باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

مېھىر – مۇھەببەتنىڭ يەنە بىر قانىتى

      رىقابەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ھەرقانداق ئادەم مەغلۇبىيەتكە ۋە ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كېلىدۇ. مۇبادا ساغلام پىسخىكىلىق ئىقتىدار بولمىسا ۋە كەيپىياتىنى توغرا تەڭشىيەلمىسە ئادەمنىڭ پىسخىكىسىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ قائىدىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىپ شەخس ۋە جەمئىيەتكە تراگىدىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ئومۇميۈزلۈك پىسخىكىلىق ئاجىزلىق ھادىسىسى مەۋجۇت بولماقتا. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېرى ئىچ مىجەز بولۇپ مەسئۇلىيەتسىز، چىدامسىز، ئىرادىسى بوش، ئۆزىنى كونتىرول قىلىشى ئاجىز بولماقتا. شۇڭا، مەكتەپ ئەترەت تەشكىلاتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا ئوڭۇشسىزلىققا، مەغلۇبىيەتكە ۋە قىيىنچىلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا ياردەم بېرىش لازىم، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى ۋە مۇستەھكەم ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇشتا زور ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە.

      باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بىرقەدەر ئاجىز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مېنىڭچە ئەترەت تەشكىلاتى ئوڭۇشسىزلىققا قارشى تۇرۇش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغاندا كونكرېت ئىشلاردىن، پىيونېرلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئەمەلىي مىساللاردىن باشلاش لازىم.

      1. تەبىئەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرىنى مىسال قىلىپ ئوڭۇشسىزلىققا قارشى تۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش

تەبىئىي ئاپەت يۇز بەرگەندە مەكتەپ مېھرى – مۇھەببەت يەتكۈزۈش، پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارغا ئوڭۇشسىزلىققا قارشى تۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا تەبىئەتنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىنى، ھەمىشە ئىنسانىيەتكە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تونۇتۇش لازىم. يەنە ئۇلارغا تەبىئىي ئاپەت ئالدىدا ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەتنىڭ ماھىيىتىنى توغرا چۈشۈنۈپ، باتۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرۇشىنى چۇشەندۇرۇش لازىم. پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسى بوشاشمىسىلا تەبىئەتنى بوي سۇندۇرالايدىغانلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چۇشەندۈرۈش لازىم.

      ئۇلگىلەرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئوڭۇشسىزلىققا قارشى تۇرۇش ئىشەنچىسىنى يېتىلدۇرۇش

      تەقلىد قىلىشقا ماھىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇچۇن ئېيتقاندا ئۇلگىنىڭ رولى چەكسىز بولىدۇ. تەربىيەچىلەر پىيونېرلارغا ئوڭۇشسىزلىقنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىپ كىشىلىك غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئۇلگىلىك شەخسلەرنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇلگىلىك شەخسلەرنىڭ ھېكايىسىنىڭ تۇرتكىسىدە قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلاردا خۇشال ئالغا ئىنتىلىدىغان كىشىلىك تۇرمۇش پوزىتسىيەسىنى يېتىلدۇرشكە ياردەم بېرىش لازىم.

      مول، رەڭدار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئوڭۇشسىزلىققار قارشى تۇرۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۇرۇش

      ئۆسمۈر ھەربىي مەكتىپىدە ھەربىي مەشقتىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان، جاپاغا چىدايدىغان روھ يېتىلدۈرۈش لازىم؛ ‹‹مەن نېمە دېگەن قالتىس›› ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيىتىدە ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزى ۋە باشقىلاردىكى ئارتۇقچىلىقلارنى بايقاشقا يېتەكلەپ ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش لازىم؛ پىسخىكىدىن مەسلىھەت سوراش پائالىيىتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزى ۋە ساۋاقداشلىرىدا يۇز بەرگەن كۆڭۇلسىزلىكلەرنى ھەل قىلىشىغا، ئۆزىنى تەڭشەشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىشىنى ئۆگىنىۋېلىشىغا، ئۆزىنى تەڭشەش، ئۆزىنى كونترول قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىنىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش لازىم.

      ئوڭۇشسىزلىق تەجرىبىسى مۇھىتىنى تەقلىد قىلىپ، پىسخىكا جەھەتتىكى بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇش

      ئەترەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشىغا، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئوڭۇشسىزلىق تەجرىبىسى ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان بىر قىسىم مۇھىتلارنى يارىتىپ، ئۇلارغا مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تېتىتىش، ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئازاب ئىچىدە ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇپ، روھى ھالىتىنى تەڭشىشىگە ياردەم بېرىش لازىم. بۇ جەرياندا تەربىيەچىلەر ئوڭۇشسىزلىق تەجرىبىسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا دىققەت قىلىشى لازىم. ئوڭۇشسىزلىق تەربىيەسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىلىق جەھەتتە بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى كۈچەيتىشىگە پايدىسى بار، ئەمما ئوڭۇشسىزلىق تەربىيەسى مۇھىتى بەك قىيىن بولۇپ كەتمەسلىك لازىم، بەك قىيىن بولغاندا ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولماي قېلىشى مۇمكىن، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشاشمىغان روھى سەۋىيەسى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قىيىنلىق دەرىجىسى ئوخشاشمىغان قاتلاملارغا بۆلۈنگەن تەجرىبە تۇرلىرىنى تەسىس قىلىش لازىم، بۇنداق بولغاندا ھەم ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، ھەم ئۇلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېشى كىچىك، تۇرمۇش تەجرىبىسى كەمچىل، پىسخىكىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن باسقۇچتا تۇرماقتا. شۇڭا، ئۇلارغا ئوڭۇشسىزلىققا قارشى تۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتا يەنە ئۇلارنى ئوڭۇشسىزلىققا توغرا مۇئامىلىدە بولۇشقا يېتەكلەش، مۇۋاپىق ھالدا ئۆزىنى كونترول قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش لازىم؛ ئىلمىي ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ روھى بېسىمنى يەڭگىللىتىش قاتارلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىش لازىم.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر