باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

پادىشاھ بىلەن مۇنەججىم

        بۇرۇن ھىندىستاندا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇ بىر قېتىم ئۆز دۈشمىنىگە ھۇجۇم قىلماقچى بوپتۇ. خان ئوردىسىدا بىر مۇنەججىم بولۇپ، ئۇ دۈشمەنگە سېتىلىپ كەتكەنىكەن. ھۇجۇمغا چىقىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى مۇنەججىم ئالدىن ھۆكۈم قىلىپ، قوشۇن ئەتە ياكى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان بولسا، ئېچىنىشلىق ھالدا مەغلۇپ بولىدۇ، دەپتۇ. مۇنەججىمنىڭ مەقسىتى دۈشمەنلەرنىڭ ئۇرۇش تەيارلىقىنى ئوبدان قىلىۋېلىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئىكەن.

      قوشۇندىكىلەر مۇنەججىمنىڭ سۆزىگە بەك ئىشىنىپ كېتىپ، پادىشاھقا ئەتە ياكى كېيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە ئۇرۇشقا چىقمايلى، بولمىسا ئۆزىمىزنى بىكاردىن – بىكار ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىمىز، دەپ تۇرۇۋاپتۇ.

      بۇ گەپنى ئاڭلاپ پادىشاھنىڭ غەزىپى ئۆرلەپتۇ. چۈنكى، ئۇ مۇنەججىمنىڭ سۆزىگە ئىشىنىدىغان بولسا، غەلىبە قىلىشتىن مەھرۇم بولىدىكەن، ئەمما ئۇ شۇنى بىلىدىكەنكى، قوشۇندىكىلەر بەك خۇراپىي بولۇپ، مۇنەججىمنىڭ سۆزىنى تىللا بىلىدىكەن، مۇنەججىمنىڭ سۆزىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭغا بولغان خۇراپىيلەرچە ئىشىنىشنى تۈگەتكىلى بولىدىكەن.

      پادىشاھ ئوبدان ئويلانغاندىن كېيىن، مۇنەججىمنى خان ئوردىسىغا چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:

      – ماڭا شۇنى ئېيتىپ بېرىڭ، سىز قاچان ئۆلىسىز؟

      – مەن 31 يىلدىن كېيىن ئۆلىمەن، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ مۇنەججىم ئويلاپ تۇرمايلا.

      پادىشاھ شۇ كۈنى كەچتە  ئۆزىنىڭ يېقىنى – قوشۇننىڭ قوماندانىنى ئەۋەتىپ مۇنەججىمنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، پۈتۈن قوشۇنغا مۇنداق جاكارلاپتۇ:

      – مۇنەججىم ئۆزىنىڭ 31 يىلدىن كېيىن ئۆلىدىغانلىقىنى ئالدىن ھۆكۈم قىلغانىدى، بىراق ئۇ تۈنۆگۈن ئۆلدى. شۇڭا، شۇنداق ئېيتىشقا ھەقلىقمىزكى، ئۇنىڭ ئالدىن قىلغان ھۆكۈملىرىنىڭ ھەممىسى خاتا، بۇ قاپاقباشنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ، ئۇرۇش غەلىبىسىدىن قۇرۇق قالماسلىقىمىز لازىم. بىز دەرھال ھۇجۇمغا ئاتلىنىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەيلى.

      ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە ماقۇل بوپتۇ، نەتىجىدە پادىشاھ قوشۇنلىرى چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەن قورغانلىرىنى ۋەيران قىپتۇ. قىلچە تەييارلىقى بولمىغان دۈشمەننىڭ بىر ھۇجۇم بىلەن ۋەتۋەرىكى چىقىپ كېتىپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل – پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەر تەھرىر: ئاينۇر