باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

بادام

 

      بادام — بۇنىڭدىن 1300 نەچچە يىل ئىلگىرى پېرسىيىدىن كىرگۈزۈلگەن. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ. يەكەن، قاغىلىق، پوسكام، قەشقەر كونا شەھەر، قەشقەر يېڭى شەھەر، قەشقەر، يېڭىسار قاتارلىق ناھىيە – شەھەرلەر ئاساسلىق ئۆستۈرۈلىدىغان جايلار ھېسابلىنىدۇ. XX ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا جەمئىي يېتىلگەن بادام دەرىخى 15 مىڭ 400 گېكتار، يىللىق قۇرۇق مېۋە مەھسۇلاتى 4400 توننىدىن ئارتۇق بولدى. بادامنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، تەركىبىدە %50 ياغ، %28 ئاقسىل، %10 شېكەر ، %0.91 تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار. بادام ھەم يېمەكلىك قىلىنىدىغان ، ھەم دورا قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان قۇرۇق مېۋە ھېسابلىنىدۇ. تېبابەتچىلىكتە دېئابىت كېسىلى، ئاشقازان كېسىلى، زۇكام ، بالىلاردىكى تۇتقاقلىق قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە بادام مېغىزى كۆپ ھاللاردا دورا خۇرۇچى قىلىنىدۇ. سورت بايلىقى جەھەتتە ھازىر 24 مەھەللىۋى جىنسسىز ئەلا سورتنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى. ئۇنسۇ ناھىيىسى جام يېزىسدا سورت بايلىقى كۆچەتزارلىقى بەرپا قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يەردە 8000 تۈپتىن ئارتۇق جىنسسىز ئەلا لىنىيە ساقلانغان. ھازىر ئۆستۈرۈلۈۋاتقان سورتلاردىن يۇمشاق پوستلۇق تاتلىق بادام، تاتلىق بادام، قېلىن پوستلۇق بادام قاتارلىق ئۈچ لىنىيە، 30 نەچچە سورت بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسى يەنە سىناق قىلىش ئارقىلىق شۇاڭرۈەن، ۋەنفېڭ، دوگو، جىپىي، شۇاڭبو، خەنفېڭ قاتارلىق ئالتە يېڭى ئەلا سورت لىنىيىسىنى تاللاپ چىقتى.

 

 

 

ھەر خىل باداملار

      چەتئەلدىكى بىر قىسم دۆلەتلەر بادام سۈتى ئىشلەپ چىقىرىپ، ئۇنىڭدىن بەدەنگە پايدىلىق بولغان بادام قۇۋۋەت ھارىقى ۋە ئاچچىق مېغىزلىق بادامدىن ياسالغان ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ياساپ چىققان. ئامىرىكىدىكى بىر قىسىم دوختۇرخانىلار، بادام ئۇنىدىن دىئابېت كېسلى، بالىلار تۇتقاق كېسلى، ئاشقازان كېسىلى قاتارلىقلارغا دورا ياسىغان. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئاچچىق بادامدىن، تارقىلىشچان ۋىرۇسلۇق زۇكامغا تاقابىل تۇرىدىغان يېڭى دورا ياساپ چىقىلغان. ئامرىكا چىكاكودىكى مەلۇم بىر ئونىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خالود تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا، ئاچچىق مېغىزنىڭ راكنى داۋالاش رولى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر