باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

ئاجايىپ – غارايىپ شامال

 بوران

      قۇملار شامالغا ئەگىشىپ ئۇچىدىغان، ھاۋا قاراڭغۇلىشىدىغان، بۇلغىنىدىغان، كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولىدىغان تەبىئىي ھادىسە بوران دېيىلىدۇ. ئۇ ئادەم، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە زىيان سېلىپ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. يەرلەرنىڭ قۇملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىراق، بوران يەر شارى خاراكتېرلىك ھاۋانىڭ ئىللىپ كېتىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ. شىمالدىكى رايونلاردا كىسلاتالىق يامغۇر پەيدا قىلمايدۇ. بوران قۇم، توپىلارنى دېڭىز – ئوكيانلارغا ئۇچۇرتۇپ دېڭىز – ئوكياندىكى تۆمۈر، فوسفورنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ دېڭىز – ئوكيانلاردىكى جانلىقلارنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق.

موسسۇن شامىلى

      يۆنىلىشى پەسىلنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان شامال موسسۇن شامىلى دېيىلىدۇ. شەرقىي ئاسىيادا قىش پەسلىدە ماترىكنىڭ ھاۋاسى سوغۇق، ھاۋا بېسىمى يۇقىرى بولىدۇ. ھاۋا ئېقىمى قۇرۇقلۇقتىن ئىللىق دېڭىز – ئوكيانغا قاراپ ئۇرىدۇ، بۇ قىشلىق موسسۇن شامىلىدۇر. ياز پەسلىدە ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، ھاۋا بېسىمى تۆۋەن بولىدۇ، ھاۋا ئېقىمى دېڭىز – ئوكياندىن ماترىكقا قاراپ ئۇرىدۇ، بۇ يازلىق موسسۇن شامىلىدۇر.

قارا قۇيۇن

      قارا قۇيۇننىڭ دىيامېتىرى نەچچە ئون مېتىر ياكى نەچچە يۈز مېتىر كېلىدۇ. ئەمما، دۇنيادىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز شامال قارا قۇيۇندا كۆرۈلىدۇ. قارا قۇيۇن بەزىدە ھەيران قالارلىق ئىشلارنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: بېلىق يامغۇرى، راك يامغۇرى، بۇغداي يامغۇرى قاتارلىق غەلىتە يامغۇرلارنى ياغدۇرىدۇ.

تەيفېڭ بورىنى

      تىروپىك بەلۋاغ دېڭىز – ئوكيانلىرىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا بەزىدە كۈچلۈك شامال قاينىمى پەيدا بولىدۇ، بۇ تەيفېڭ بورىنى دەپ ئاتىلىدۇ. تەيفېڭ بورىنى مەركىزىنىڭ شامال كۈچى 12 بالدىن يۇقىرى بولغاچقا بۇزغۇنچىلىق كۈچى ناھايىتى زور بولىدۇ. شۇڭا، دەرەخلەرنى قۇمۇرۇپ، ئۆينىڭ ئۆگزىلىرىنى چۇۋۇۋېتەلەيدۇ ھەم كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلىدۇ، لېكىن تەيفېڭ بورىنى ياز پەسلىدە شەرقىي جەنۇب رايونلىرىغا يامغۇر سۈيى ئېلىپ كېلىپ قۇرغاقچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر