باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

تەربىيەچىلەر پىيونېرلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا قانداق ياردەم بېرىشى كېرەك

      (1) پىيونېرلارنىڭ ئەترەت پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى بىكىتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. تەربىيەچىلەر پىيونېرلارغا ياردەم بېرىپ، ئەترەت پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى ئېنىق، روشەن، يېڭى، چوڭقۇر قىلىش كېرەك.

      (2) پىيونېرلارنىڭ ئەترەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش پەيتىنى تاللىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. مۇھىم بايرام كۈنلىرى پائالىيەت ئېلىپ بارغاندىن تاشقىرى، ئادەتتىكى تەربىيە پەيتىنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، ئادەمگە، ئىشقا قاراپ تەربىيە ئېلىپ بارغاندىلا، پائالىيەت كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

      (3) پىيونېرلارنىڭ جانلىق پائالىيەت شەكلىنى قوللىنىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. نەزەر دائىرىسىنى باشتىن – ئاخىر ئەترەت يىغىنى ۋە مەكتەپ ئىچىگە قويۇپلا قالماستىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياقتۇرىدىغان شەكلىنى قوللىنىپ، تەربىيىۋى ئۈنۈمى زور پائالىيەتلەرنى تاللاشقا بولىدۇ.

      (4) پىيونېرلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش شارائىتىنى ھازىرلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. بۇ ماددىي شارائىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىيونېرلارغا قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، شارائىت يارىتىپ ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرىنى بېيىتىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش لازىم.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر