باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

يېزىلاردا يۇرتنى سۆيۈش تەربىيەسى قانداق قانات يايدۇرۇلىدۇ

خې جىڭچۈن

 

      يېزىلاردا يۇرتىنى سۆيۈش تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتكە دىققەت قىلىش لازىم:

      بىرىنچى، يۇرتنى سۆيۈش تەربىيەسىنى ‹‹كەلگۈسىدىكى دېھقانلارنى تەربىيەلەش›› بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويماسلىق لازىم. دۆلىتىمىزنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا سانائەتلەشتۈرۈش ۋە شەھەرلەشتۈرۈشكە ئەگىشىپ دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى يېزىغا مەڭگۈ يىلتىز تارتقان يېڭى بىر ئەۋلاد دېھقانلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، بىز يېزىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان كەلگۈسىدىكى دېھقانلارغا موھتاج، شۇنداقلا يۇقىرى مەلۇماتلىق ئاگرونوم، يۇرتىنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەر ساھە قۇرغۇچىلىرىغا موھتاج. پىيونېرلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ۋەتەننى، يۇرتىنى قىزغىن سۆيىدىغان ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرگەندىلا ئۇلار چوڭ بولغاندا مەيلى قەيەرگە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزلىرىنى تەربىيەلىگەن يۇرتى ۋە ۋەتىنىگە جاۋاب قايتۇرىدۇ. شۇڭا، پىيونېرلارغا يۇرتىنى سۆيۈش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتا ئاۋۋال ئۇلارنىڭ يۇرتىنى چۈشىنىش ۋە يۇرتىنى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئاددىي ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. شۇنداقلا ئۇلارنى يۇرتىغا جاۋاب قايتۇرۇش، ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇش غايىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ‹‹كەلگۈسىدىكى دېھقانلار›› بولۇپ قالماسلىققا يېتەكلەش لازىم.

      ئىككىنچى، يۇرتىنى سۆيۈش تەربىيەسىنى ‹‹مەدھىيەلەش ناخشىسى ئېيتىش تەربىيەسى›› بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويماسلىق لازىم. دۆلىتىمىز يېزىلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى قىسقا بولسىمۇ دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بىراق، شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقى خېلىلا چوڭ، گەرچە يېزىلاردا نۇرغۇن ئالاھىدىلىك ساقلانغان بولسىمۇ يېتەرسىزلىكمۇ خېلى كۆپ. مەسىلەن، ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇھىتمۇ بۇلغىنىپ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقمۇ بۇزۇلغان؛ دېھقانلارنىڭ ئېڭى، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن بىرگە بەزى بىر قىسىم قالاق تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ ساقلىنىپ قالغان؛ بىر قىسىم يەرلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلى بىر قەدەر قالاق، تۇرمۇش شارائىتىمۇ بىر قەدەر جاپالىق بولماقتا. بىز بۇ ئەمەلىي ئەھۋاللارغا توغرا قاراپ پىيونېرلارنى يېزىلارغا توغرا كۆزقاراشتا بولۇشقا يېتەكلەش، يېزىلارنىڭ مۇشۇنداق يېتەرسىزلىكى بولغاچقىلا ئۇلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە بىر جۈپ قولى بىلەن يۇرتىنى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ مەدەنىي، تېخىمۇ باي قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسى تىكلەشكە يېتەكلەش لازىم.

      ئۈچىنچى، يۇرتىنى سۆيۈش تەربىيەسىنى ‹‹سەزگۈ تەربىيەسى›› بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويماسلىق لازىم. يۇرتنى سۆيۈش تەربىيەسى ئاڭلاپ بېقىش، كۆرۈپ بېقىش، سۆزلەپ بېقىشتىن ئىبارەت ‹‹سەزگۈ ئەزاسىنى غىدىقلاش›› باسقۇچىدا توختاپ قالسا بولمايدۇ. پىيونېرلارغا يۇرتىنى سۆيۈش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتا جەزمەن ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تەربىيەسى پىرىنسىپىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر جەھەتتىن، پىيونېرلارنى يۇرتى ۋە ۋەتەننىڭ كەلگۈسى قۇرغۇچىلىرى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىش، ئىدىيە ئەخلاق ۋە پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى تىرىشىپ يۇقىرى ئۆستۈرۈشكە ئىلھام بېرىش؛ يەنە بىر جەھەتتىن، پىيونېرلارنىڭ ئىشنى ھازىردىن، كىچىكىدىن باشلاپ يېزىنىڭ تۆت مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا مەسىلەن، يېزا ئىگىلىكى پەن – تېخنىكىسى، مۇھىت قوغداش، كۆكەرتىش، قىمار ئويناشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، كىچىك تەتقىقات، تەجرىبە، كەشپىيات قاتارلىق ئەمەلىي پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، پائالىيەت داۋامىدا يۇرتىنى، ۋەتەننى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇنىۋېرسال ساپا ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپلا قالماي يەنە بۇ ‹‹شاكىچىك››لارنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش داۋامىدىكى ‹‹چوڭ رولى››نى جارى قىلدۇرۇش لازىم.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر