باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

كولاغا خۇمار بولۇپ قالماڭ

       ئۈچ يىل ئۇدا كولا ئىچكەن 16 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالغان. بۇ ئوقۇغۇچى دەسلەپتە كۈنىگە ئۈچ بوتۇلكىدىن بەش بوتۇلكىغىچە ئىچكەن، كېيىن يەتتە – سەككىز بوتۇلكا ئىچىدىغان بولغان. ئۇ كولانى كۆپ ئىچكەنلىكتىن ئىچى تىتىلداش، بېشى ئاغرىش، ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان. كېيىنچە ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ داۋالىنىشقا مەجبۇر بولغان.

      كولا كاربونات كىسلاتالىق سوغۇق ئىچىملىك بولۇپ بەدەنگە زىيانلىق ئىكەن. بولۇپمۇ بالىلار كۆپ ئىستېمال قىلسا ئاسانلا خۇمار بولۇپ قالىدىكەن. كولا تەركىبىدىكى كوففېئىندا نېرۋىنى جانلاندۇرىدىغان ماددا بار بولۇپ ھەر 100 مىللىلېتىر كولا تەركىبىدە 10 مىللىگىرام كوففېئىن بار ئىكەن.

      ئىگىلىنىشىچە، كاربونات كىسلاتالىق سوغۇق ئىچىملىكنى ئۇزاق ۋاقىت ئىستېمال قىلسا سۆڭەك شالاڭلايدىكەن، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەيدىكەن، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىكەن، نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر