باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

جۇڭگو رادىيو گىمناستىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى

      دۆلەت قۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پۇقرالارنىڭ بەدەن ساپاسى دېگەندەك ئەمەس ئىدى. ماتېرىياللارغا قارىغاندا، 1949 – يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان مەزگىلدە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى پەقەت 35 ياش ئىكەن. 1950 – يىلى كۆپلىگەن ياشلار سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلمەي، ھەربىي سەپكە قاتنىشالمىغان، ئەينى چاغدا تاشلاپ قويغان ئىشلارنى قايتىدىن باشلاشنى كۈتۈپ تۇرغان جۇڭگو قانداق قىلىشى كېرەك؟ بۇ چاغدا جۇڭگو سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۈلگە ئالماقچى بولدى.

      جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتىنىڭ تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە ھەر قايسى چوڭ مەمۇرىي رايونلارنىڭ 12 ۋەكىلىدىن تەشكىللەنگەن تۇنجى تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 1950 – يىلى 28 – ئاۋغۇستتا سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، بۇ دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە تۈزۈملىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئۇلارنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆگەندى.

      سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى چاغدا ‹‹ئەمگەككە ۋە ۋەتەننى قوغداشقا تەييارلىنىش تەنتەربىيە تۈزۈلمىسى››نى يولغا قويغان ئىدى. بۇ تۈزۈمنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى سوۋېت پۇقرالىرىنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ئىدى. ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي خەلق گىمناستىكىسىمۇ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان بولۇپ، سەھىيە گىمناستىكىسى، قوشۇمچە گىمناستىكا، مېخانىك گىمناستىكىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلۈنگەنىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى سەھىيە گىمناستىكىسى ئەتىگەندە رادىيوغا ئەگىشىپ ياكى مۇستەقىل ئورۇنلىنىدىغان گىمناستىكا بولۇپ، ئادەتتە ‹‹ئەتىگەنلىك گىمناستىكا›› دەپ ئاتىلاتتى. بۇ گىمناستىكا ئالاھىدە مەيدان، ئەسلىھە، كىيىم ياكى ماشىنىغا مۇھتاج بولمايتتى. ھەر قانداق ياشتىكى ئادەملەر، ئەر – ئاياللارنىڭ ئورۇنلىشىغا ھەمدە كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىشكە ماس كېلەتتى.

      جۇڭگو زىيارەت ئۆمىكىدىكى ياڭ ليې (ئايال) بۇ گىمناستىكىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىلھام ئالدى. جۇڭگو زىيارەت ئۆمىكى ئىككى ئايلىق كۆزدىن كەچۈرۈشنى تاماملىغاندىن كېيىن، 20 نەچچە پارچە ئومۇميۈزلۈك ۋە سىستېمىلىق تەتقىقات ماتېرىيالىنى ئېلىپ كەلدى. تەييارلىق كۆرۈش باش كومىتېتى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۆگەنگەن تەجرىبىلىرى ئارقىلىق تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىنى بېكىتتى ھەمدە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدە چوڭ تىپتىكى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى ئۆتكۈزمەي، نۇقتىلىق ھالدا ئومۇملاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

      ئەينى چاغدىكى قىزىق نۇقتا تەنتەربىيە تۈزۈلمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە بولغاچقا، بىر قىسىم كىشىلەر ئومۇمىي خەلقنىڭ بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش مەسىلىسىگە تازا كۆڭۈل بۆلەلمىدى، بىراق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى ياڭ ليې بۇ نۇقتىغا ئىزچىل كۆڭۈل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۇ 1950 – يىلىنىڭ ئاخىرى تەييارلىق كۆرۈش باش كومىتېتىغا تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دوكلاتىنى سۇنۇپ، بىر يۈرۈش ئومۇمىي خەلق گىمناستىكا ھەرىكىتىنى تۈزۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. ئۇنىڭ بۇ پىكرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى 1 – ئورۇنغا قويۇش پىكرى بىلەن بىردەك بولغاچقا ناھايىتى تېزلا تەستىقلاندى. 1 – يۈرۈش ئومۇمىي خەلق گىمناستىكىسىنى تۈزىدىغان كەسپىي خادىملارنى قەيەردىن تېپىش كېرەك؟ ياڭ ليې تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتىدا بىللە ئىشلەيدىغان خىزمەتچىسى ليۇ يىجېننى ئېسىگە ئالدى. ئۇ بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە فاكولتېتىدا ئوقۇغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ليۇ يىجېن جۇڭگونىڭ 1 – يۈرۈش گىمناستىكىسىنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى تۈزۈپ چىقتى.

      يېڭى جۇڭگونىڭ 1 – يۈرۈش رادىيو گىمناستىكىسى 1951 – يىلى 24 – نويابىردا رەسمىي ئېلان قىلىندى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانىسىسى 1 – دېكابىر رادىيو گىمناستىكىسىنىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلاتتى.

      1952 – يىلى 20 – ئىيۇلدا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. 1 – يۈرۈش رادىيو گىمناستىكىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. 1954 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى ياردەملىشىپ تۈزگەن 2 – يۈرۈش رادىيو گىمناستىكىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ يۈرۈش رادىيو گىمناستىكىسىدا ھەرىكەت مىقدارى ۋە ھەرىكەتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشۇرۇلدى. 1957 – يىلى 3 – يۈرۈش رادىيو گىمناستىكىسى ئېلان قىلىندى.

      ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، دۆلىتىمىز ھازىرغىچە جەمئىي توققۇز يۈرۈش رادىيو گىمناستىكىسى، يەتتە يۈرۈش ياش – ئۆسمۈرلەر گىمناستىكىسى، توققۇز يۈرۈش بالىلار گىمناستىكىسىنى ئېلان قىلدى. 60 يىلدىن كېيىن رادىيو گىمناستىكىسى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىسىگە ئايلاندى.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر