باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

چارچاشنى تۈگىتەلەيدىغان ئۈسكۈنە

      ئوقۇغۇچىلار بىر كۈن مەكتەپتە دەرس ئاڭلاپ، يەنە ئۆيگە قايتىپ تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئىنتايىن چارچايدۇ. شۇڭا، مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چارچىشىنى تۈگىتەلەيدىغان ئۈسكۈنە كەشىپ قىلىشنى ئويلىدىم. بۇ ئۈسكۈنىنىڭ سىرتقى شەكلى دۇبۇلغىغا ئوخشايدىغان باش كىيىمى بولۇپ ئىچىگە تارقىتىش ئاپپاراتى سەپلەنگەن. تارقىتىش ئاپپاراتىنىڭ ئىچىدە ئۇششاق ئۇۋىلاش يىڭنىلىرى بار. بۇ خىل باش كىيىمنى كىيگەندە تارقىتىش ئاپپاراتى ئۇۋىلاش يىڭنىسى ئارقىلىق چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنى غىدىقلاپ باشنىڭ بىرقانچە پەللىسىنى ئۇۋىلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن چارچىشىمىز تۈگەيدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر