باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

زەپەرداشلار

(باللادا)

ئابدۇقادىر ھەسەن خالىس

 

ئادىل، كامىل، ئالىمجان

تەڭ تۇغۇلغان تام قوشنا.

ئۆستى ئۇلار سەپەردە،

زەپەرلەرگە بوپ تەشنا.

 

تاڭدا ئۇلار بىرلىكتە

مەكتىپىگە ئاتلىنار.

چىن دوستلۇقنىڭ مېھرىدىن

قەلبى چوغدەك تاۋلىنار.

 

بارار ئۇلار كۆك يېرىپ،

جەۋلان قىلغان باچكىدەك.

دىلدا دەريا ھاياجان

ۋولقان بولۇپ تاشقۇدەك.

 

ۋەدىلەشتى ئۈچ گۈدەك،

ئەخلاق، ئەقىل، ئەمگەكتە.

بېرىپ ياردەم ئۆزئارا،

ئۇچتى ئالغا بەس – بەستە.

 

كىم قىينالسا بەيگىدە

قىزغىن ياردەم بېرىشتى.

زەپەر قۇچۇپ ئۆملۈكتە،

ئىلگىرىلەشكە تىرىشتى.

 

ئىجاد قىلسا ئالىمجان،

ئادىل، كامىل شادلاندى.

ئۆگىنىشكە ئالىمدىن

بىللە ئالغا ئاتلاندى.

 

ئۆتكۈزۈلدى بىر قېتىم

رەسىم سىزىش بەيگىسى.

تاللانماقچى كۆرەككە

رەسىملەرنىڭ سەركىسى.

 

ئادىل، كامىل، ئالىمجان

قىزغىن ئىشقا كىرىشتى.

گۈزەللىكنى تالىشىپ،

ھەۋەس بىلەن سىزىشتى.

 

بىرى گۈلنى سىزغۇچە

بىرى قۇشنى سىزدىغۇ!

بىرى تاغنى كۆچۈرۈپ،

جەۋھەرلەرنى قازدىغۇ!

 

ئادىل سىزغان سۈرەتنى

ئالىمجانلار تۈزىدى.

كامىل سىزغان سۈرەتنى

ئادىلجانلار بېزىدى.

 

ئۇلار سىزغان سۈرەتلەر

كۆرگەزمىگە تاللاندى.

مۇكاپاتقا ئېرىشىپ،

ئەل ئاغزىدا داڭلاندى.

 

بولۇپ قالدى بىر قېتىم

يېزىقچىلىق بەيگىسى.

(رەڭمۇرەڭدە ئېچىلغان،

سەرخىل گۈللەر سەيلىسى).

 

ئوقۇپ چىقتى ئۈچەيلەن،

دۆۋە – دۆۋە كىتابنى.

قوغلىۋەتتى يىراققا،

ئويۇن ئاتلىق بىتاپنى.

 

كىتابتىكى سۆزلەرنى

سېلىشتۇرسا تۇرمۇشقا.

كۆڭلى كۈندەك يورۇدى،

يېڭى دۇنيا قۇرۇشقا.

 

چېچەكلىرى ئىلھامنىڭ

پورەك – پورەك ئېچىلدى.

ئۇنىڭ ئىپار ھىدلىرى

شۇتاپ ھەريان چېچىلدى.

 

ژۇرنالغا تەڭ بېسىلدى،

ئۈچ ئىجادكار ئەسىرى.

دىلنى مەپتۇن ئەيلىدى،

ئۇنىڭ يارقىن تەسىرى.

 

تەبرىكلەشتى دوستلىرى،

ئادىل، ئالىم، كامىلنى.

كەشىپىياتتا چولپاندەك

يانغان كىچىك قابىلنى.

 

باشلانغاندا جەڭگاھتا،

‹‹ئۇچقۇرلار››نىڭ بەيگىسى.

ئوقتەك ئالغا تاشلاندى،

ئۈچ ‹‹تۇلپار››نىڭ ھەممىسى.

 

مەنزىلگە ئاز قالغاندا

يىقىلدى بەك ئادىلجان.

يۆلەپ ئۇنى تۇرغۇزۇپ،

داۋام قىلدى كامىلجان.

 

بەسلىشىپ يۈگۈرۈشتە

ئۈزۈپ چىقتى ئادىلجان.

ئېگىزلىككە سەكرەشتە

ئۇتۇپ چىقتى كامىلجان.

 

فىزىكىنى ئۆگىنىپ،

كامىل مودېل ياسىدى.

خىمىيەنى ئۆگىنىپ،

ئالىم ئۇنى سىرلىدى.

 

ھەرخىل مەشىق ئىشلەشتە

ئۇلار قىزغىن بەسلىشەر.

مۇھىم نۇقتا، مەزمۇننى

چاقماق كەبى ئەسلىشەر.

 

ئاۋۋال قىلىپ رىقابەت،

ئاندىن ياردەم بېرىشەر.

شۇڭا، دائىم ئۈچەيلەن

شەرەپ – شانغا ئېرىشەر.

 

پۇرسەت، خىرىس، رىقابەت

جەسۇرلارنى تاللايدۇ.

ئىجاد، مېھنەت، يۈكسىلىش

ھۇرۇنلارنى شاللايدۇ.

 

بۇ ئۈچ ئۆسمۈر بەختىگە،

ئامەت بەردى شىجائەت.

ۋۇجۇدىغا، بەستىگە

قامەت بەردى رىقابەت.

 

ئادىل، كامىل، ئالىمجان

زەپەرداش دەپ ئاتالدى.

شەرىپىگە ئۇلارنىڭ

قىزىل بايراق قادالدى.

 

(ئاپتور ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنېرى)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر