قەتئىيلىك — توسالغۇنى ھوشسىزلاندۇرىدىغان ئەڭ زور كۈچ.
ئۇتۇق — ئۇيقۇ، ئويۇن – تاماشىنى تەرك قىلىش بەدىلىگە كېلىدىغان شەرەپ.
ئۈمىد — چۈشكۈنلۈك ۋە ئازابنىڭ بىردىنبىر رەقىبى، قىشتا پارلىغان قۇياش، تومۇزدا ياغقان يامغۇر.
ئۈمىدسىزلىك — ئۈمىدنىڭ يارىدار قىياپىتى، قۇياشسىز سەھەر.
سەمىمىيەت — ھۆرمەتنىڭ تۈۋرۈكى.
ئەمگەك — مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاتىسى.
ئەخلاق — دۆلەتنىڭ بايرىقى، روھنىڭ غۇنچىسى.
تەپەككۇر — سىرنى ئاچقۇچى، كۆزى ئېچىلغان بوۋاق.
ئەقىل – ھەقنىڭ نۇرى، ئىنساننىڭ گۈزەل كېلەچىكى، مەۋجۇتلۇقنىڭ ئانىسى، قىلىچنىڭ بىسى.
روھ — ئەركىن قۇش.
ئىشەنچ — مەڭگۈلۈك سۈبھى.
ھەسەت — ئىقتىدارسىز رىقابەت.
ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى — قىممەت يارىتىش.
پاراسەت — ئاقىلنىڭ بېشىدىكى تاج.
پۇرسەت — تالانت ۋە ئىقتىدارنى ئىسپاتلىغۇچى.
سوئال — جۈرئەت.
جاسارەت — مەڭگۈلۈك گۈزەل ئەخلاق.
دوست — ساڭا ئوخشاش كەمچىلىكى بار ئادەم.
ياخشى كۆڭۈل – باغ، ياخشى گەپ – گۈل، ياخشى ئىدىيە – يىلتىز، ياخشى ئىش – مېۋە.
تەكەببۇرلۇق — شەيتاننىڭ ئىشى، مەنمەنچىلىك – ناداننىڭ ئىشى.
مۇلايىم سۆز — ۋەھشىيلەرنى دوستلاشتۇرىدىغان خىسلەتلىك دورا.
تەن ساقلىق — پادىشاھلىق.
سىدىق تۇردى (قاغىلىق ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە) تەييارلىغان