يېزىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئېنىق بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.     

      3. ماۋزۇنىڭ قايسى شەخسكە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈش

      ماۋزۇلار ئادەتتە بەلگىلىك شەخسكە تەۋە بولىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان شەخس ئادەتتە ماقالىلەردە يېزىلغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بىز بەزى ماقالىلىرىمىزدە پەقەت ئۆزىمىز توغرىلىقلا توختىلىپ، «مەن» دېگەن نام بىلەن مەيدانغا چىقىمىز. بۇنىڭدا يازغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىز (‹‹مەن››)گىلا تەۋە بولۇپ، ۋەقەنىڭ ئىگىسىمۇ، سادىر قىلغۇچىمۇ ئۆزىمىز بولىمىز. مانا بۇ خىل ماقالىلەرنى بىرىنچى شەخس بايانى بىلەن يېزىلغان دەيمىز. دېمەك، ماقالىلىرىمىزدىكى بىرىنچى شەخس ماقالە ئاپتورى (‹‹مەن››)نى كۆرسىتىدۇ.

      يەنە بەزىدە ماقالىمىزگە ئۆزىمىز (‹‹مەن››)نى پەقەت قاتناشتۇرمايمىز. يىراقتىن ياكى يان تەرەپتىن نەزەر سېلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىنى يازىمىز. يازغان ئادەملەرنى ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتايمىز. مانا بۇ خىل ماقالىلەردىكى شەخس ئۈچىنچى شەخس بايانىغا تەۋە بولىدۇ. ماقالىلەردە مانا بۇ بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى شەخستىن ئىبارەت ئىككى خىل شەخس بولىدۇ.

      بىرىنچى شەخس بىۋاسىتە بايان قىلىش شەكلى بولۇپ، بۇنىڭدا ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ‹‹مەن››نىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ يېزىلىدۇ. بۇ خۇددى ئۆز ئىش – ھەرىكەتلىرىمىزنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەندەك شەكىلدىكى بايان قىلىش ئۇسۇلىدۇر.

     مەسىلەن، ‹‹مەن ئالغا باستىم›، دېيىلسە، ئېنىقكى بۇ تېمىنى بىرىنچى شەخس بايانىدا يېزىش زۆرۈر بولىدۇ. بۇنىڭدا ئاپتور ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئالغا باسقانلىقىنى بىۋاسىتە ئېيتىپ بېرىدۇ. بىرىنچى شەخستە پەقەت ‹‹مەن››نىڭ روھىي ھالىتى، ئىچكى دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاسىتە يازغىلى بولىدۇكى، باشقىلارنىڭكىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ.

      ئۈچىنچى شەخستە ئاپتور ۋەقەنىڭ سىرتىدىكى شەخس ئورنىدا تۇرۇپ ‹‹ئۇ››، ‹‹ئۇلار›› دېيىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىنى بايان قىلىش يولى بىلەن ئادەم ۋە ئۇلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا ‹‹مەن›› مەيدانغا چىقمايدۇ. مەسىلەن، ‹‹ئۇ ئالغا باستى››، دېيىلسە، بۇنىڭدا شۈبھىسىزكى، ئۈچىنچى شەخس ئۇسۇلى قوللىنىپ، پىرسوناژ ھەم ۋەقەلەر بىر قەدەر تەپسىلىي ھالدا ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئاساسلىقى ئۇنىڭ قايسى تەرەپتىن قانچىلىك ئالغا باسقانلىقى يېزىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ نەدە نېمىلەرنى دېگەنلىكى، نېمىلەرنى ئويلىغانلىقى ۋە قانداق قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن تەسۋىرلىگىلى بولىدۇ. ‹‹مەن››نىڭ كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرى، قىلغانلىرى ھەم يازغۇچىنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى يېزىشقا توغرا كەلسە، بىرىنچى شەخسنى تاللاشقا بولىدۇ. ‹‹ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ ئۇ نېمىلەرنى دېدى، قانداق ئىشلارنى قىلدى؟ نېمىلەرنى ئويلىدى؟...›› دېگەندەك مەزمۇنلار ئۈچۈن ئۈچىنچى شەخسنى تاللاشقا بولىدۇ.

    يەنە بەزى ھاللاردا بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى شەخسلەر بىرلەشتۈرۈلۈپمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ‹‹دادام ۋە مەن››، دېيىلسە، بۇنىڭدا ھەر ئىككىلا شەخسنى قوللىنىش زۆرۈر بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشتىن، قالايمىقان قوللىنىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. بەزى تېمىلارنىڭ دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولغاچقا مۇھىم نۇقتىنى پەرقلەندۈرۈش ئانچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ، ئۇنى يېزىش ئۈچۈن خېلى كۆپ باش قاتتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىز بۇ خىلدىكى تېمىلارغا دۇچ كەلگەن ۋاقتىمىزدا ئۇنى دائىرە جەھەتتىن كىچىكلىتىپرەك يازساق بولىۋېرىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹ماقالە يېزىش يېتەكچىسى››دىن تەھرىر: ئاينۇر