باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئۈزۈك بىلەن قول سائىتى

(مەسەل)

توختى مەھمۇت ئەلائى

      بىر كۈنى، نامسىز بارماقتىكى ئۈزۈك قول بېغىشىدىكى سائەتتىن سوراپتۇ:

      – مېنىڭ ئوبدان قوشنام، تۇرۇۋاتقان ئورنىمىز جەھەتتىن ئېيتسام، مەن ھەرگىز سەندىن تۆۋەن ئەمەس، قىممىتىمىزگە كەلسەك، مەنمۇ ناھايىتى ئەتىۋارلىق. بىراق، كىشىلەر نېمىشقا ھەر كۈنى ساڭا نەچچە قېتىملاپ قاراشنى ياخشى كۆرىدۇ –  يۇ، لېكىن ماڭا ناھايىتى ئاز قارايدۇ!؟

      – بۇنىڭ ھېچقانداق ھەيران قالغۇچىلىكى يوق، – دەپتۇ قول سائىتى، – چۈنكى، مەن زىننەت بۇيۇمى ئەمەس، مەن قەلبىمدىكى بارلىق نەرسىلەرنى قىلچە قالدۇرۇپ قويماستىن كىشىلەرگە ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ بىباھا بايلىقتىن خەۋەردار قىلىپ، ھاياتنىڭ قىممىتىنى تونۇتىمەن ...

(ئاپتور كورلا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسىدا)

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئاينۇر