باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

غۇنچىلار پەرۋىشكارى

— ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى باھارگۈل تۇرسۇننىياز توغرىسىدا

ئوبۇلقاسىم مەتنىياز

      جەمئىيىتىمىزدە ئۆزىنىڭ گۈزەل ياشلىق باھارىنى ۋەتىنىمىزنىڭ نۇرانە كەلگۈسى، خەلقىمىزنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى بولغان ياش – ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار، خاسىيەتلىك ئىشلارغا بېغىشلاش ئارقىلىق جاپالىق مېھنىتىدىن شەرەپ قۇچقان ئوقۇتقۇچىلار سانسىز. ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى، خوتەن ناھىيىسى تۆمۈريول ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئىقتىدارلىق تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى باھارگۈل تۇرسۇننىياز شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

      سۈرەتتە: باھارگۈل ئوقۇغۇچىلارغا قىيىن نۇقتىلارنى چۈشەندۈرمەكتە

      1988 – يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، قەلبىدە گۈزەل ئارمانلار يېلىنجاپ، ۋۇجۇدىدىن ياشلىق شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان باھارگۈل قاراقاش ناھىيىسى زاۋا يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە تەقسىم قىلىندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ كەسپىگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىدى، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردىن قېتىرقىنىپ ئۆگەندى، مەكتەپنى ئۆز ئائىلىسىدەك، خىزمەتداشلىرىنى بىر تۇغقىنىدەك، ئوقۇغۇچىلارنى ئىنى – سىڭىللىرىدەك كۆردى. دەرسلىككە ئائىت كىتاب، ماتېرىياللارنى كۆردى، كۆپ دەرس ئاڭلاپ، دەرس ئۆتۈش مېتودىنى ياخشىلىدى. بىرقانچە يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە باھارگۈل ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان دەرس ئۆتۈش ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئورۇنلاپ خىزمەتداشلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.

      1993 – يىلى باھارگۈل خوتەن ناھىيىلىك يېتىم بالىلار پاراۋانلىق مەكتىپىگە يۆتكەلدى. ئۇ بۇ مەكتەپتە يەتتە يىل ئىشلىدى. بۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن بۇ يەردىكى بالىلارغا ئەستايىدىللىق بىلەن دەرس ئۆتسە، يەنە بىر تەرەپتىن تۇرمۇش جەھەتتە كۆيۈنۈپ ئانىلىق مېھر – مۇھەببىتىنى بېرىپ بالىلارنىڭ ساغلام پسىخىكا بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.

      2000 – يىلى خوتەن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى باھارگۈلنى خوتەن ناھىيىسى تۆمۈريول ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىگە يۆتكىدى. ئۇ مەكتەپكە كېلىپ مەسئۇلىيەتچانلىقى، تىرىشچانلىقى بىلەن خىزمەتداشلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ ھەرقانداق بىر ئىش قىلسا ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزمەي قالمايدۇ. ئۇ ئوقۇغۇغۇچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىكىسىنى، قىزىقىشىنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ پسىخىكىسىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىپ، سىرداش دوستىغا ئايلىنىپ، ئۇلار يولۇققان ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەملەشتى. دەرس ئۆتۈش بىلەن ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىشنى تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىشنى ئادەتكە ئايلاندۇردى. دەرسلىك مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر زاتلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار ھەمدە ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ تەسىرلىك ئىش – ئىزلىرى، ئۇلۇغ كەشپىياتلارنى ياراتقان ئالىملارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىش يولىدىكى قەيسىرانە روھىنى كۆپلەپ سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىنلا ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۆدەك قەلبىگە ئورناتتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلىدى، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى. ئوقۇغۇچىلاردا كىچىكىدىن پارتىيىنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى، ئىلىم – پەننى، ئەمگەكنى، خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى.

      باھارگۈل ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىپ، ئۇلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقتى. ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مەكتەپ تەربىيىسىگە ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار تەربىيىسىدە ياخشى ئۈنۈم ياراتتى.

      باھارگۈل مائارىپ سېپىدە ئىشلەۋاتقان كۆپ يىلدىن بۇيان ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ‹‹ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا››، ‹‹قانداق قىلغاندا تىل – ئەدەبىيات دەرسىنى ياخشى ئۆتكىلى بولىدۇ››، ‹‹ئوقۇتقۇچى قانداق قىلغاندا ئۆز ئوبرازىنى نۇرلاندۇرالايدۇ›› قاتارلىق تېمىلاردا ئون پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. 2007 – يىلى يازغان ‹‹ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسىنىڭ ئۈنۈمى توغرىسىدا›› تېمىسىدىكى ماقالىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلۇپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.

مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ مەكتەپلەردە يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى. باھارگۈل سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۇمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئۇ ناھىيىدىكى ھەرقايسى يېزا – بازارلاردىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ، يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى بويىچە دەرس ئۆتۈش ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ، كەسىپداشلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

      2006 – يىلى خوتەن ۋىلايىتىدە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسى ئۆتۈش يولغا قويۇلدى. باھارگۈلگە بۇ دەرسنى ئۆتۈش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى. باھارگۈل بۇ يېڭى دەرسلىكنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئۆتكىلى، ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە كۆپ ئىزدەندى. ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى خادىملار بىلەن پىكىرلىشىش ئارقىلىق دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى، جەريانى قاتارلىقلارنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلەپ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 2006 – يىلى 6 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تەتقىقات ئىشخانىسى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇيۇشتۇرغان ئوچۇق دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىدە ‹‹خوتەن ياڭىقى›› دېگەن تېمىدىكى ئوچۇق دەرسى ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

      2006 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە ئۇ يېتەكچىلىك قىلغان 37 ئوقۇغۇچى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەقدىرلەندى. باھارگۈل ناھىيە ۋە ۋىلايەت تەرىپىدىن ‹‹مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى›› تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ‹‹نۇتۇق سۆزلەش ماھىرى›› بولۇپ باھالاندى.

      باھارگۈلنىڭ مىننەتسىز ئەمگىكى ئۇنى شەرەپ مۇنبىرىگە ئېلىپ چىقتى. ئۇ كۆپ قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››، ‹‹ئىلغار خىزمەتچى››، ‹‹ئۈلگىلىك تەربىيىچى››، ‹‹‹8 – مارت‹ قىزىلبايراقدارى›› قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشىپ ناھىيە، ۋىلايەت، ئاپتونوم رايون بويىچە تەقدىرلەندى.

  (ئاپتور ‹‹خوتەن گېزىتى›› ئىدارىسىدا)

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر