باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

پەن – تېخنىكا پائالىيىتى كەشپىيات يارىتىش ئەمەس

     ياڭ مىڭخۇڭ

     ‹‹پەن – تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى››، ئۆسمۈر – بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى، ئۇلارنىڭ ئىلىم – پەن بىلەن تەربىيەلىنىشىنىڭ قانداق بولۇشى ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ ئەتىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئۆسمۈر – بالىلارنى پەن – تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەشكە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئەترەتتە پەن – تېخنىكا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسەت پىيونېرلاردا كىچىدىن ئىلىم – پەننى سۆيۈش، ئىلىم – پەننى ئۆگىنىش، ئىلىم – پەندىن پايدىلىنىش ياخشى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش؛ پىيونېرلارنى پەن – تېخنىكا پائالىيىتى ئارقىلىق ئىلىم – پەن بىلىملىرى، ئىلىم – پەن قائىدىلىرىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، ئۇلاردا ئىلىم – پەن ئېڭى، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈپ، مېڭە ئىشلىتىش ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈندۈر، بۇ ھەرگىزمۇ كەشپىيات بىلەن شۇغۇللانغانلىق ئەمەس.

      پىيونېرلار ئەترىتى پەن – تېخنىكا پائالىيىتىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىغا قارىتا ‹‹تەربىيىچىلەر خىزمەت پىروگراممىسى (سىناق نۇسخا)››دا ئېنىق قىلىپ: ‹‹ئۆسمۈرلەر پەنلەر ئاكادېمىيىسى›› قاتارلىق پەن – تېخنىكا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش؛ ئىزدىنىش خاراكتېرلىك، ئۆگىنىش خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ۋە مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش؛ ئىلىم – پەن ئىدىيەسىنى چۈشەندۈرىدىغان، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان لېكسىيە ۋە مۇلاھىزە پائالىيەتلىرنى ئېلىپ بېرىش؛ پەن – تېخنىكا كۆرگەزمىسى، پەن تەتقىقات ئورنىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق پيونېرلار ئىنسانلارنىڭ پەن – تېخنىكا تەرەققىيات جەريانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن غايەت زور تەسىرىنى چۈشىنىپ، تارىختىكى پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرى، زامانىۋى پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چۈشىنىۋالالايدۇ. يەنە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، مېتېيورولوگىيە، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە قاتارلىق پەن – تېخنىكا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مېداللارنى تەسىس قىلسا بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن.

      ئەمەلىيەتتە، بالىلار قىزىققاق، بىر ئورۇندا جىم ئولتۇرالمايدىغان ئورتاقلىققا ۋە ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرىدىغان يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. پىيونېرلار ئارىسىدا ‹‹ئۆسمۈرلەر پەنلەر ئاكادېمىيەسى››، ‹‹ئىلىم – پەننى سۈيۈش ئېيى››، ‹‹پەن – تېخنىكا بايرىمى›› قاتارلىق ھەر خىل پەن– تېخنىكا ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش پىيونېرلارنىڭ پەن – تېخنىكىغا بولغان ئىزدىنىشى ۋە قىزىقىشىنى قانائەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي پەن – تېخنىكا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى دۇنيادا رېئال تۇرمۇشتا بالىلارنىڭ ‹‹ئىلمىي ياشاش››قا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، بۇ پىيونېرلارنىڭ ئىلىم – پەن بىلەن تەربىيەلىنىشىنى كەڭ كۆلەمدە يۈقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، شۇنداقلا ئەترەت پەن – تېخنىكا تەربىيەسى ياخشى ئەنئەنىسىنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىشى ۋە تەرەققىياتى.

      بارلىق پىيونېرلارغا يۈزلىنىش پىرىنسىپى ئاساسىدا تەربىيەچىلەر پەن – تېخنىكا پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلغاندا تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

      1. تۇرمۇشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش

      ئەترەت پەن – تېخنىكا پائالىيىتى ‹‹تۇرمۇش پەن – تېخنىكا›› پائالىيىتىدۇر، ئۇ ئۆسمۈر – بالىلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا يولۇققان پەن – تېخنىكا مەسىلىسىنى ئاساس قىلىشى، بالىلارنىڭ تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان ‹‹نېمە ئۈچۈن››لەرنى بايقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەتراپىدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئىلىم – پەن ھادىسىسى ۋە ئۆزگىرىشلەرنى تەكشۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىلىم – پەن تونۇشىنى بەرپا قىلىشتۇر. پىيونېرلار تەپەككۇر، ياش ۋە مېجەزدە پەرق، بىلىم ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇر قاتارلىقلاردا چەكلىمىلىككە ئىگە بولغاچقا ئەترەت ئاساسلىقى ھەر خىل كىچىك تېرىقچىلىق، كىچىك باقمىچىلىق، كىچىك تەجرىبە، كىچىك ياساش، كىچىك مۇھاكىمە، كىچىك كەشپىيات قاتارلىق ‹‹ئالتە كىچىك›› پەن– تېخنىكا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ھەر خىل دائىملىق كىچىك پەن – تېخنىكا پائالىيىتىنى تەشكىللەپ ئەمىلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەسىلەن، شەھەردىكى پىيونېرلار ‹‹ماشىنىلاردىن چىققان بۇلغىما››، ‹‹نېمە ئۈچۈن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلەتمىگەندە شتېپسىلنى تارتىۋېتىمىز›› قاتارلىق تۇرمۇش ھادىسىلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ كىچىك تېمىلىق تەتقىقاتلار ياكى كىچىك تەجرىبىلەرنى ئىشلەش؛ يېزىدىكى پىيونېرلار كىچىك تېرىقچىلىققا بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹خاسىيەتلىك قار مول ھوسۇللۇق يىلنىڭ بېشارىتى›› قاتارلىق دېھقانچىلىقتا دائىم قوللىنىلىدىغان ئىلمىي ساۋاتلارنى تەتقىق قىلىپ، زىرائەتلەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، پىيونېرلارنى ئەتراپىدىكى كىچىك ئىشلاردىن پەن – تېخنىكا دەرىزىسىنى ئېچىشقا يېتەكلەش كېرەك.

      2. ئەمەلىيەتچانلىققا ئەھمىيەت بېرىش

      ئەترەت پەن – تېخنىكا پائالىيىتى بىر تۈرلۈك ئاممىۋى خاراكتېرلىك پەن – تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى، بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹ھەرىكەتلىنىش›› ئەڭ مۇھىم، تەربىيىچىلەر ھەربىر پىيونېرنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان، قۇربىتى يېتىدىغان پەن – تېخنىكا پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەربىر بالىنى ‹‹ھەرىكەتلەندۈرۈش›› كېرەك. تۆۋەن يىللىقتىكى پىيونېرلارنى قىزىقارلىق پەن – تېخنىكا ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاددىي ئىلىم – پەن ھېكايىسىنى سۆزلەپ، ئۇلارغا تۇرمۇشتىكى بىر قىسىم ئىلىم – پەن ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرۈش؛ ئوتتۇرا، يۇقىرى يىللىقتىكى پىيونېرلارنى پەن – تېخنىكا پائالىيىتىنىڭ تۈرلىرىنى ئۆزلىرى تاللاشقا، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشكە، ئۆزىگە باھا بېرىشكە يېتەكلەش كېرەك. مەسىلەن، 5– ئاينىڭ 22 – كۈنى دۇنيا جانلىقلار كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا مەكتىپىمىزدىكى 4 – يىللىق 4 – سىنىپتىكى پىيونېرلار مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا: ئەتراپىدىكى جانلىقلارغا دىققەت قىلىپ، ‹‹يېشىل دوست›› )ئۆسۈملۈك، ھايۋانات قاتارلىق جانلىقلار(نى زىيارەت قىلىش پەن – تېخنىكا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپچىلىكنى ‹‹كۆرۈشكە، ئاڭلاشقا، ئويلاشقا، قول سېلىپ ئىشلەش››كە چاقىرىق قىلىپ، بىر يېشىل ھەمراھ تېپىشنى تەشەببۇس قىلدى. پىيونېرلار بەس – بەستە ئاۋاز قوشۇپ تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ دالىلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، توردىن ئىزدەش، كىتاب – ماتېرىياللارنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق ئەتراپىدىكى ھەر خىل جانلىقلارغا يېقىنلاشتى. بىر قىسىم پىيونېرلار يازلىق ھاشاراتلار قايسىلار دېگەننى تەتقىق قىلدى، بەزى پىيونېرلار بىر تەشتەك ئۆسۈملۈك تېرىپ ياكى بىر كىچىك ھايۋاننى بېقىپ، ئۇنى كۆزىتىش خاتىرىسى يېزىپ، ئۇنىڭدىكى ‹‹ئىلىم – پەن مەسىلىسى››نى بىلىۋالدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئەمەلىيەتتە كىچىك تىپتىكى پەن – تېخنىكا ئومۇملاشتۇرۇش تەجرىبە پائالىيىتىدۇر. پىيونېرلار بۇنىڭغا ئوخشاش تەجرىبە، ئويلىنىش، ئانالىز قىلىش قاتارلىق پەن – تېخنىكا ئەمەلىيەت پائالىيىتى جەريانىدا قول سېلىپ ئىشلەپ، كاللا ئىشلىتىپلا قالماي يەنە ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلەش قابىلىيىتى ئۆستۈردى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىلىم – پەن ئېڭى كۈچەيدى.

      3. ئىجادچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش

      پەن – تېخنىكا پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش تەپەككۇرنى جانلاندۇرۇپ، ‹‹ئىجادكارلىق››روھىنى تىكلەشنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بۇ ‹‹ئىجادكارلىق›› ھەرگىزمۇ كەشپىيات يارىتىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى پىيونېرلاردا ئىجادكارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجادكارلىق ئىدىيىسىنى يېتىلدۈرگەندە پىيونېرلارنىڭ تەپەككۇرى جانلىنىپ، ئەركىن تەپەككۇر قىلىدۇ، تېخىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ ئۆگىنىدۇ. كىچىك تەجرىبە، كىچىك كەشپىيات بۇ‹‹ئىجادكارلىق››نىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلام نەتىجىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى. تەربىيىچىلەر پىيونېرلارنى ئىلىم – پەن مەبۇدىسىنى تېپىش، ئۇلارنىڭ بايقىشىنى مۇلاھىزە قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىجادكارلىق غايىسىنى تىكلەش روھىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، ئۇلاردا يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ‹‹ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش، بەھۇزۇر سۆزلىشىش، ئەركىن سىزىش›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى يۈرەكلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ياساش بىلەن قول ھۈنەر دەرسىنى بىرلەشتۈرۈش، ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش بىلەن ئەدەبىيات دەرسىنى بىرلەشتۈرۈش، چېۋەر قول بىلەن ئەمگەك دەرسىنى بىرلەشتۈرۈش، كەلگۈسى دۇنيا لايىھەسى بىلەن گۈزەل سەنئەت دەرسىنى بىرلەشتۈرۈش، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى بىلەن تارىخ، جۇغراپىيە دەرسىنى بىرلەشتۈرۈش، جانلىقلار تەجرىبىسى بىلەن تەبىئەت دەرسىنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پائالىيەتنى كېڭەيتىپ، ئىجادكارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

      4. قىزىقارلىققا ئەھمىيەت بېرىش پەن – تېخنىكا پائالىيىتىنىڭ تېمىسى، مەزمۇنى، شەكلى ئۆزگىچە، يېڭى بولسا پىيونېرلار قىزىقىپ قاتنىشىدۇ. پائالىيەتتە ھەربىر پىيونېرنى ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ‹‹پەن – تېخنىكا ئويۇنى››دا قانغۇچە ئويناش، ‹‹كەلگۈسى دۇنيانى ساياھەت قىلىش››تا تەكشۈرۈش قىزىقىشىنى قوزغاش، ‹‹زامانىۋى مودېل دۇنياسى››دا چەكسىز خۇشاللىقنى ھېس قىلىش، ‹‹ئاجايىپ – غارايىپ دېڭىز – ئوكيان دۇنياسى›› پەن – تېخنىكا ئومۇملاشتۇرۇش ئېكسكۇرسىيەسىدە ئۆزىنىڭ بىلىمىنى كېڭەيتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. بۇنداق پەن– تېخنىكا پائالىيىتى خۇشاللىققا تولغان ھەم قىزىقارلىق بولۇپ، پىيونېرلارنى ماگنىتقا ئوخشاش ئۆزىگە تارتىپ، ئۇلارنى كىچىكىدىن ئىلىم – پەننى سۆيىدىغان، ئىلىم – پەننى ئۆگىنىدىغان، ئىلىم – پەننى ئىشلىتىشكە تىرىشىدىغان قىلىپ يېتەكلىگىلى بولىدۇ.

      ئەترەت پەن – تېخنىكا پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلغاندا تەربىيەچىلەر ئۆز جايىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەكتەپنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلىشى؛ نوقۇل ھالدا دەرسلىكنى ئۆگىنىدىغان تەربىيە ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دەرسلىك، پائالىيەت، مۇھىت، ئەخلاق تەربىيەسى، مەھەللە كۆپ قاتلام بويىچە ئۆگىنىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنىۋېرساللىقنى ئىپادىلىشى؛ ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى پىيونېرلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە دىققەت قىلىپ، تەربىيە مەزمۇنى ۋە پائالىيەت مەزمۇنىنىڭ كۆپ خىللىقى، قاتلاملىقلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشى؛ ئەڭ مۇھىمى پىيونېرلارنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى ۋە قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، پىيونېرلارنى ئۆزى قول سېلىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە، كاللا ئىشلىتىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، پائالىيەتتە ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى ۋە ئىندىۋىدۇئاللىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر