باش بەت | كائىنات سىرلىرى

پلانېتارىيە

       پلانېتارىيە كەڭ ئاممىغا ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى تارقىتىپ ئومۇملاشتۇرىدىغان سورۇن. پلانېتارىيەنىڭ ئاساسلىق ئۈسكۈنىلىرىدىن يۇلتۇزلار بوشلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پلانېتارىي ھەمدە ئاز ساندىكى ئاسترونومىيەلىك تېلېسكوپلار بار.

 

ئاتاقلىق پلانېتارىيەلەر

      دۇنيادا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر پلانېتارىيەلەرنى سالغان. ئاتاقلىقلىرىدىن ئامېرىكىنىڭ گرىففىس پلانېتارىيەسى، كانادانىڭ ئېمونتون پلانېتارىيەسى ۋە گېرمانيەنىڭ ھامبورگ پلانېتارىيەسى قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئېرمونتون پلانېتارىيەسى كانادا بويىچە ئەڭ چوڭ پلانېتارىيە بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى غايەت زور ئالەم كېمىسىگە ئوخشايدۇ.

 

بىرىنچى پلانېتارىيە

      دۇنيا بويىچە بىرىنچى پلانېتارىيە 1928 – يىلى گېرمانىيىدىكى ميۇنخېندا دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭدا مېخانىكىلىق تەقلىدىي ئوپتىكىلىق پلانېتارىي ئىشلىتىلگەن. پەن – تېخنىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، زامانىۋى چوڭ تىپتىكى پلانېتارىيەلەرگە شارسىمان ئېكرانلىق كىنو، لازېر نۇرلىق كۆرسىتىش، ھەرىكەتچان سېزىملىك كىنو قاتارلىقلار قوشۇلدى. بۇ ئاتاقلىق ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى كۆپ خىل شەكىلدە ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو بالىلار قامۇسى تەھرىر: ئاينۇر