باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

چەت ئەللەردىكى ئوقۇتقۇچىلار بايراملىرى

      پورتۇگالىيە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى ئەڭ بۇرۇن تەسىس قىلغان دۆلەت. 1890 – يىلى 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى پورتۇگالىيەدىكى ياركومبۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىسىغا بەس – بەس بىلەن رەڭدار لېنتىلارنى تەقدىم قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرگەن، ئوقۇتقۇچىلارمۇ لېنتىلارغا ئىمزا قويۇپ خاتىرە قالدۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى پورتۇگالىيەنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىلدى.

      ۋېنېزۇئېلا 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ كۈندە زۇڭتۇڭ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار››غا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىدۇ.

      چېخ 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. بايرامنىڭ ئالدى – كەينىدىكى بىر ھەپتىدە ھەر خىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

      ۋېنگىرىيە 6 – ئاينىڭ 5 – كۈنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ كۈندە دۆلەت ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى يىغىپ ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار››نى تەقدىرلەيدۇ.

      گېرمانىيە 6 – ئاينىڭ 5 – كۈنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ كۈنى ھەرقايسى جايلاردا ئەھمىيەتلىك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مىنىستىرلار كېڭىشى بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلەيدۇ. ھەرقايسى جايلار ئۆز جايىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا سوۋغا تەقدىم قىلىپ ئۇلارغا ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ھال سورايدۇ.

      ھىندىستان 9 – ئاينىڭ 5 – كۈنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ كۈنى ھەرقايسى جايلاردا تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلىپ، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلۈپ ئوقۇتقۇچىلارنى مەدھىيەلەيدىغان نومۇرلار ئورۇندىلىدۇ.

      چاۋشيەن 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ كۈنى ھەرقايسى مەكتەپلەردە تەبرىكلەش يىغىنلىرى ئېچىلىدۇ. دۆلەت مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇتقۇچىلارغا ‹‹جۇمھۇرىيەت ئەمگەك قەھرىمانى›› دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىدۇ.

      ئامېرىكا 9 – ئاينىڭ 28 – كۈنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بايرام 1971 – يىلى پارلامېنتتىكى ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەسمىي قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشى بىلەن قارار قىلىنغان.

      رۇسىيە 10 – ئاينىڭ بىرىنچى يەكشەنبە كۈنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ كۈنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تەبرىكلەش يىغىنلىرى ئېچىلىپ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارغا مېدال ۋە مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. پولشا 10 – ئاينىڭ 14 – كۈنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ۋە ‹‹خەلق مائارىپ كۈنى›› قىلىپ بېكىتكەن. بۇ كۈنى دۆلەت رەھبەرلىرى ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارغا ‹‹تۆھپىكار باغۋەن›› دېگەن نامنى بېرىدۇ.

      فىرانسىيەدە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ كونكرېت ۋاقتى بېكىتىلمىگەن. بىراق، ھەر يىلى 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىكى ‹‹مىلاد بايرىمى›› دا ئاتا – ئانىلار سوۋغا تەييارلاپ، ئوقۇتقۇچىلاردىن ھال سوراپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

 ئابلەت ئابلىز سەردارى (ئونسۇ ناھىيەلىك يېزا – ئىگىلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە مەكتىپىدە) تەرجىمىسى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر